شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە تۇلۇق تېكىستى
0
2019-07-22 18:57:00
|
مەنبەسى:تىيانشان تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

(2019-يىل 7-ئاي)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى

كىرىش سۆز

جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىغا، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان، موڭغۇلىيە، روسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستاندىن ئىبارەت سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ، داڭلىق «يىپەك يولى» بۇ جايدا قەدىمكى جۇڭگو بىلەن دۇنيانى باغلاپ، ئۇنى كۆپ خىل مەدەنىيەت جەملەنگەن جايغا ئايلاندۇرغان.

جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە، شىنجاڭنىڭ تەقدىرى باشتىن-ئاخىر ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەلگەن. ھالبۇكى، بىر مەزگىلدىن بۇيان، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر، بولۇپمۇ مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان-تېررورچى كۈچلەر (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈچ خىل كۈچ» دەپ ئاتىلىدۇ) جۇڭگونى بۆلۈۋېتىش، پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، تارىخنى قەستەن بۇرمىلاپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئۇلار شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى يوققا چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشقان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىدەك ئوبيېكتىپ پاكىتنى ئىنكار قىلىپ، شىنجاڭنى بىمەنىلىك بىلەن «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاپ، شىنجاڭ «مۇستەقىللىقلىقى»نى تەرغىپ قىلىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىن، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيتىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇندى.

تارىخنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، پاكىتنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. شىنجاڭ جۇڭگو مۇقەددەس زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭ ئەزەلدىن قانداقتۇر «شەرقىي تۈركىستان» ئەمەس؛ ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەزگىل كۆچۈش، يۇغۇرۇلۇش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى؛ شىنجاڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى قوينىدا يېتىلىپ تەرەققىي قىلغان؛ ئىسلام دىنى ئۇيغۇر مىللىتى ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەس ھەم بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىنمۇ ئەمەس، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە يۇغۇرۇلغان ئىسلام دىنى جۇڭخۇانىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان ھەمدە ساغلام راۋاجلانغان.

1.شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى

جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تارىخىي مۇقەررەرلىك. تارىختا جۇڭخۇا مىللىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى بېقىپ ئۆستۈرگەن شەرقىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا دېھقانچىلىق رايونىمۇ، كۆچمەن چارۋىچىلىق رايونىمۇ بولغان. ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغان قوۋملارنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا تولۇقلىشى، كۆچۈشى، قوشۇلۇشى، توقۇنۇشۇشى، يۇغۇرۇلىشى جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغان.

جۇڭگو تارىخىدا ئەڭ دەسلەپكى شيا، شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا گۈللىنىپ، ئەتراپىدىكى چوڭ-كىچىك ئۇرۇق، قەبىلە، قەبىلىلەر ئىتتپاقى بىلەن تەدرىجىي يۇغۇرۇلۇپ شەكىللەنگەن قوۋملار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ شيالار ياكى خۇاشيا دەپ ئاتالدى. چۇنچيۇ دەۋرىدىن جەنگو دەۋرىگىچە خۇاشيا قوۋمى سۇلالە ئەتراپىدىكى ئۇرۇق، قەبىلە، قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش نەتىجىسىدە، تەدرىجىي ھالدا چى، چۇ، يەن، خەن، جاۋ، ۋېي، چىن قاتارلىق يەتتە رايوننى شەكىللەندۈردى ھەم ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقتە يى(夷)، جەنۇبتا مەن(蛮)، غەربتە رۇڭ(戎)، شىمالدا دى(狄) قاتارلىق ئەتراپىدىكى قوۋملار بىلەن ئالاقە باغلىدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 221-يىلى چىن شىخۇاڭ تۇنجى بىرلىككە كەلگەن فېئودال سۇلالىنى قۇردى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 202-يىلى خەن سۇلالىسىنىڭ گاۋزۇ خانى ليۇ باڭ بىرلىككە كەلگەن فېئودال سۇلالىنى يەنە بىر قېتىم قۇردى.

خەن سۇلالىسىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىللىرىگىچە شىنجاڭدىكى تىيانشاننىڭ جەنۇب-شىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ رايونلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ غەربىي يۇرت(西域) دەپ ئاتالغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ، شىنجاڭ رايونى جۇڭگو تېرىتورىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا رەسمىي ئايلاندى. خەن سۇلالىسىدىن كېيىن، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئۆتكەن سۇلالىلەر بەزىدە كۈچىيىپ، بەزىدە ئاجىزلاشتى، غەربىي يۇرت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەزىدە سۇس، بەزىدە قويۇق بولۇپ كەلدى، مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئىدارە قىلىشى بەزىدە چىڭ، بەزىدە بوش بولدى، لېكىن سۇلالىلەرنىڭ ھەممىسى غەربىي يۇرتنى ئۆز زېمىنى دەپ قاراپ، بۇ رايوننى باشقۇرۇش تەۋەلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى ئورتاق كۈرەش قىلىپ ياراتقان.

غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت ھۇن(匈奴)لار غەربىي يۇرتنى كونترول قىلىۋالغان ھەمدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا توختىماي ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان. خەن ۋۇدى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھۇنلارغا قايتۇرما زەربە بەردى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 138-يىلى ۋە مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 119-يىلى جاڭ چيەننى ئىككى قېتىم غەبىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، روۋجى(月氏)لار، ۋۇسۈن(乌孙)لار بىلەن بىرلىشىپ ھۇنلارغا تاقابىل تۇردى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 127-يىلىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 119-يىلىغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ ھۇنلارغا قاتتىق زەربە بەردى ھەمدە ئىچكىرىدىن غەربىي يۇرتقا ئۆتىدىغان مۇھىم ئۆتكەللەردە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ۋۇۋېي، جاڭيې، جيۇچۈەن، دۇنخۇاڭدىن ئىبارەت تۆت ئايماقنى تەسىس قىلدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 101-يىلى بۈگۈر قاتارلىق جايلاردا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلدى ھەمدە ئۇ جايلارنى يەرلىك ئەمەلدار قويۇپ باشقۇردى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 60-يىلى شەرقىي تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ھۇنلارنىڭ باتىسقانى(日逐王) خەن سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىپ، غەربىي خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈردى. شۇ يىلى غەربىي يۇرتنى باشقۇرىدىغان ھەربىي-مەمۇرىي ئاپپارات ــ غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلدى. مىلادىيە 123-يىلى شەرقىي خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى غەربىي يۇرت جاڭشى(长史) مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىپ، غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى داۋاملىق يۈرگۈزدى.

ئۈچ بەگلىك دەۋرىدىكى ۋېي ھاكىمىيىتى خەن سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلىپ، غەربىي يۇرتتا ۋۇجى چېرىكچىبېگى(戊己校尉) تەسىس قىلدى. غەربىي جىن سۇلالىسى غەربىي يۇرتتا غەربىي يۇرت جاڭشىسى ۋە ۋۇجى چېرىكچىبېگى تەسىس قىلىپ، ھەربىي-مەمۇرىي ئىشلارنى باشقۇردى. ئۈچ بەگلىك، ئىككى جىن سۇلالىسى مەزگىلىدە، شىمالدىكى ھۇن، سىيانپىي(鲜卑)، دىڭلىڭ(丁零)، ۋۇخۇەن(乌桓) قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بىر قىسمى ئىچكىرىگە كۆچتى ھەمدە ئاخىرقى ھېسابتا خەنزۇلار بىلەن سىڭىشىپ كەتتى. 327-يىلى ئالدىنقى لياڭ ھاكىمىيىتى تۇنجى قېتىم ئايماق-ناھىيە تۈزۈمىنى غەربىي يۇرتقا كېڭەيتىپ، قوچۇ ئايمىقىنى تەسىس قىلدى (تۇرپان ئويمانلىقىدا). 460-يىلدىن 640-يىلغىچە، تۇرپان ئويمانلىقىنى مەركەز قىلغان ھالدا خەنزۇلار ئاساسلىق ئاھالە بولغان قوچۇ بەگلىكى(高昌国) قۇرۇلۇپ، كەن، جاڭ، ما، چۈ فامىلىلىك جەمەتلەر ئۆتتى. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بۆلۈنمە ھالىتىگە خاتىمە بېرىلىپ، ئايماق-ناھىيە تۈزۈمى شىنجاڭ دائىرىسىدە كېڭەيتىلدى. تۈرك(突厥)، تۇيۈخۇن(吐谷浑)، تاڭغۇت(党项)، جيالياڭيى(嘉良夷)، فۇگو(附国) قاتارلىق ئەتراپتىكى مىللەتلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۈي سۇلالىسىگە ئىتائەت قىلدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، مەركىزىي ھاكىمىيەت غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەنشى باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ۋە بېشبالىق باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى بىر تۇتاش باشقۇردى. ئۇدۇن بەگلىكى ئۆزىنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتى ئۇرۇقىغا تەۋە دەپ قاراپ، تاڭ سۇلالىسى خانىنىڭ لى دېگەن فامىلىسىنى قوللاندى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، غەربىي يۇرتتىكى يەرلىك ھاكىمىيەتلەر سۇڭ سۇلالىسى بىلەن ئولپان تاپشۇرۇش مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى. قوچۇ قەدىمكى ئۇيغۇر(回鹘خۇيخۇ)لىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاكىمىيىتى (سۇڭ سۇلالىسى) نى تاغام دەپ ھۆرمەتلەپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ غەربىي ئايماقتىكى جىيەنى دەپ ئاتىدى. قاراخانىيلار خانلىقى سۇڭ سۇلالىسىگە كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ ئولپان تاپشۇرۇپ كەلدى. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە، ھەربىي-مەمۇرىي ئىشلارنى باشقۇرىدىغان بېشبالىق باش ئەمىرلەشكەر مەھكىمىسى، ئايغاقچى مەھكىمىسى قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى. 1251-يىلى غەربىي يۇرتتا دىۋان ۋازارىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، مەركىزىي ھاكىمىيەت غەربىي يۇرتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئاپپارات ــــ قومۇل ياساۋۇل مەھكىمىسىنى تەسىس قىلدى ھەمدە جيايۈگۈەن بىلەن قومۇل ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەندىڭ، ئادۈەن، چۈشيەن، خەندۇڭ، چىكىن موڭغۇل، شاجۇدىن ئىبارەت ئالتە ياساۋۇل مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، غەربىي يۇرتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەدەت بەردى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جۇڭغارلار توپىلىڭىنى تىنچىتىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگراسىنى بېكىتتى. شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ رايونىغا تېخىمۇ سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. 1762-يىلى ئىلى جياڭجۈنىنى تەسىس قىلىپ، ھەربىي-مەمۇرىي ئىشلار بىرلەشكەن ھەربىي مەھكىمە تۈزۈلمىسىنى يولغا قويدى. 1884-يىلى شىنجاڭ رايونىنى ئۆلكە قىلىپ قۇردى ھەمدە «ئەسلى زېمىنىنى يېڭىدىن قايتۇرۇۋېلىش» دېگەن مەنىدە «西域» نى «新疆» غا ئۆزگەرتتى. 1912-يىلى شىنجاڭ شىنخەي ئىنقىلابىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، جۇڭخۇا مىنگونىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسىگە ئايلاندى.

1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولدى. 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، راۋاجلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، جۇڭگو زېمىنى بۆلۈنگەن مەزگىللەرمۇ، بىرلىككە كەلگەن مەزگىللەرمۇ بولدى، بىرلىككە كېلىش بىلەن بۆلۈنۈش ئالمىشىپ دەۋرىيلىنىپ تۇردى، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىپ راۋاجلىنىشى باشتىن-ئاخىر ئاساسىي ئېقىم بولۇپ كەلدى.

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردە ئىلگىرى بەگلىكلەر ياكى بۆلۈنمە ھاكىمىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىغا ئوخشاش، شىنجاڭ رايونىدىمۇ يەرلىك ھاكىمىيەت بۆلۈنۈپ تۇرۇش ئەھۋالى كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ بۆلۈنۈپ تۇرۇش مەزگىلىنىڭ قانچىلىك ئۇزاق، ۋەزىيىتىنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرى ھەممىسى قايتىدىن بىرلىككە كېلىشكە يۈزلەندى، تارىختا غەربىي يۇرتتىكى ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردە ئىلگىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان «ئەل» لەر، جۈملىدىن شەھەر بەگلىكلىرى، كۆچمەن ئەل، سۇيۇرغاللىق، پادىشاھلىق، خانلىق، سۇلالە، بېقىندى ئەل، ئولپانچى ئەل قاتارلىقلار، مەيلى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىك بولسۇن، ياكى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قاراخانىيلار خانلىقى، قوچۇ قەدىمكى ئۇيغۇر(回鹘) خانلىقى قاتارلىقلار، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاغاتاي خانلىقى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يەكەن خانلىقى بولسۇن، ھەممىسى جۇڭگو تېررىتورىيەسىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەت شەكلى بولۇپ، ھېچقايسىسى مۇستەقىل دۆلەت ھېسابلانمايدۇ. يەرلىك بۆلۈنمە ھاكىمىيەت بولغان تەقدىردىمۇ، ھەممىسىدە جۇڭگو بىر گەۋدە ئېڭى قويۇق بولۇپ، ئۇلار ياكى ئۆزلىرىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاكىمىيىتىنىڭ تارمىقى، ياكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاكىمىيىتىگە تەۋە دەپ قارىغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان مەشھۇر تارىخىي ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئەينى چاغدىكى جۇڭگونى يۇقىرى چىن، ئوتتۇرا چىن ۋە تۆۋەن چىن دەپ ئۈچكە بۆلگەن، يۇقىرى چىن شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنى، ئوتتۇرا چىن لياۋ سۇلالىسىنى، تۆۋەن چىن قەشقەر رايونىنى، بۇ ئۈچى بىرلىشىپ مۇكەممەل بولغان چىننى كۆرسەتكەن. «چاڭچۈن جېنرېننىڭ غەربكە زىيارىتى» (《长春真人西游记》) دە خەنزۇلار تاۋغاچ دەپ ئاتالغان، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى سۆزلۈكلەردىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر (回鹘) لار تات تاۋغاچ دەپ ئاتالغان، جۇڭگو قەدىمكى ئۇيغۇر(回鹘)لىرى دەپ ئۇدۇل تەرجىمە قىلىنغان يەرلىرىمۇ بار. قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ پۇللىرىدا تاۋغاچ بۇغراخان، چىن خانى ھەمدە چىن ۋە شەرقنىڭ خانى دېگەندەك ناملار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

2. شىنجاڭ ئەزەلدىن «شەرقىي تۈركىستان» ئەمەس

تۈركلەر 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالتاي تېغى رايونىدا باش كۆتۈرگەن كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە بولۇپ، 552-يىلى جورجان(柔然) خانلىقىنى يوقىتىپ، تۈرك خانلىقىنى قۇرغان. 583-يىلى تۈرك خانلىقى ئالتاي تېغىنى پاسىل قىلغان ھالدا شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كۈچكە بۆلۈنگەن. 630-يىلى تاڭ سۇلالىسى ئەسكەر چىقىرىپ، شەرقىي تۈرك خانلىقىنى مەغلۇپ قىلغان. 657-يىلى تاڭ سۇلالىسى قەدىمكى ئۇيغۇر(回纥خۇيخې)لار بىلەن بىرلىشىپ، غەربىي تۈرك خانلىقىنى يوقاتقان، مەركىزىي ھاكىمىيەت غەربىي يۇرتنى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرگەن. 682-يىلى شىمالغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان شەرقىي تۈرك قەبىلىلىرى تاڭ سۇلالىسىگە ئاسىيلىق قىلىپ، بىر مەھەل كېيىنكى تۈرك خانلىقى ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. 744-يىلى تاڭ سۇلالىسى شىمالىي چۆللۈك قەدىمكى ئۇيغۇر(回纥)لىرى، قارلۇق(葛逻禄)لار بىلەن بىرلىشىپ، كېيىنكى تۈرك خانلىقىنى يوقاتقان. قەدىمكى ئۇيغۇر(回纥)لارنىڭ ئاقساقىلى كۆل بىلگە(骨力裴罗)نىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن سۆيۈنگىل قاغان(怀仁可汗) دەپ ئوتۇغات نامى بېرىلىپ، شىمالىي چۆللۈكتە قەدىمكى ئۇيغۇر(回纥) خانلىقى قۇرۇلغان. دۆلىتىمىزدىكى قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولغان تۈركلەرمۇ خانلىقنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پارچىلانغان ھەمدە غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياغا كۆچۈش داۋامىدا شۇ جايدىكى قوۋملەرگە سىڭىشىپ، بىر قانچە يېڭى مىللەتنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ يېڭى مىللەتلەر قەدىمكى تۈرك مىللىتىدىن ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تۈركلەر دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدا تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنگەن.

جۇڭگو تارىخىدا شىنجاڭ ئەزەلدىن «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتالغان ئەمەس، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» دېگەن نەرسە تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. 18-ئەسىردىن 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە غەربنىڭ ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى تىللارنى ئايرىشىغا ئەگىشىپ، بەزى دۆلەت ئالىملىرى ۋە يازغۇچىلىرى كۆپلەپ قوللانغان «تۈركىستان» تىيانشاننىڭ جەنۇبىدىن ئاففانىستاننىڭ شىمالىغىچە بولغان جايلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە پامىر ئېگىزلىكىنى پاسىل قىلغان ھالدا بۇ جۇغراپىيەلىك رايوننى «غەربىي تۈركىستان» ۋە «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئايرىشقا ئادەتلەنگەن. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە «پانتۈركزىم»، «پانئىسلامىزم» پىكىر ئېقىمى شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر بۇ جۇغراپىيەلىك نامنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، مەنىسىنى كېڭەيتىپ، تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى تىللارنى قوللىنىدىغان ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرلىشىپ، ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن «شەرقىي تۈركسىتان دۆلىتى» قۇرۇشقا كۈشكۈرتكەن. ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان» سەپسەتىسى چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، چەت ئەللەردىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونى بۆلۈۋېتىش، جۇڭگونى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشتىكى سىياسىي قورالى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىغا ئايلانغان.

3.شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىىنىڭ تەركىبىي قىسمى

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەت ئەتراپتىكى مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەت بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالاقىلاشقان، ئالماشتۇرغان، يۇغۇرۇلغان تارىخىي جەريان. ئالدىنقى چىن مەزگىلىدىكى خۇاشيا قوۋملىرى ئەتراپتىكى قوۋملار بىلەن ئۇزاق مەزگىل كۆپ مەنبەلىك يۇغۇرۇلۇپ، بولۇپمۇ چۇنچيۇ، جەنگو دەۋرىدىكى 500 يىلدىن ئارتۇق چوڭ داۋالغۇشتا قوشۇلۇپ، يۇغۇرۇلۇپ، چىن، خەن دەۋرىگە كەلگەندە، ئەتراپتىكى قوۋملار بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى نوپۇسى كۆپ بولغان خەنزۇ مىللىتى بولۇپ شەكىللەندى ھەمدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگونىڭ تارىخىي مۇساپىسىدىكى ئاساسىي گەۋدە مىللەتكە ئايلاندى. ۋېي، جىن، جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر مەزگىلىدە، مىللەتلەر، بولۇپمۇ شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كەڭ كۆلەمدە كۆچتى، شۇنىڭ بىلەن كەڭ كۆلەملىك يۇغۇرۇلۇش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. 13-ئەسىردە يۈەن سۇلالىسى قۇرۇلۇپ، سىياسىي جەھەتتە مىسلىسىز كۆلەمدە بىرلىككە كېلىش ۋەزىيىتى مىللەتلەرنىڭ مىسلىسىز كۆلەمدە كۆچۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۈەن سۇلالىسى چېگراسى ئىچىدە مىللەتلەر كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتى داۋامىدا، چوڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جايلىشىش ئالاھىدىلىكى ئاخىرقى ھېسابتا شەكىللەندى. كۆپ مىللەتلىك بولۇش دۆلىتىمىزنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، مىللەتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى، بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخىنى، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتتى.

شىنجاڭ رايونى ئەزەلدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرت ئوتتۇرىسىدا قاشتېشى سودىسى بولغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، جاڭ چيەن مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ غەربىي يۇرتقا بېرىپ، يىپەك يولىنى ئاچقان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، سودا كارۋانلىرى ئۆتۈشۈپ تۇرغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، «يىپەك-ئات سودىسى» داۋاملىق گۈللەنگەن، «تەڭرى قاغان يولى» ئىچكىرىگە بىۋاسىتە تۇتىشىپ، يول بويلىرىدا ئۆتەڭلەر بەرپا قىلىنىپ، غەربىي يۇرتتىكىلەر بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىلىشىشىدىكى بەلباغقا ئايلانغان. ئۇدۇن نەغمىسى، قوچۇ نەغمىسى، خۇلارنىڭ قۇيۇن ئۇسسۇلى قاتارلىق غەربىي يۇرتنىڭ نەغمە-ئۇسسۇللىرى ئوردىغىچە كىرىپ، چاڭئەن شەھىرىدە غەربىي يۇرت ئۇسلۇبى ئەۋج ئالغان. بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ كۇچادىكى كۈسەن نەغمىسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تونۇلۇپ، سۈي-تاڭ سۇلالىلىرىدىن تاكى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە ئوردا زىياپەت نەغمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى ھايات-ماماتلىق خەتەرلىك پەيتكە دۇچ كەلگەندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېڭىشقا بىردەك ئاتلىنىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك ۋەتەنپەرۋەرلىك سەھىپىلىرىنى بىرلىكتە پۈتتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى يېڭى مەزگىلگە قەدەم قويدى.

شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. شىنجاڭ رايونىنى ئەڭ دەسلەپتە ئاچقانلار بولسا ئالدىنقى چىندىن تارتىپ چىن-خەن سۇلالىسى مەزگىلىدە تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ياشىغان ساكلار(塞人)، روۋجىلار(月氏人)، ۋۇسۈنلار(乌孙人)، چياڭلار(羌人)، كۈسەنلىكلەر(龟兹人)، ئاگنىلىقلار(焉耆人)، ئۇدۇنلۇقلار(于阗人)، سۇلىلىقلار(疏勒人)، ساكارىئۇللۇقلار(莎车人)، كىرورانلىقلار(楼兰人)، چېشى(车师人) لار، شۇنىڭدەك ھۇنلار، خەنزۇلار قاتارلىقلار. ۋېي، جىن، جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى سىيانپىي(鲜卑)، جورجان(柔然)، قاڭقىل(高车)، ئېفتالىت(嚈哒)، تۇيۈخۇن، سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تۈرك(突厥)، تۈبۈت(吐蕃)، قەدىمكى ئۇيغۇر(回纥)، سۇڭ، لياۋ، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قىتان(契丹)، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى موڭغۇل(蒙古)، جۇرجىت(女真)، تاڭغۇت(党项)، قازاق(哈萨克)، قىرغىز(柯尔克孜)، مانجۇ(满)، شىبە(锡伯)، داغۇر(达斡尔)، خۇيزۇ(回)، ئۆزبېك(乌孜别克)، تاتار(塔塔尔) قاتارلىق خەنزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىكى نۇرغۇن ئاھالە ھەربىر تارىخىي مەزگىلدە شىنجاڭ رايونىغا كىرىپ-چىقىپ تۇرغان، ئوخشاش بولمىغان ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، مەدەنىيەت قارىشى، ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ رايونىنى ئورتاق ئاچقۇچىلاردۇر. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ، قىرغىز، مانجۇ، شىبە، تاجىك، داغۇر، ئۆزبېك، تاتار، رۇس قاتارلىق 13 ئاساسلىق مىللەت شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپ ساننى ئىگىلىگەن، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلىشىش ئەندىزىسى شەكىللەندى. ھەرقايسى مىللەتلەر شىنجاڭ رايونىدا ئۇزاق مۇددەتلىك كۆپىيىش-يېتىلىش، پارچىلىنىش، قوشۇلۇش جەريانىدا، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بولغان، بار-يوقنى تەڭ كۆرىدىغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش، قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ خوجايىنلىرىدۇر. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 56 مىللەت ئورتاق ياشاپ كەلمەكتە، ئۇ جۇڭگودىكى مىللەتلەر تەركىبى ئەڭ تولۇق ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلارنىڭ بىرىدۇر، بۇنىڭ ئىچىدە نوپۇسى بىر مىليوندىن ئاشقانلىرىدىن ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق ۋە خۇيزۇدىن ئىبارەت تۆت مىللەت بار، نوپۇسى 100 مىڭدىن ئاشقانلىرىدىن قىرغىز، موڭغۇلدىن ئىبارەت ئىككى مىللەت بار. شىنجاڭ رايونى ھەم شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ماكانى، ھەم جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ماكانىنىڭ تەركىبىي قىسمى.

شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى باشتىن-ئاخىر جۇڭخۇا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ كەلگەن. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئارازلىق، توقۇنۇشمۇ بولغان، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تېخىمۇ كۆپ بولغان، ئىتتىپاقلىشىش-ئۇيۇشۇش، جاسارەت بىلەن ئورتاق ئىلگىرىلەش باشتىن-ئاخىر ئاساسىي ئېقىم بولۇپ كەلگەن. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇرۇق-تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جايلىشىش جەھەتتە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تايىنىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا قوبۇل قىلىپ، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا يېقىنلىشىپ، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىر چوڭ ئائىلىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت. جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئۇرۇق-تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر-بىرىدىن ئايرىلماي، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، بىللە تىرىكچىلىك قىلىپ، بىللە ياشاپ، سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىدى.

4.ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەزگىل كۆچۈش، يۇغۇرۇلۇش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن

ئۇيغۇرلار ئەجدادىنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى خۇيخېلار (回纥) بولۇپ، موڭغۇل ئېگىزلىكىدە پائالىيەت قىلغان، ئۇلارنىڭ نامى ئىلگىرى ۋۇخۇ (乌护)، ۋۇخې (乌纥)، يۈەنخې (袁纥)، ۋېيخې (韦纥)، خۇيخې (回纥) دەپ ھەرخىل تەرجىمە قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا تۈركلەرنىڭ زۇلمى ۋە قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، قەدىمكى ئۇيغۇر(回纥)لار تېلى قەبىلىلىرىدىكى بارغۇت(仆固)، تۇڭرا(同罗)لار بىلەن بىرلىشىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر(回纥) قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان. 744-يىلى قەدىمكى ئۇيغۇر(回纥) قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ئاقساقال كۆل بىلگە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتۇغاتىنى قوبۇل قىلغان. 788-يىلى قەدىمكى ئۇيغۇر(回纥)لارنىڭ ھۆكۈمرانى تاڭ سۇلالىسىگە مەلۇمات يوللاپ، نامىنى خۇيخۇ (回鹘) غا ئۆزگەرتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. 840-يىلى قەدىمكى ئۇيغۇر(回鹘) خانلىقى قىرغىز(黠戛斯)لار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇر(回鹘)لارنىڭ بىر قىسمى ئىچكىرىگە كۆچۈپ، خەنزۇلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەندىن باشقا، قالغانلىرى مۇنداق ئۈچ تارماققا بۆلۈنگەن: بىر تارمىقى تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ھازىرقى جىمىسار رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ، قوچۇ قەدىمكى ئۇيغۇر(回鹘) خانلىقىنى قۇرغان؛ بىر تارمىقى خېشى كارىدورىغا كۆچۈپ، شۇ جايدىكى مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، يۈگۇ(裕固) مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن؛ بىر تارمىقى پامىرنىڭ غەربىگە كۆچۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھازىرقى قەشقەرگىچە بولغان رايونلارغا تارقىلىپ، قارلۇق(葛逻禄)، ياغما(样磨) قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇرغان. قەدىمكى ئۇيغۇرلار تۇرپان ئويمانلىقىدىكى خەنزۇلار، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئاگنىلىقلار، كۈسەنلىكلەر، ئۇدۇنلۇقلار، سۇلىلىقلار بىلەن ئارقا-ئارقىدىن يۇغۇرۇلۇپ، يېقىنقى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى خەنزۇ تىلىدا يەنە «畏(wèi)兀(wù)儿(ér)» دەپ ئاتالغان. يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تېخىمۇ يۇغۇرۇلغان، موڭغۇللار، بولۇپمۇ چاغاتاي خانلىقىدىكى موڭغۇللار ئۇيغۇرلار (畏兀儿人) بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇر(畏兀儿)لارغا يېڭى قان تولۇقلىغان. 1934-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسى ھۆكۈمەت پەرمانى ئېلان قىلىپ، «维吾尔» نى ئۇيغۇرنىڭ خەنزۇچە قېلىپلاشقان نامى قىلىپ بىر تۇتاش قوللىنىشنى قارار قىلدى، بۇ سەن بىلەن مېنىڭ ئىتتىپاقىمنى قوغداش دېگەن مەنىدە بولۇپ، Uygur دېگەن نامنىڭ ئەسلىي مەنىسىنى تۇنجى قېتىم توغرا ئىپادىلەپ بەردى.

تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تۈركلەرنىڭ قۇل قىلىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ ئىككىسى قۇل قىلىنىش ۋە قۇل قىلىش مۇناسىۋىتىدە بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بولغان خۇيخې (回纥)لار دەسلەپكى مەزگىلدە تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، تاڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، قوشۇن تارتىپ شەرقىي تۈرك خانلىقىغا قارشى تۇرغان ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ غەربىي تۈرك خانلىقى، كېيىنكى تۈرك خانلىقىنى يوقاتقان. غەربىي تۈرك خانلىقى يوقالغاندىن كېيىن، تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى تىللارنى قوللىنىدىغان بەزى قەبىلىلەر غەربكە كۆچكەن، بۇلارنىڭ بىر تارمىقى ئۇزاققىچە چۆرگىلەپ يۈرۈپ، غەربتە كىچىك ئاسىياغا كۆچۈپ، شۇ جايدىكى مىللەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان. ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس.

يېقىنقى زاماندىن بۇيان، بىر قىسىم «پانتۈركىزم» چى ئۇنسۇرلار غەربكە كۆچكەن تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى تىللارنى قوللىنىدىغان قىسمەن قەبىلىلەرنىڭ شۇ جايدىكى قوۋملارغا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى تىللارنى قوللىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تۈركلەر دەۋالدى، ئۇلارنىڭ نىيىتى باشقا. تىل ئائىلىسى بىلەن مىللەت ئوخشاشمايدىغان ئىككى ئۇقۇم، ئۇلارنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى بار. جۇڭگودا تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى تىللارنى قوللىنىدىغانلاردىن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، يۈگۇ، سالار قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇ مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئاتالمىش «تۈرك مىللىتى» نىڭ تەركىبىي قىسمى ئەمەس.

5.شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى

جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تەرەققىيات تارىخىغا ئىگە، ھەر مىللەت ئۇزاق جۇڭگو تارىخىنى، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە ياراتتى. چىن، خەن سۇلالىلىرىنىڭ ھەيۋىتى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەمۇرچىلىق، كاڭشى، چيەنلۇڭ يىللىرىدىكى گۈللىنىش ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ياراتقان شانلىق نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. كۆپ مىللەت، كۆپ خىل مەدەنىيەت بولۇش دۆلىتىمىزنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.

قەدىمدىن تارتىپ، جۇغراپىيەلىك مۇھىتتىكى پەرق ۋە رايونلار تەرەققىياتىدىكى تەكشىسىزلىك تۈپەيلىدىن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە مول، كۆپ مەنبەلىك ھالەت بارلىققا كېلىپ، جەنۇب-شىمال، شەرق-غەرب ئوتتۇرىسىدا پەرق ساقلانغان. چۇنچيۇ، جەنگو دەۋرىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە رايون مەدەنىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن. چىن، خەن سۇلالىرىدىن كېيىن، ھەرقايسى سۇلالىلار ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ كەڭ زېمىنىدا كۆچۈش، قوشۇلۇش، ئۇرۇش قىلىش، قۇدىلىشىش، سودىلىشىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇلۇپ، يۇغۇرۇلۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى شەكىللەندى.

2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىلا، شىنجاڭ رايونى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازا، شەرق-غەرب مەدەنىيىتى ئالماشتۇرۇلىدىغان، تارقىلىدىغان مۇھىم جاي بولۇپ كەلگەن، بۇ جايدا كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت توپلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بىلەن غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشى ھەم شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، ھەم كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە باشتىلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن-ئاخىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات يۆلەنچۈكى، قەلب ماكانى، مەنىۋى يۇرتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى بولۇپ كەلدى.

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرتىنڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئالدىنقى چىن دەۋرىدىلا باشلانغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، خەنزۇ تىلى غەربىي يۇرتنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىللارنىڭ بىرى بولغان، باربىت، چياڭ نېيى قاتارلىق چالغۇلار غەربىي يۇرتتىن ياكى غەربىي يۇرت ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، قائىدە-يوسۇن تۈزۈمى، خەنزۇچە كىتابلىرى، مۇزىكا-ئۇسسۇللىرى غەربىي يۇرتقا كەڭ تارقالغان. قوچۇ قەدىمكى ئۇيغۇر(回鹘)لىرى تاڭ سۇلالىسى كالىندارىنى تاكى 10-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە ئىشلەتكەن. تاڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن شائىرى سېن شېن شېئىرىدا «گۈل قوۋۇق سانغۇنى ناخشا ئېيتار خۇچە كارامەت، ۋاسسال بېگى سۆزلىشەر خەنزۇچىدا ئالامەت» دەپ يېزىپ، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ رايونىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ تەڭ قوللىنىلغانلىقى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللەنگەنلىكىدەك مەنزىرىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، بۇددا دىنى سەنئىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە داۋاملىق گۈللەنگەن، بۇددا دىنى سەنئىتىگە دائىر نۇرغۇن ئىزنالار ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە. غەربىي لياۋ سۇلالىسى مەزگىلىدە، قىتانلار قاراخانىيلار خانلىقىنى بويسۇندۇرۇپ، شىنجاڭ رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى كونترول قىلغان، بۇ جايلار كۆپرەك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ قائىدە تۈزۈم-يوسۇنلىرىغا ئىتائەت قىلغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە، ئۇيغۇر(畏兀儿) قاتارلىق نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئىچكىرى جايلارغا بېرىپ ياشاپ، خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنگەن، قوللانغان، بەزىلىرى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقان ھەمدە قوبۇل قىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك مەنسەپلەرنى تۇتقان، بىر تۈركۈم سىياسىيون، ئەدىب، سەنئەتكار، تارىخشۇناس، ئاگرونوم، تەرجىمانلار بارلىققا كېلىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغان. مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تاشقى مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىش، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن توقۇنۇش داۋامىدا ئارىسالدىلىق ئىچىدە تەرەققىي قىلغان. يېقىنقى، ھازىرقى زاماندىن بۇيان، شىنخەي ئىنقىلابى، رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى، 4-ماي ھەرىكىتى، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب كۈرىشىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەندى، مىللەتلەرنىڭ دۆلەتنى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبىدىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى مىسلىسىز زور گۈللىنىش، زور راۋاجلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. تارىخ ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ رايونىدا كۆپ خىل تىل تەڭ قوللىنىلغان، ئالاقە قويۇقلاشقانلىكى مەزگىل مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى گۈللەنگەن، جەمئىيەت ئالغا باسقان مەزگىل بولغان. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش، قوللىنىش شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم تارىخىي تەجرىبە.

شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى باشتىن-ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ كەلگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ئىسلام مەدەنىيىتى شىنجاڭغا كىرىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا گۈللەنگەن. 7-ئەسىردىكى ئەرەب مەدەنىيلىكى سىستېمىسىنى مەنبە قىلغان ئىسلام مەدەنىيىتى تاكى 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 10-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلام دىنى غەربىي يۇرتقا تارقىلىشى بىلەن ئاندىن شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن. دىننىڭ مەدەنىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش شەكلى ھەم ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە قوبۇل قىلىش يولى بىلەن بولغان، ھەم مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ھەتتا دىن ئۇرۇشى ئارقىلىق مەجبۇرلاش شەكلىدە بولغان. شىنجاڭغا ئىسلام دىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە كېيىنكى شەكىلدە تارقىلىپ كىرگەن، بۇ بۇددا دىنى تارقالغان مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. ئىسلام مەدەنىيىتى شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنى تاللاپ قوبۇل قىلغان ۋە جۇڭگوچىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتكەن، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە تەۋە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ۋە يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ كەتمىگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇشتەك ئوبيېكتىپ پاكىتمۇ ئۆزگىرىپ كەتمىگەن. 9-، 10-ئەسىرلەردە بارلىققا كەلگەن قەھرىمانلىق تارىخىي داستانى «ماناس» قىرغىز ماناسچىلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئېيتىپ كېلىشى ۋە بېيىتىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو-چەت ئەل ئەدەبىيات تارىخىدا كاتتا شۆھرەتكە ئېرىشكەن ئەدەبىي ئەسەرگە ئايلاندى. 15-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ قەھرىمانلىق تارىخىي داستانى «جاڭغىر» شىنجاڭ رايونىدا تەدرىجىي شەكىللىنىپ، «ماناس»، «گېسار» داستانلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەڭ داڭلىق ئۈچ تارىخىي داستانى دەپ تەرىپلەندى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئېسىل ئەسەرلەر ئۈزۈلمەي بارلىققا كەلدى، «قۇتادغۇبىلىك»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «ئون ئىككى مۇقام» قاتارلىق ۋەكىللىك ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك گۆھەرگە ئايلاندى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان.

جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبىدىن ئېتىراپ قىلىش شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسى. تارىختا ئومۇمەن مەركىزىي سۇلالىلەر شىنجاڭنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغان، جەمئىيەت مۇقىم بولغان چاغلاردا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش راۋانلىشىپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، روناق تاپقان؛ ئومۇمەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ رەھىمدىل بولۇش، خەلقنى ئاساس قىلىش، لەۋزىدە تۇرۇش، دىئالېكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش، ئومۇملۇقنى كۆزلەش ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈپ سىڭدۈرگەن، تولۇق قوبۇل قىلغاندا، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلىشىش ئالاھىدىلىكى شۇنچە روشەن بولغان، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى شۇنچە ئالغا باسقان. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشتا چوقۇم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئېچىۋېتىش –سىغدۇرۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيىتى بىلەن ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇشتا، دۇنيادىكى كۆپ مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

6.شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون

جۇڭگو ئەزەلدىن كۆپ دىن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان دۆلەت، تەشكىلىي خاراكتېرى، تۈزۈم خاراكتېرى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان بىرقانچە چوڭ دىندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئەل ئىچى ئېتىقاد مەۋجۇد. تويىن دىنى ۋە ئەل ئىچى ئېتىقاد جۇڭگونىڭ ئۆزىدە بارلىققا كەلگەندىن سىرت، باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى چەت ئەلدىن تارقىلىپ كىرگەن. شىنجاڭ رايونىدىمۇ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. بىر دىن ياكى ئىككى دىن ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ دىن ئەندىزىسىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى، سىڭىشىش، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى.

شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى ئۇزاق تارىخىي جەرياننى باشتىن كەچۈردى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىردىن بۇرۇنلا شىنجاڭدا ئىپتىدائىي دىن تارقالغان. تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1-ئەسىردە بۇددا دىنى شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىپ كىرىپ، 4-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە گۈللىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. شۇ مەزگىلدە زوروئاستىر دىنىمۇ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 17-ئەسىرنىڭ باشلىرى تىبەت بۇددا دىنى شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا تەدرىجىي گۈللەنگەن. تويىن دىنى 5-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە شىنجاڭغا تارقىلىپ، ئاساسلىقى تۇرپان، قومۇل قاتارلىق جايلاردا كەڭ ئومۇملىشىپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تارقالغان ھەم بىر مەھەل قايتا گۈللەنگەن. مانى دىنى ۋە نېستورىيان دىنى 6-ئەسىردە كەينى-كەينىدىن شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن. 10-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە نېستورىيان دىنى قەدىمكى ئۇيغۇر(回鹘) قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىشى بىلەن گۈللەنگەن.

9-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 10-ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا قاراخانىيلار خانلىقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇدۇن بەگلىكى بىلەن 40 نەچچە يىل دىن ئۇرۇشى قىلغان. 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇدۇننى مەغلۇپ قىلىپ، ئىسلام دىنىنى مەجبۇرىي يولغا قويۇپ، بۇددا دىنىنىڭ بۇ رايوندىكى 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىغا خاتىمە بەرگەن. ئىسلام دىنىنىڭ ئۈزلۈكسىز تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، زوروئاستىر دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى قاتارلىق دىنلار كۈنسېرى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۇرۇش قىلىش قاتارلىق مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىسلام دىنىنى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي ئېتىكى ، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە قۇمۇل ئەتراپىدا تەدرىجى يولغا قويغان. 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، شىنجاڭدا ئىسلام دىنى ئاساسي دىن قىلىنغان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەندىزە شەكىللەندى، ھەمدە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلدى. ئەسلىدىكى يەرلىك ئاھالە ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن زوروئاستېر دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى قاتارلىقلار تەدرىجى يوقالغان، بۇددا دىنى، تويىن دىنى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئويرات موڭغۇللىرى تىبەت بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلغان. تەخمىنەن 18-ئەسىردىن باشلاپ، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى، پىراۋوسلاۋىيە دىنى ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭغا تارقىلىپ كىردى. شىنجاڭدا ھازىر ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، تويىن دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى، پىراۋوسلاۋىيە دىنى قاتارلىق دىنلار بار، مەسچىت، چېركاۋ، بۇتخانا، تويىن ئىبادەتخانىسى قاتارلىق دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىن 24 مىڭ 800 ى، دىنىي خادىملاردىن 29 مىڭ 300 ى بار. بۇنىڭ ئىچىدە مەسچىت 24 مىڭ 400، بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسى 59، تويىن دىنى ئىبادەتخانىسى بىر، خىرىستىيان دىنى چېركاۋى (يىغىلىش نۇقتىسى) 227، كاتولىك دىنى چېركاۋى(يىغىلىش نۇقتىسى) 26، پىراۋوسلاۋىيە دىنى چېركاۋى (يىغىلىش نۇقتىسى) ئۈچ.

جۇڭگو دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە ئوخشاش ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ. ھەرقانداق دىننىڭ سىياسىيغا، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىندىن پايدىلىنىپ مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، مائارىپ، ئۆيلىنىش، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىقلارغا ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىندىن پايدىلىنىپ نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپ، خىزمەت تەرتىپى، تۇرمۇش تەرتىپىگە دەخلى قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، دىندىن پايدىلىنىپ جۇڭگو كومپارتىيەسىگە، سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

شىنجاڭ دۆلەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئائىت ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدۇ، ھەم دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىگىمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار، بۇخىل دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىلەن باشقا خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ، بىر دىننىڭ بۇ مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىلەن ئۇ مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش پەيدا قىلىشقا قەتئىي يول قويمايدۇ. شىنجاڭ دىنلارنىڭ بابباراۋەرلىكىدە باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، ھەممە دىنغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ، مەلۇم دىنغا يان باسمايدۇ، مەلۇم دىننى كەمسىتمەيدۇ، ھەرقانداق دىننىڭ باشقا دىنلاردىن ھالقىغان ئالاھىدە مەرتىۋىگە ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويمايدۇ. شىنجاڭ قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم بابباراۋەر بولۇشتا باشتىن –ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئامما ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمان بولىدۇ، ئوخشاش مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ، قانداق ئادەم بولۇشى، قايسى مىللەتتىن بولۇشى، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، قانۇنغا خىلاپلىقلا قىلىدىكەن، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى شەرت.

دىننىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشى ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشىدىكى يۈزلىنىش ۋە قانۇنىيەت. جۇڭگودا دىننىڭ تەرەققىي قىلىش تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرغاندىلا، دىننى ئاندىن جۇڭگو جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىللىق تارىخمۇ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دىن پەقەت سوتسىيالىزىم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقاندىلا، ئاندىن ساغلام تەرەققىي قىلالايدۇ. مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق «جۇڭگوچىسىزلاشتۇرۇش» خاھىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. زامانغا لايىق، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش ۋە تەشەببۇس قىلىش، نادان، قالاق، كونا ئادەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاش كېرەك. دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرىدىغان تارىخىي ئەنئەنىلەرنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگودىكى دىنلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئۇنىڭغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن تىرىشىپ يۇغۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا پائال يېتەكلەش شەرت.

7. ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىن ئەمەس

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەڭ دەسلەپتە ئىپتىدائىي دىن ۋە شامان دىنىغا، كېيىن زوروئاستىر دىنى، بۇددا دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان. تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە، قوچۇ قەدىمكى ئۇيغۇر(回鹘) خانلىقى ۋە ئۇدۇن بەگلىكىدە يۇقىرىدا خان-تۆرىلەردىن تۆۋەندە ئاۋام پۇقراغىچە ئومۇميۈزلۈك بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە، نۇرغۇن قەدىمكى ئۇيغۇر(回鹘)لار ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ، نېستورىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ھازىرغا قەدەر بەزى ئۇيغۇر ئاممىسى يەنىلا باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىۋاتىدۇ، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر دىنغا ئېتىقاد قىلمايدۇ.

ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىپ كىرىشى ئەرەب ئىمپېرىيەسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ غەربتىن شەرققە كېڭىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى ئەينى چاغدا ئاۋامنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېتىقادىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا يۈزلەنگەنلىكىدىن بولماستىن، بەلكى دىن ئۇرۇشى ۋە ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مەجبۇرىي يولغا قويغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. گەرچە بۇنداق مەجبۇرلاش بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا تەسىر يەتكۈزمىسىمۇ، لېكىن بۇ بىر تارىخىي پاكىت. ئىسلام دىنى ھەم ئۇيغۇرلار ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەس، ھەم بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىنمۇ ئەمەس.

شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەجداتلىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا، ھەم بۇ مىللەتلەرنىڭ ئەسلىدە بار بولغان ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالغان، ھەم شىنجاڭ رايونىدىكى باشقا مىللەتلەر ۋە ئىچكىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان، بىر قىسىم ئەسلىدە بار بولغان دىنىي كۆزقاراش، مۇراسىم، ئۆرپ ئادەتلەر تەدرىجى ئۆزگىرىش ئارقىلىق ساقلانغان، داۋاملاشقان ھەمدە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، روشەن رايون ئالاھىدىلىكى ۋە مىللەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە شىنجاڭ ئىسلام دىنىنى تەدرىجى شەكىللەندۈرگەن. مەسىلەن، ئىسلام دىنى ئەسلىدە ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق ئادەم ياكى شەيئىگە ئېتىقاد قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ، ئەمما ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ھازىرغىچە مازارغا تاۋاپ قىلىدۇ، بۇ ئىسلام دىنىنىڭ يەرلىكلەشكەنلىكىنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى. مازارغا ئېگىز خادا تىكلەش، تۇغ باغلاش، قوي تېرىسىنى ئېسىش قاتارلىق ئادەتلەر شامان دىنى، بۇددا دىنى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك دىنلاردىن قېپقالغان. يەنە مەسىلەن، چيەنلۇڭ يىللىرىدا سېلىنغان غۇلجىدىكى بەيتۇللا مەسچىتى، ئۈرۈمچىدىكى شەنشى چوڭ مەسچىتى قاتارلىقلار سېلىنغاندىلا، ئىچكىرىدىكى ئەنئەنىۋى لىم، تۈۋرۈكلۈك قۇرۇلما قوللىنىلغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگوچىلاشقانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، 20- ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرى 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، بولۇپمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى دىنىي ئەسەبىزم پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، دىنىي ئەسەبىزم شىنجاڭدا پەيدا بولۇپ، يامراپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، خەلقنىڭ ھاياتى، مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزدى. دىنىي ئەسەبىزم دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «ئىلاھىي ھاكىمىيەت سىياسىيسى سەپسەتىسى»، «دىن ئەلاچىلىقى سەپسەتىسى»، «كۇپپارلىق سەپسەتىسى»، «غازات سەپسەتىسى» قاتارلىق سەپسەتىلەرنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قۇترىتىپ، قوۋملارنىڭ قارشىلىشىشىنى پەيدا قىلدى. دىنىي ئەسەبىزم ئىسلام دىنى قاتارلىق دىنلاردا تەشەببۇس قىلىنىدىغان ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىققا ئىنتىلىش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتەك ئەقىدىلەرگە قارشى يول تۇتىدۇ، ئۇنىڭ ماھىيىتى ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە، دىنغا قارشى تۇرۇش. دىنىي ئەسەبىزم دىنغا بولغان ئاسىيلىق، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى دىنىي مەسىلىگە باغلىۋېلىشقا، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە دىنىي مەسىلىدىن پايدىلىنىپ باھانە ئىزدەشكە، دىنىي مەسىلىگە چېتىلىدۇ دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى يوقىتىش جاۋابكارلىقىدىن باش تارتىشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. شىنجاڭ خەلقئارا تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قەتئىىي تەدبىر قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، زوراۋان، تېررورچى كۈچلەرنىڭ ھەيۋىسىنى قاتتىق يەرگە ئۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ پەيدا بولۇشى، يامرىشىنى كۈچلۈك توسۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىخەتەرلىككە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى قاندۇرۇپ، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىدى. شىنجاڭنىڭ تېررورللۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىيلىقى، مەدەنىيلىكىنىڭ رەزىللىككە، ياۋۇزلۇققا قاراتقان كۈرىشىدۇر. ئۇ قوللاشقا، ھۆرمەتلەشكە ۋە چۈشىنىشكە ھەقلىق. خەلقئارادىكى بەزى دۆلەت، تەشكىلات ياكى شەخسلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە قوش ئۆلچەمنى يولغا قويۇپ، بۇنى كەلسە كەلمەس ئەيىپلەپ، قالايمىقان جۆيلۈپ، ئىنسانىيەت ئومۇمىي قائىدىسىگە ۋە ئاساسىي ۋىجدانغا تامامەن خىلاپلىق قىلدى، ھەققانىيلىقنى ۋە تەرەققىيپەرۋەرلىكنى سۆيىدىغان بارلىق كىشىلەر بۇنىڭغا ھەرگىز ماقۇل بولمايدۇ.

ئاخىرقى سۆز

تارىخ مەسىلىسى ــــ زور پىرىنسىپاللىق مەسىلە. تارىخىي ماتىرىيالىزم، دېئالېكتىك ماتىرىيالىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇلنى تەدبىقلاپ، دۆلەت، تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلەرنى توغرا تونۇپ، شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلىگە ئىلمىي جاۋاپ بېرىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقىغا، جۇڭگونىڭ بىرلىكىگە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمنلىكىگە، رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئىقتىساد ئۇدا تەرەققىي قىلماقتا، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولماقتا، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا، مەدەنىيەت مىسلىسىز گۈللەنمەكتە، دىنلار ئىناق، ئەپ ئۆتمەكتە، ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشماقتا، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا. چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، تارىخنى ئويدۇرۇپ، پاكىتنى بۇرمىلاپ، تارىخي ئېقىمغا قارشى يول تۇتتى، ئۇلار جەزمەن تارىخ ۋە خەلق تەرىپىدىن چۆرۈپ تاشلىنىدۇ، خالاس.

شىنجاڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللىتىگە مەنسۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گېنىغا ۋارىسلىق قىلىش، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ۋە ئىستىكى. نۆۋەتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا بوشاشماي تىرىشماقتا. شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

 

1124747068_1562933320039_title0h.jpg