ئىزدىنىش ژۇرنىلىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى
0
2019-07-16 18:05:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەد

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشردىن چىققان 14-سانىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتەيلى» دېگەن مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ماركسىزملىق پارتىيە-ئالىي سىياسىي غايە، يۈكسەك سىياسىي ئىنتىلىش، ساپ سىياسىي پەزىلەت، كەسكىن سىياسىي ئىنتىزامغا ئىگە. ئەگەر ماركسىزملىق پارتىيە سىياسىيدىكى ئىلغارلىقىنى يوقىتىپ قويسا، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ-پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى قىلىشنىڭ قائىدىسى. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى-مەڭگۈلۈك تېما. سىياسىي يۆنىلىشنى توغرىلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى بېيىتىپ، سىياسىي خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىش، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى-پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. سىياسىي يۆنىلىش-پارتىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تەرەققىي قىلىشىدىكى بىرىنچى مەسىلە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ھەم ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى ئاجىزلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئورتاق غايىسى، ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانى، پارتىيەنىڭ تۈپ نەزەرىيەسى، تۈپ لۇشيەنى، تۈپ ئىستراتېگىيەسى-بىز چىڭ تۇرىدىغان سىياسىي يۆنىلىشتىن ئىبارەت. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى-جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى-جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيە-ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى. پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئەڭ مۇھىم، بۇنى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىش كېرەك.

ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ئەل رايىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىينى چىڭ تۇتۇپ، ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىش كېرەك. خەلق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك ئالاقىسىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش-ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، ئۇنى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدىكى ئۇللۇق، دائىملىق خىزمەت قىلىش شەرت. توغرا ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىغا دائىر بىر قانچە مىزاننى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى سىياسىي مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتەك قەتئىيلىك بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىپ، پارتىيەمىزنى مەڭگۈ ئاينىپ كەتمەسلىك، مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئەخلاقلىق بولۇپ، جامائەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، پاك تەلەپچان بولۇش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىش، ئائىلىنى پاك-دىيانەتلىك قىلىشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ۋەزىيەتنى پەملەش، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش ئىقتىدارى، سىياسىي ھەق-ناھەقنى پەرق ئېتىش، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاش، سىياسىي ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، سىياسىي خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسىلىلەرنى سىياسىي جەھەتتىن تەھلىل قىلىش، ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

1124747068_1562933320039_title0h.jpg
F201907081630450836701489.jpg