«شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» چىقىرىلدى
0
2019-07-15 19:04:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

مەركەز «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقاردى. 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركەز «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېقىندا «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، جايلار، تارماقلار، ئورۇنلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش، تەھلىل قىلىشنى سېلىشتۇرۇپ ياخشى قىلىپ، سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىش ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى-يېڭى دەۋردە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەلىك كادىرلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى ئىگىلەشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق، ئەتراپلىق، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانلار ھەم مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى ئورگانلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قېتىملىق مەخسۇس ئۆگىنىش، مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىككىنى قوغداشنى ئىدراك ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىشنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، قەتئىي قوغداش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىغا ئاڭلىق توغرىلىنىپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، تەكشۈرۈش، تەھلىل قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانلار ھەم مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى ئورگانلار ئىككىنى قوغداش جەھەتتىكى پەرقلەرنى نۇقتىلىق تېپىپ چىقىشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشەببۇس قىلغانلىرىغا قەتئىي ئاۋاز قوشقان ياكى قوشمىغانلىقىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرىنى شۇ بويىچە قەتئىي ئىجرا قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەن ئىشلارنى قەتئىي توسقان ياكى توسمىغانلىقىغا قارىشى؛ نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى پەرقلەرنى تېپىپ چىقىشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي قوللىنىشقا كۈچ چىقارغان ياكى چىقارمىغانلىقىغا قارىشى؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش جەھەتتىكى پەرقلەرنى تېپىپ چىقىشتا، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدا چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ بولۇش مەسىلىسىنىڭ ساقلانغان ياكى ساقلانمىغانلىقىغا قارىشى؛ ئىستىل تۈزىتىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش جەھەتتىكى پەرقلەرنى تېپىپ چىقىشتا، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگەتكەن ياكى تۈگەتمىگەنلىكىگە، قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا بولغان ئەتراپلىق باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چېرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چېرىكلىشەلمەسلىك، چېرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرگەن ياكى سۈرمىگەنلىكىگە قارىشى؛ سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتىكى پەرقلەرنى تېپىپ چىقىشتا، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا قارىشى لازىم.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە چىڭ تۇتۇپ تۈزەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىدىغان ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مىخ قېقىش روھى بويىچە چىڭ تۇتۇپ تۈزىشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانلار ھەم مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى ئورگانلار سىياسىي ئورگاننىڭ روشەن خىسلىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككىنى قوغداشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمىدە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈندىلىك سۆز-ھەرىكەتلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈشى؛ مەسىلىلەرگە دادىل بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى ھەم ئاساسنى پۇختىلايدىغان ئۆزىنى كۈچەيتىش تەدبىرىنى ياخشى قوللىنىشى؛ ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش جاسارىتى يېتەرلىك بولماسلىق، ئۆز پايدا-زىيىنىنىڭلا غېمىنى يېيىش، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق، نەتىجە قازانماسلىق مەسىلىلىرىنى تېرىشىپ تۈزەپ، ساپلىق بىلەن مەسئۇلىيەتچانلىق، تېرىشچانلىق بىلەن پاكلىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئېغىر مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، قول تۇتىدىغان مەسىلىلەرنى زېممىسىگە ئېلىش، گاراڭ ئەمەلدار، ھورۇن ئەمەلدار، چاكىنا ئەمەلدار، خىيانەتچى ئەمەلدار بولماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شەكىلۋازلىقنى چوڭ تەكشۈرۈشنى باش بولۇپ قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى قاتلاممۇ-قاتلام ھۆججەت تارقىتىش، قاتلاممۇ-قاتلام يىغىن ئېچىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش زىيادە كۆپ بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرمۇ-بىر چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي تۈزەش؛ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ بولۇش مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزەپ، قەتئىي، كۈچلۈك ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تاۋلاپ چىقىپ، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنى بىردىن قىپقىزىل بايراققا، ھەر بىر پارتىيە ياچېيكىسىنى پارتىيە بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرىدىغان جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش لازىم.

1124747068_1562933320039_title0h.jpg
F201907081630450836701489.jpg