شى جىنپىڭ ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-07-13 16:12:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلھام مامۇت

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 12-كۈنى خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى رۇەنشى جىنيىن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ رۇەنشى جىنيىننىڭ باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى تاپىلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام «يولداش ۋە قېرىنداش»، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. كېلەر يىلى جۇڭگو-ۋىيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بىز ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەلەر ئارا ئالاقىدىكى ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئىككى پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچنى مەڭگۈ ساقلاپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر بەلباغ، بىر يولنى ئورتاق قۇرۇش بىلەن ئىككى كارىدور بىر چەمبىرەكنى تۇتاشتۇرۇپ ھەمكارلىشىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئەلئارا ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ئىككى پارتىيە ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئورتاق تونۇشىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق دېڭىز تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىش، دۆلەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ ئالاقىسى كۆپەيدى، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە-قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى پىكىر يولى ئاچتى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەلرايى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۆپرەك خىزمەت ئىشلەپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

رۇەنشى جىنيىن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭنىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە تىلىكىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى، دۆلىتى، خەلقى جۇڭگودىكى يولداشلارنىڭ بەرگەن ۋە بېرىۋاتقان قىممەتلىك قوللىشى ۋە ياردىمىنى باشتىن-ئاخىر ئېسىدە چىڭ ساقلاپ كەلمەكتە. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگولۇق يولداشلار جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن مۇھىم تەرەققىيات نىشانىنى چوقۇم ئورۇندايدۇ. ۋىيېتنام جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى يېتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىستىك تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ.

1124747068_1562933320039_title0h.jpg
F201907081630450836701489.jpg