ئىزدىنىش ژۇرنىلىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى
0
2019-07-01 10:56:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى بولغان ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش باش تېمىلىق تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆزى ئېلان قىلىندى 

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشر قىلىنغان 13-سانىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى بولغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان سۆزى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، باتۇرلارچە كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتكە ئەمەل قىلىش، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، پەرقنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي خىسلەتنى تاۋلاش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ؛ نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى-سىياسىي جەھەتتە پاكلىنىش، ئىش قىلغاندا ئىگىلىك تىكلەشتە ۋەزىپىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك-دىيانەتلىك بولۇشتا ئۈلگە بولۇش كونكىرېت

نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق تەربىيەسىدە كۆزلەنگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش تېمىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى جىددىي ئېھتىياج. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بۇ مۇھىم پەيتتە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتى شۇكى، مەيلى قانچىلىك يىراققا ماڭايلى، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش تېمىلىق تەربىيەسىنىڭ نىشان تەلىپىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. باش تېمىلىق تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتۇش، بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ بىر ئۆزئارا باغلىنىشلىق بىر پۈتۈن گەۋدە؛ ئۇنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، باش تېمىلىق تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. باش تېمىلىق تەربىيەسىنىڭ نىشان-ۋەزىپىسىدە پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە، سىياسىي، ئىستىل، ئىقتىدار، پاكلىق جەھەتتىكى ئاساسىي تەلىپى نامايەن قىلىندى.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش تېمىلىق تەربىيەسىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، تەشكىلىي رەھبەرلىك، ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، باش تېمىلىق تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەشۋىقات ئامما پىكرىنىڭ  يېتەكلەش  رولىنى  جارى  قىلدۇرۇش لازىم. ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ساقلىنىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لازىم.

0 (1).jpg
1.jpg