شى جىنپىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقى ئىمزالىدى
0
2019-06-30 16:04:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەت

 

شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جازا ئۆتەۋاتقان 9 خىل جىنايەتچىنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقى ئىمزالىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق يىغىنىدا 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ماقۇللانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا جازا ئۆتەۋاتقان قىسمەن جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن، جازا ئۆتەۋاتقان توققۇز خىل جىنايەتچىنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى.

دۆلەت رەئىسىنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقىغا ئاساسەن، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسى چىقارغان كۈچكە ئىگە ھۆكۈمگە ئاساسەن، جازا ئۆتەۋاتقان توققۇز خىل جىنايەتچى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ:

بىرىنچى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقانلار؛

ئىككىنچى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقانلار؛

ئۈچىنچى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلىرىغا بىرقەدەر چوڭ تۆھپە قوشقان ھەمدە ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىكتىن يۇقىرى «ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، «ئىلغار خىزمەتچى»، «1-ماي ئەمگەك مېدالى» قاتارلىقلارغا ئېرىشكەنلەر؛

تۆتىنچى، ئىلگىرى ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن ھەمدە شەخسىي 1-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خىزمەت كۆرسەتكەنلەر؛

بەشىنچى، قوغدىنىش ياكى خەۋپتىن ساقلىنىشى مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى قالغان جازا مۇددىتى بىر يىلدىن تۆۋەن بولغانلار؛

ئالتىنچى، 75 ياشقا توشقان، تېنى ئېغىر مېيىپ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلار؛

يەتتىنچى، جىنايەت ئۆتكۈزگەندە 18 ياشقا توشمىغان، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى قالغان جازا مۇددىتى بىر يىلدىن تۆۋەن بولغانلار؛

سەككىزىنچى، جۆرىسى قازا قىلغان ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى بولغان ياكى ئېغىر مېيىپ، تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان پەرزەنتلىرى بار، ئۇلارنى ھەقىقەتەن ئۆزى بېقىشقا تېگىشلىك ئاياللاردىن ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى قالغان جازا مۇددىتى بىر يىلدىن تۆۋەن بولغانلار؛

توققۇزىنچى، كېپىللىك قويۇپ بېرىش مۇددىتىنىڭ بەشتىن بىردىن كۆپرەك كېپىللىك سىناق مۇددىتى توشقانلار ياكى رېجىم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار.

 

دۆلەت رەئىسىنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقىدا يۇقىرىقى توققۇز خىل ئوبيېكتنىڭ ئىچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:

بىرىنچىدىن، 2-، 3-، 4-، 7-، 8-، 9-خىلدىكى ئوبيېكىتلار ئىچىدە پارا ئېلىش، خىيانەت قىلىش جىنايتى ئۆتكۈزگەن، ھەربىيلەر مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، خەتەرلىك ماددىلارنى سېلىش ياكى تەشكىللىك زوراۋانلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈش، قارا جەمئىيەت خاراكتىرىدىكى تەشكىللىك جىنايەت، زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايىتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى، تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىلەر، باشقا تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزگەن باش جىنايەتچىلەر، تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر؛

ئىككىنچىدىن، 2-، 3-، 4-، 9- خىلدىكى ئوبيېكتلار ئىچىدە قالغان جازا مۇددىتى 10 يىلدىن ئاشقان ۋە يەنىلا مۇددەتىسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلار؛

ئۈچىنچىدىن، ئىلگىرى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىنىپ يەنە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازاغا تارتىلغانلار؛

تۆتىنچىدىن، جىنايىتىنى بوينىغا ئېلىپ توۋا قىلمىغانلار؛

بەشىنچىدىن، باھالاش ئارقىلىق رېئال جەمئىيەتكە خەتىرى بار دەپ بېكىتىلگەنلەر.

دۆلەت رەئىسىنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقىدا 2019–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى يۇقىرىقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەر خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە كېسىم چىقارغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ دەپ يوليورۇق بېرىلدى.

 

1.jpg
未标题-1.jpg