شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى
0
2019-06-28 16:55:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قېزىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىياتتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى، جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى زور تەدبىرلەرنى يەنىمۇ يولغا قويىدۇ دەپ جاكارلىدى

20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئالغا بېسىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 20 دۆلەت گۇرۇھى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قېزىشى؛ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىشى؛ شېرىكلىك روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ جۇڭگو بازارنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەك يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن بوشاشماي تېرىشىدۇ دەپ جاكارلىدى.

باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ۋە يىغىنغا قاتناشقان باشقا رەھبەرلەر تەرتىپ بويىچە يېتىپ كەلدى، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئۇلارنى كۈتۈۋالدى.

شۇ جاي ۋاقتى چۈشتە، باشلىقلار يىغىنى باشلاندى. ئابې شىنزو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم شى جىنپىڭنى يېتەكچى سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بېرىپ ئون يىلدىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادى يەنە بىر قېتىم تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قالدى. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھالقىلىق پەيتتە، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلەپ، بازار ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلققە ئۈمىد ئېلىپ كېلىش مەسئۇلىيىتى بار. بىز ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشىمىز؛ تەرەققىيات ئومۇملۇقىنى ئىگىلەپ، تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىيات پۇرسىتىگە قۇچاق ئېچىپ، تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق ئارقىلىق ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىشىمىز؛ ئورتاق كېلەچەكنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، ئورتاق مەنپەئەتنى نىشانلاپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ، دۇنيانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقى، گۈللىنىشى، ھەر قايسى دۆلەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: بىرىنچى، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېشىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قېزىپ چىقساق. بىز قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سېفىرلىق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىشىمىز كېرەك، بازارغا پايدىلىق مۇھىتنى يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ھۆرمەت قىلىپ، قوغداپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى تەشەببۇس قىلىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرسەك. بىز كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى زۆرۈر ئىسلاھ قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى بازارنى ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش باش مەقسىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. پۇل-مۇئامىلە بىخەتەرلىك تورى بايلىقىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ھەم خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە قۇرۇلمىسىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرىنى تېخىمۇ مۇۋاپىق قىلىشىمىز كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان «پارىژ كېلىشىمى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە تۈزەش، مۇھىت تۈزەش، سېفىرلىق تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

ئۈچىنچى، قېيىنچىقلارنى يېڭىپ، تەرەققىيات توسالغۇلىرىنى تۈگەتسەك. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ مەقسىتى تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش رىشتىسىنى چىڭىتىپ، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بازارنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە رايوننى ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشقا سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت. يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى تەرەققىياتنى داۋاملىق ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشتىكى ئالدىن ئويلىشىدىغان ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىيات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

تۆتىنچى، شېرىكلىك روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئخىتىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلساق. يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرماقتا، مۇھىمى ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش، ئۆز ئارا ئىشىنىش پوزىتسىيەسى ئاساسىدا، باراۋەر كېڭىشىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بىز بىر قانچە زور تەدبىرنى يەنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىرتقى ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز. بىرىنچى، بازارنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىمىز. بىز پات ئارىدا 2019-يىللىق تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسپ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز. يېڭىدىن ئالتە ئەركىن سودا رايونى تەسىس قىلىىپ، شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى سىناق يېڭى رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىمىز، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تېزلىتىمىز.

ئىككىنچى، ئىمپورتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆپەيتىمىز. بىز تاموژنا بېجى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆز ئالدىمىزغا تۆۋەنلىتىپ، غەيرىي تاموژنا بېجى سودا توسۇقىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، ئىمپورت ھالقىسىنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئازايتىمىز. 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز.

ئۈچىنچى، سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلايمىز. بىز كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇن-تۈزۈمىنى يولغا قويىمىز، بۇنىڭغا ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلارنى جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم بېرىش تۈزۈمى كىرگۈزۈلىدۇ، ھەق تەلەپ ئىشلىرىنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداش ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.

تۆتىنچى، باراۋەر مۇئامىلىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. بىز تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسپ تىزىملىكىدىن باشقا چەكلىمىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرىمىز. ئىجازەت بېرىلگەندىن كېيىنكى باسقۇچتا، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرغان تۈرلۈك كارخانىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، بىر كۆزدە قاراپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ شىكايەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

بەشىنچى، ئىقتىساد-سودا سۆھبىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى بالدۇرراق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو - ياپونىيە - كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى مۇساپىسىنى تېزلىتىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ يولىدا ياخشى مېڭىپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشقا بۇشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىشەنچىسى بار.

يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، سودا، مەبلەغ سېلىش، يېڭىلىق يارىتىش، سىفىرلىق ئىقتىساد قاتارلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى .نۇرغۇن رەھبەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن خەۋپ-خەتەر ۋە ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك ئاشماقتا، بىر تەرەپچىلىك ۋە قورۇقچىلىقنىڭ ئېغىر زىيىنى كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا. ھەرقايسى تەرەپلەر ئالاقە ۋە سۆزلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ، ماكرولۇق سىياسەت ماسلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئېنېرگىيە، مائارىپ، مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا قارىتا زۆرۈر ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان نۇرغۇن رەھبەرلەر يەنە قورۇقچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، گۈللەنمە بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

باشلىقلار يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ يەنە سىفىرلىق ئىقتىساد ئالاھىدە يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ئابې شىنزونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۇنجى بولۇپ سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، سىفىرلىق ئىقتىساد تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ قىياپىتىنى قايتىدىن چوڭقۇر بەرپا قىلماقتا. بىز ئادىل، باراۋەر، كەمسىتىش بولمىغان بازار مۇھىتى يارىتىشىمىز، ئىشىكنى تاقىۋېلىپ تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەنمەسلىكىمىز، بازارغا قەستەن تەسىر يەتكۈزمەسلىكىمىز كېرەك؛ سانلىق مەلۇماتلارنى تۈزەش قائىدىسىنى ئورتاق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتلاردىن بىخەتەر، تەرتىپلىك پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك؛ سىفىرلىق ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك؛ سىفىرلىق ئىقتىسادنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، سىفىر ئازگىلىنى تىندۈرىشىمىز كېرەك. جۇڭگو سىفىرلىق ئىقتىساد چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىپ، بازارنى ئېچىۋېتىشنى ساقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى خالايدۇ.

1.jpg
未标题-1.jpg