ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى
0
2019-06-27 10:40:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە: «پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر باشتىن ئاخىرى ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاپ قىلىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى: 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» توغرىسىدا 15-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىلغارلىق ۋە ساپلىقنى، ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى قانداق قىلىپ مەڭگۈ ساقلاش، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا قانداق ئېرىشىش، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە پارتىيەمىز چوقۇم ياخشى جاۋاب بېرىشكە، ياخشى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. پارتىيەمىز پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلاردىن ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى تەلەپ قىلىشتا، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، پارتىيەنىڭ ئەسلى مەقسىتى، بۇرچى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، باش مەقسىتى، غايە-ئېتىقادى، كۈرەش نىشانىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، قانچە ئۇزاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنسېرى، پارتىيەنىڭ ئەسلى مەقسىتى، بۇرچىنى شۇنچە ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى شۇنچە يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلقنىڭ چىن ھىمايىسىگە ئېرىشكەن، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران-چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يولداش سۈن يېلى بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى ھەمدە پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقى بولىدۇ، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن!

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى تەلەپكە بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلى مەقسەتكە ئەمەل قىلىپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى چۆرىدەپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش. بۇمۇ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى بىر مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز ماركسىزم بىلەن قوراللانغان پارتىيە، باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشنى ئۆزىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچى قىلىپ كەلدى ھەمدە ئۇنى پارتىيەنىڭ بارلىق كۈرىشىدە ئىزچىل نامايان قىلدى. پارتىيە تارىخىغا نەزەر سالساق، نېمە ئۈچۈن پارتىيەمىز شۇنچە ئاجىز ئەھۋالدا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، تالاي تالاي بوران چاپقۇنلاردا قايتا جانلىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىيەلىدى؟ بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، مەيلى ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز شارائىتلاردا بولسۇن، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچتا باشتىن ئاخىرى قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي بۇ نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەلقنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە قەتئىي قوللىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك يېقىنلاشتۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولدۇق. بىز ھەرگىزمۇ گۈلدۈرقاراس ئالقىش سادالىرى، ماختاش سادالىرى ئىچىدە ئىنقىلابىي روھىمىز ۋە كۈرەش ئىرادىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز، ھازىرقىغا قانائەت قىلىش، ئالغا ئىنتىلمەسلىك، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىشتەك ھالەتكە تەدرىجىىي چۈشۈپ قالماسلىقىمىز، بەلكى ئوتتۇرا يولدا تېخىمۇ غەيرەت قىلىش روھىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مەڭگۈلۈك تېما، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، چوقۇم كۈچلۈك، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بولۇشى كېرەك. بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ 70 يىللىقى. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر خىل ئامىللار ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ، پارتىيەنىڭ يىلتىزىنى تەۋرىتىدىغان خەتەر ھەر ۋاقىت يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. « تۆت چوڭ سىناق»، «تۆت خىل خەۋپ» يەنىلا مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولىدۇ، ئەگەر قاتتىق ئالدىنى ئالمىساق، ۋاقتىدا تۈزەتمىسەك، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، تۈزەش تەس بولىدۇ، كىچىك مەسىلىلەر چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىدۇ، كىچىك يېرىقلار، چوڭ گۈمۈرلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ۋەزىپىسى ئېغىر، مەنزىل يىراق، توختاپ قېلىش، ئارام ئېلىۋېلىش خىيالىدا بولۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئىشقا ئاشىدۇ، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار دائىم پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، پارتىيە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىگە ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ماركسىزم بىزنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنيا ۋە سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئۆتكۈر ئىدىيەۋى قورال. پارتىيەمىز ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ۋە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيەمىز ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى مول ئىدىيەۋى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى شەكىللەندۈردى، مەسىلەن، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەۋىلىك تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، دائىملىق تەربىيە بىلەن مەركەزلىك تەربىيەنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى، پارتىيە تەشكىلاتى، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئورگانىزمى قاتارلىقلارنى ئۈزلۈكسىز ساپلاشتۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەجرىبىلەر بولۇپ، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئىچىگە قارىتىدىغان جاسارەت بولۇشتا. مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق تەربىيەدە كۆرسىتىلگەن سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىپ، پارتىيە ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەر، شۇڭا ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى خەلق ئاممىسى كۆپ ھاللاردا ناھايىتى ئېنىق كۆرىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرگەن ياكى ئۆزگەرمىگەنلىكى، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغان ياكى ساقلىمىغانلىقىنى، ئامما باھالاش، ئەمەلىيەت ئارقىلىق سىناش كېرەك. بىز ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب ئېلىپ بارماي، خەلق ئاممىسىنىڭ پىكرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز پاكلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئورگانىزمىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ؛ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش، بىخ ھالىتىدە تۈزەش، باش كۆتۈرۈپ چىققان خاتا قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ؛ تۈزۈمدىكى يوچۇقلارنى ئېتىپ، نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم؛ نەزەرىيە، ئەمەلىيەت، تۈزۈم، مەدەنىيەت ۋە ھەر قايسى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىللىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىش ئارقىلىق كەلگۈسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك؛ ئاڭلىق ھالدا كىتابتىن، ئەمەلىيەتتىن، خەلق ئاممىسىدىن ئۆگىنىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىش ۋە سىياسىي جەھەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي، ئىدىيەۋى، ئەخلاق سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تەۋرىتىدىغان، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلار بىلەن كۈرەش قىلىپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈگىتىشى كېرەك. دۇرۇس بولۇش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، باش مەقسىتى، غايە-ئېتىقادى، ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ئىدىيە، تەپەككۇر، چارە، ۋاسىتە ئارقىلىق پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش لازىم. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن غەمخورلۇق قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەزى كىشىلەرنىڭ قالايمىقان ئىش قىلىشىنى چەكلەش؛ بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇش؛ بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇش، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك قويۇق كەيپىيات ۋە جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەشكىل تۈرتكە بولۇش بىلەن شەخسلەر تەشەببۇسكار بولۇشنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا تايىنىپ تەلەپ، تەربىيە، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى چىڭىتىش، ھەم بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە تايىنىپ، ئۆزىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆزىتىپ، سىياسىي چاڭ-توزانلارنى تازىلاپ، سىياسىي ئىممونېت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرىدا. رەھبىرىي كادىرلار يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ؛ تۆت ئاڭنى كۈچەيتىش، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىش، ئىككىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا باشلامچىلىق قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەنقىد ۋە ئۆزـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قورالىدىن باشلامچىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىش لازىم.