ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ئېچىلدى
0
2019-06-25 11:42:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتېكىن ئىمام

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان ئىشتاتى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى»غا قاراپ چىقتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان ئىشتاتى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى»غا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئورگانلارنىڭ ئىشتات بايلىقى مۇھىم سىياسىي بايلىق، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بايلىقى بولۇپ، ئورگانلار ئىشتاتى خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئورگان فۇنكىسىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئورگان ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بايلىقى تەقسىماتىنى سەرخىللاشتۇرۇش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان ئىشتاتى خىزمىتى نىزامى»نى تۈزۈش شۇنداقلا يولغا قويۇش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئورگان قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئورگان ئىشتاتىنى قانۇندا بەلگىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورگان ئىشتاتى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى ئورگان ئىشتاتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتى، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداپ»، ئورگان ئىشتاتى خىزمىتى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇملىقىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش شۇنداقلا تەرەققىي قىلىدۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ فۇنكىسىيەسىنى ياخشىلاش، ماسلاشتۇرۇش شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، ئورگان ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، فۇنكىسىيە تەقسىماتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئۈنۈم-ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلىرى ئورگان ئىشتاتى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈملىرى، ئىشتات ئىشخانىلىرى پارتكومغا ماسلىشىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ يېتەكلەشنى چىڭ تۇتۇپ، يۈرۈشلۈك قانۇن بەلگىلىمىلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى؛ ئالاقىدار تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، ئىشلارنى تەقسىملەپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى ھاسىل قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى»نى تۈزۈش پارتىيە يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ياخشى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇش، يېزا-ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش، يېڭى دەۋىردىكى يېزا خىزمىتىنىڭ باشتىن ئاخىرى توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېزا ئىقتىسادى قۇرۇلۇشى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇش، سوتسىيالىستىك مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تەشكىلىي سىستېمىسى، تۈزۈم سىستېمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش؛ يېزا-ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتى قىلىش؛ يېزا-ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ بېرىپ ئاز ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ ياخشى ئىشلەپ، تەڭ باي بولۇش يولىدا مېڭىش كېرەك. يېزىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك جەڭ ئىستېھكامىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگرات نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىلىرىنى ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.

640.webp (3).jpg
1124651013_1561056512016_title0h.jpg
1124650978_15610560781901n.jpg