يېزا-كەنتلەرنى تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەيتىش ھەققىدە يېتەكچى پىكىر
0
2019-06-24 16:17:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :گۈزەلنۇر روزى

يېزا-كەنتلەرنى تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر ئېلان قىلىندى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەڭگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى يېقىندا «يېزا-كەنتلەرنى تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر قايسى رايونلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۇرۇپ، ئەستايدىل ئىزچىل ئەمەلىلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، زامانىۋى يېزا-كەنتلەرنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ تۈزۈم رامكىسى ۋە سىياسەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئاپتونومىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كەنت دەرىجىلىك كېڭىشىش تۈزۈمى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. 2035-يىلىغا بارغاندا، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتى، ئاممىۋى باشقۇرۇش، ئاممىۋى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىك قىلىدىغان ئاپتونومىيە، قانۇنچىللىق، ئەخلاق ئارقىلىق تۈزەش بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا-كەنتلەرنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا- كەنت جەمئىيىتىنىڭ تەرتىپكە سېلىنىشى ئۈنۈملۈك، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق، تەرتىپلىك بولغان، يېزا- كەنتلەرنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسى ۋە تەرتىپكە سېلىش ئىقتىدارى ئاساسىي جەھەتتىن زامانىۋىلاشتۇرۇلىدۇ.

«يېتەكچى پىكىر»دە، يەنە يېزا-كەنتلەرنى تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش قاتارلىقلارغا قارىتا كونكىرېت تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

640.webp (3).jpg
1124651013_1561056512016_title0h.jpg
1124650978_15610560781901n.jpg