جۇڭگو–چاۋشيەن پارتىيەلىرى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى
0
2019-06-23 18:13:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 20-، 21–كۈنىلىرى چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بۇ جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇھىم نۇقتىسىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئالاقە تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپ قالدى.

30 سائەتكە يېقىن ۋاقىت،11 مەيدان پائالىيەت. ئىككى كۈن ئىچىدە، ئايرودۇرۇمدا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشتىن، جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش، ئاندىن ئايرودۇرۇمغا بېرىپ قىزغىن ئۇزىتىپ قويۇشقىچە، كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىللە پائالىيەتكە قاتناشتى.

بۇ مەزگىلدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئۈستىدە كەڭ كۇشادە پاراڭلىشىپ، دوستلۇق ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى پىلانلىدى.

6-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتە،باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى پيۇڭياڭ سۇنەن ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى. بۇ جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئالىي رەھبىرىنىڭ 14 يىلدىن كېيىن چاۋشيەندە يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەندە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى،شۇڭا بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. چاۋشيەندە چىقىدىغان «ئەمگەك خەۋەرلىرى » گېزىتىدە دوست قوشنا دۆلەت ئەزىز مېھمىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەندىكى تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتى جەزمەن چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىغا ئۆچمەس يېڭى سەھىپە ئاچىدۇ ماۋزۇلۇق باش ماقالە ئېلان قىلىندى.

ئايرودرومدىن مېھمانخانىغىچە بولغان 27 كىلومېتىر ئارىلىقتا، 250 مىڭدىن ئارتۇق چاۋشيەننىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى ئامما قارشى ئالدى. 21 ھۆرمەت قاراۋۇلى موتوسىكلىت بىلەن مۇھاپىزەت قىلدى؛ كوچا بويىدىكى چىملىقتا، بىنالارنىڭ بالكونلىرىدا قىزغىن ھېسسىياتقا چۆمگەن ئامما ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئىككى دۆلەت بايراقلىرى بىلەن رەڭگارەڭ گۈللەر چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقى ئالقىش ساداسىغا ئەگىشىپ بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ تۇراتتى.

6-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە، دەيدوڭگاڭ دەرياسى رېڭرادو ئارىلىدىكى تەنتەربىيە مەيدانى رەڭدار تۈسكە كىردى. 150 مىڭ تاماشىبىن، نەچچە ئون مىڭ ئارتىس گىمناستىكا، ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇل، سېرىك قاتارلىق كۆپ خىل ئورۇنداش شەكىللىرى ئارقىلىق، كۆڭۈل قويۇپ ئىجاد قىلىنغان بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى كوللېكتىپ گىمناستىكا ۋە سەنئەت ئويۇنى چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسى بولۇپ قالدى. بۇ چاۋشيەندىكى ئۈچ چوڭ ئۆمەك بولغان دۆلەتلىك سىمفونىيە ئوركېستىرى، تۆھپە خور ئۆمىكى، سامجىيان سىمفونىيە ئوركېستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ ئويۇن قويۇشى.

يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدە ئەزەلدىن ئەڭ مۇھىم يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن بىلەن تۆت قېتىم كۆرۈشۈپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتە، گىمسوسان مېھمانخانىسى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن بىلەن بىرلىكتە ھويلىدا سەيلە قىلىپ پاراڭلاشتى. كېيىنكى كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زىيارەت جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبىرىنىڭ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 70 يىل بولغان مۇنداق يىلدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشى ۋە قىسقىغىنە 15 ئاي ئىچىدە ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبىرىنىڭ 5–قېتىم ئۇچرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو-چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ جانلىق ئىپادىسى.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ،جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى، پىدائىيلار ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمانلىرىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنى جۇڭگو-چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ھازىر جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 70 يىل بولدى. 70 يىلدىن بۇيان، سىرتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى بولسۇن ياكى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا بولسۇن،جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى دۆلەت خەلقى بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، بىر-بىرىگە ياردەم بەردى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىككى پارتىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.

 

1124651013_1561056512016_title0h.jpg
1124650978_15610560781901n.jpg