پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى نامايەن قىلدى
0
2019-06-23 17:17:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز دۇنيادىكى ئىلغار پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كىرگۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئالدىنقىلار بېسىپ باقمىغان يولدا مېڭىپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشتا نى نى ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ دەسلەپكى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئاساسىي تەتقىقاتتا دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىلدى، تەجرىبىخانىدىن بازارغىچە بولغان يولمۇ بارغانسېرى قىسقىرىدى. يېڭىلىق يارىتىش بەرپا قىلغان يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى نامايەن قىلماقتا.

شېنجېن پېڭچېڭ تەجرىبىخانىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تۇنجى تۈركۈمدە قۇرغان تەجرىبىخانىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شېنجېننىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش سۇپىسى. قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا بىر يىل بولدى، بۇ سۇپىغا 18 ئاكادېمىك يىغىلىپ، 20 نەچچە تۈرلۈك زور پەن-تەتقىقات تۈرىنى قانات يايدۇردى.

شېنجېن پېڭچېڭ تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى گاۋ ۋېن مۇنداق دېدى: پېڭچېڭ تەجرىبىخانىسى تور ۋە خەۋەرلىشىش، تور بىخەتەرلىكى، كۋانتلىق ھېسابلاش، سۇ ئاستىدىكى چاققان ماشىنا ئادەم قاتارلىق دۆلەت ئېھتىياجلىق، مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان نەرسىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن.

ئىلگىرى بىرەر پەن-تەتقىقات ئورنى يوق بولغان شېنجېندا ھازىر پېڭچېڭ تەجرىبىخانىسىغا ئوخشاش ئاساسىي تەتقىقات ئاپپاراتىدىن 13 ى بار، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىسىدىن 2190 ى قۇرۇلدى. شېنجېن شەھىرى نەنشەن رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليەن سۇڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە 368 مۇھىم پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىسى شېنجېندا ئۇنىۋېرسال دۆلەت ئىلىم-پەن مەركىزى ۋە گۇاڭدۇڭ شياڭگاڭ ئاۋمىن چوڭ قولتۇق رايونى خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشنىڭ مۇھىم تىرەك سۇپىسىغا ئايلاندى.

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قارىغاندا، دۆلىتىمىز بەرپا قىلغان بېيجىڭ خۇەيرۇ، شاڭخەي جاڭجياڭ، ئەنخۇي خېفېي ئۇنىۋېرسال دۆلەت ئىلىم-پەن مەركىزى قاتارلىق بازىلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قۇرۇلغان ئالتە دۆلەت تەتقىقات مەركىزى، 494 دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانا، 346 دۆلەتلىك قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى، 32 دۆلەتلىك كلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى بىلەن پەلەمپەيسىمان ئورۇنلاشتۇرۇلمىنى شەكىللەندۈردى.

ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان قاتتىق دېتال بارلىققا كەلدى، ئىسلاھات ئارقىلىق پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغايدىغان يۇمشاق مۇھىت قۇرۇلۇشىمۇ تېزلەشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى يۇقۇرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ؛ كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھالقىلىرىدىكى فۇنكسىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك سۇبيېكتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كىشىلەرنى ئىجادىيەت پائالىيىتىدە نامۇۋاپىق خىراجەت باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش قاتارلىق تۈزۈلمىلەردىن ئازاد قىلىش كېرەك. پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى پەن تەتقىقات خىراجىتىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، تۈرلەرنى بېكىتىش، ئىختىساسلىقلار ۋە ئاپپاراتلارنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، سۈپەت، ئۈنۈم، تۆھپە قوشۇش يېتەكچى قىلىنغان تۈرگە ئايرىپ باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

پەن-تېخنىكا مىنىستىرى ۋاڭ جىگاڭ مۇنداق دېدى: جەدۋەلنى ئازايتىش، ئاتچوت قىلىش كۆپ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، نومۇرلارنى ئىخچاملاش، ئورۇقلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس ھەرىكىتى تېز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئالاقىدار ئاپپاراتلار قانات يايدۇرغان مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتىن ئامما ئېرىشكەن تەسىرات چوڭ سانلىق مەلۇمات تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاممىنىڭ پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىشتىن ئېرىشكەن تەسىراتى %94.58 كە يېتىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاچقۇچلۇق ئورتاق تېخنىكا، ئالدىنقى قاتاردىكى يېتەكچى تېخنىكا، زامانىۋى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، ئاغدۇرما تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئالدىنقىلار بېسىپ باقمىغان يولدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىنى ئۆز ئالدىغا كونتىرول قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولدا چىڭ تۇتۇش كېرەك.

پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەر ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەن، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات چىقىمى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2.15نى ئىگىلەپ، كەشپىيات پاتېنت ئىلتىماس قىلىش مىقدارى ۋە ھوقۇق بېرىش مىقدارى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. دۇنيا ئىقتىسادىي ۋە پەن-تېخنىكا رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە جۇڭگونىڭ ئاساسىي پەن-تەتقىقاتى جاسارەت بىلەن ئىلگىلىمەكتىكەن، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش بارلىققا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئەۋزەللىكنى نامايەن قىلىۋېتىپتۇ.

 

1124651013_1561056512016_title0h.jpg
1124650978_15610560781901n.jpg