شى جىنپىڭ چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىن يۈرۈپ كەتتى
0
2019-06-20 15:24:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :قۇرباننىسا جاپپار

شى جىنپىڭ چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىن يۈرۈپ كەتتى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بۈگۈن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن يۈرۈپ كەتتى.

باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىق كىشىلەر ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە ماڭدى.