شى جىنپىڭ چاۋشيەن تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى
0
2019-06-20 15:23:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلھام مامۇت

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى» قاتارلىق ئاساسلىق تاراتقۇلاردا «جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يېزىپ چىقايلى» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بۇ تارىخىي پەيتتە، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى يولداش كىم جۇڭئۇننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، «دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى سەھىپىنى داۋاملىق يېزىپ چىقىش» تەك گۈزەل ئارزۇيۇم بىلەن پات ئارىدا چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. ئەينى يىللارنى ئەسلىسەك، ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى ئورتاق غايە-ئېتىقادى ۋە چوڭقۇر ئىنقىلابىي دوستلۇقى ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىپ، بىزگە ئورتاق قىممەتلىك بايلىق قالدۇرغان. جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلىرى قويۇق ئالاقىنى ئىزچىل ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىش يولىدا چوڭقۇر ئالاقە قىلىپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدا ياخشى سەھىپە يېزىپ چىقتى.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو چاۋشيەن پارتىيەلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەيلى سىرتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۆرىشىدە بولسۇن، ياكى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا بولسۇن، ئىككى دۆلەت خەلقى بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى، بۇنى «ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن، ئالتۇنغا تېگەشكۈسىز دوستلۇق» دېيىشكە بولىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تۇغقانلار يوقلاشقانسېرى يېقىنلىشىدۇ، قوشنىلار ئارىلاشقانسېرى يېقىنلىشىدۇ. ياخشى يولداش، ياخشى قوشنا بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولسۇن، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش قەتئىي مەيدانى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقنى يېتەكلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا يېڭىدىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى قەتئىي قوللايدۇ.

جۇڭگو-چاۋشيەن ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتۇلۇپ، تىنچلىقنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتى. بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆرۈۋاتىمىزكى، كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ توغرا ھەل قىلغۇچ تەدبىر چىقىرىشى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، يېرىم ئارالنىڭ تىنچ سۆزلىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ئۈمىدىگە ئېرىشتى. جۇڭگو چاۋشيەنلىك يولداشلار بىلەن تەڭ تىرىشىپ، رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشنى خالايدۇ.

70 يىل جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، 70 يىل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدۇق. كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن ئىككىمىزنىڭ يېتەكلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى ئارقىسىدا، 70 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى ھاياتى كۈچكە تولدى. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بويىچە جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يېزىپ چىقىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن ۋە چاۋشيەنلىك يولداشلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى پىلانلاپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىشنى خالايمەن.

ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك قېلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يېڭى مەزمۇن ئاتا قىلىمىز. يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەيمىز. ھەرقايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز پارتىيەلىرىمىز ۋە دۆلەتلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىمىز.

دوستانە ئالاقە ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىمىز. كېڭىشىپ بېكىتىلگەن ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارا دوستلۇق ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت، ياشلا، يەرلىكلەر، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دوستلۇق مەشئىلىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز، داۋاملىق يالقۇنجىتىمىز.

ئالاقىلىشىش، سۆزلىشىش، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارتىمىز. يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو چاۋشيەننىڭ يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشىنى، چاۋشيەن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قوللايدۇ، چاۋشيەن ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سۆزلىشىش، كېڭىشىشتە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشكە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

ماقالىنىڭ ئاخىردا مۇنداق دېيىلدى: بىز ئۇلۇغ دوستلۇققا، ئورتاق غايىگە ئىگە، بۇ بىزنى چەكسىز ئىتتىپاقلاشتۇردى. خۇددى «جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق ناخشىسى»دا ئىپادىلەنگەندەك، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بىز چاۋشيەنلىك يولداشلار بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردە دولقۇنلارنى يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دوستلۇق دەرىخى چوقۇم بۈك-باراقسان ئۆسۈپ، مەڭگۈ ياشىرىدۇ!