شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشتى
0
2019-06-19 15:22:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 18-كۈنى تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

تىرامپ مۇنداق دېدى: مەن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئوساكا باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە بىز ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئامېرىكا تەرەپ ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ خىزمەت ئۆمىكىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش چارىسىنى بالدۇرراق تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. پۈتۈن دۇنيانىڭ ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىرلەشسە ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، كۈرەش قىلسا ھەممە تەرەپكە زىيانلىق. ئىككى تەرەپ بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش بويىچە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش، مۇقىملىق ئاساسىدىكى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادى گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشلامچىلىق رولىنى بىرلىكتە جارى قىلدۇرۇپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئوساكا باشلىقلار يىغىنىدا ئىجابىي نەتىجە ھاسىل قىلىپ، دۇنيا بازىرىغا ئىشەنچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇشى كېرەك. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئوساكا باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىدە، ئىككى تەرەپ باراۋەر سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشى كىرەك، مۇھىمى بىر - بىرىنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېتىبار بېرىش كېرەك. بىزمۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ئۆمىكىنىڭ ئىختىلاپنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا قوشۇلىمەن.ئىلھام مامۇت