رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى مول نەتىجىلىك بولدى
0
2019-06-17 17:25:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :گۈزەلنۇر روزى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قىرغىزىستان، تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىشكەك باشلىقلار يىغىنى ۋە ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى دۈشەنبە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، يىغىن نەتىجىلىرى مول بولدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە تەكلىپكە بىنائەن قىرغىزىستان، تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەمدە بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنى ۋە دۇشەمبىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

رەئىس شى جىنپىڭ بەش كۈندۈز تۆت كېچىدە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 30 نەچچە مەيدان ئىككى ۋە كۆپ تەرەپلىك پائالىيەتكە قاتنىشىپ، دوستلۇق، ئۆز-ئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، چۈشىنىش، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

دۇنيا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرىۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئورتاق تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىك خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئورتاق مەنپەئەتنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش زۆرۈر.

قىرغىزىستان، تاجىكىستان جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىرى، جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان قەدىناس دوستلىرى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن ئالتە يىل ۋە بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋېلىشقا ئېرىشىشى دۆلەت باشلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن دوستلۇق ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايەن قىلدى.

رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە يۇقىرى باھا بەردى، زۇڭتۇڭ جېئېنبېكوف، زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسى جەھەتتە بىر-بىرىگە ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاشقا؛ قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە بىرلىشىپ زەربە بېرىشكە؛ خەلقئارادا كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە تەشەببۇس قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرولىقىدىكى خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداشقا بىردەك قوشۇلدى. زىيارەتكە بارغان دۆلەتلەر رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەرگە قايىلمىز ۋە بۇنى تەبرىكلەيمىز، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمىز، جۇڭگونى ئۇزاق مۇددەتلىك دوستىمىز ۋە سەمىمىي شېرىكىمىز دەپ قاراپ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۆز دىپلوماتىيىمىزدە داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇنغا قويىمىز. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىسى، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۈگىنىشمىزگە، ئۆرنەك قىلىشمىزغا ئەرزىيىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتنى ئايرىم-ئايرىم ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پىلانىنى تۈزدى.

ئوتتۇرا ئاسىيا «بىر بەلباغ، بىر يول» تۇنجى تەشەببۇس قىلىنغان جاي، قىرغىزىستان، تاجىكىستان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى ئەڭ بۇرۇن قوللىغان ۋە قاتناشقان دۆلەتلەر، جۇڭگو-قىرغىزىستان، جۇڭگو-تاجىكىستاننىڭ ھەمكارلىقىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ جېئېنبېكوف، زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى بىرلىكتە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشنى ئاساسى لىنىيە قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قىرغىزىستاننىڭ «2018-يىلدىن 2040-يىلغىچە بولغان دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»، تاجىكىستاننىڭ 2030-يىلدىن ئىلگىرى دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بىلەن چوڭقۇر تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، يېزا-ئىگىلىكى، سانائەت، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ۋە يەرلىكلەر ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتتى. جۇڭگو قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن ئايرىم-ئايرىم نۇرغۇن ئىقتىساد-سودا نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، 20 نەچچە تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى رامكىسىدا كۆپ ساندىكى ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇلاشتۇردى، ھەمكارلىق نەتىجىسى ئۈزلۈكسىز كۆرۈنەرلىك بولماقتا. بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ھەر قايسى ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ مۇھىم نەتىجىسىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ قىممەت قارىشىنى نۇرلاندۇرۇش، رايوننىڭ ئالاقىسىنى تېز راۋانلاشتۇرۇش، تەرەققىيات ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

رەئىس شى جىنپىڭ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر تاشلاپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە بىر قاتار مۇھىم تەكلىپلەرنى بەردى. يىغىنغا قاتناشقان ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسقا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، «شاڭخەي روھى»نى تۈپ قوللانما قىلىپ، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانىنى قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى قوللاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تەڭ تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى. باشلىقلار يىغىنىدا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ بېشكەك خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى، ئەزا دۆلەتلەر يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات پىروگراممىسى، سىفىرلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇر، خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ھەمكارلىق تەسەۋۋۇرى قاتارلىق 22 مۇھىم ھۆججەت ئىمزالاندى، بۇ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۈتۈنلەي قاپلىدى.

ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى قۇرۇلغان 27 يىلدىن بۇيان، ئاسىيا رايونىدىكى قاپلىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئەزا سانى ئەڭ كۆپ، ۋەكىللىكلىكى ئەڭ كۈچلۈك بىخەتەرلىك سۆزلىشىشى ۋە ھەمكارلىق مۇنبىرىگە ئايلاندى.

رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىلىرى كېڭىشى دۈشەنبە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاسىيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئورتاق ئارزۇسىنى چۆرىدەپ مۇھىم سۆز قىلدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر تەپەككۇرىنىڭ باش كۆتۈرىشىنى نەزەردە تۇتۇپ بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان ئاسىيا قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى؛ ھەر خىل ئەنئەنىۋى ۋە غەيرى ئەنئەنىۋى خىرىسلارنى نەزەردە تۇتۇپ، بىخەتەر، مۇقىم ئاسىيا قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى؛ ھەر قايسى ئەللەرنىڭ رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىستىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن ئاسىيا قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى؛ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى سەپسەتىسىنىڭ يامرىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ئاسىيا قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى؛ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان ئاسىيا قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. بۇ بەش تەكلىپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاسىيانىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى ھەققىدىكى ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى مۇساپىسىنىڭ مەزمۇنى بېيىتتى ۋە كېڭەيتتى، رايون ھەمكارلىقىنىڭ ئىدىيەسى ۋە يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتەك يېڭى بىخەتەرلىك قارىشىنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىشەنچ تەدبىرلىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو، رۇسىيە، موڭغۇلىيەنىڭ رەھبەرلىرى 5-قېتىملىق ئۇچرىشىشنى ئۆتكۈزۈپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇلاشتۇرۇش، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى، جۇڭگو-رۇسىيە-موڭغۇلىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مۇھىم قارالمىلارنى مۇھاكىمە قىلىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتەك ئىجابىي سېگنالنى چىقاردى.

رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەللەردە ئارقا-ئارقىدىن زىيارەتتە بولدى، بۇ چوڭ دۆلەت دېپلوماتىيەسى ۋە ئەتراپ دىپلوماتىيەسى، قوش تەرەپلىك زىيارەت ۋە كۆپ تەرەپلىك يىغىن قاتارلىقلارنى قاپلىدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ يەرشارى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداشتىكى زور دىپلوماتىيە تەدبىرى. زىيارەتتە كۆزلىمە نىشان ئىشقا ئاشتى، نەتىجە مول بولدى.