شى جىنپىڭ ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى
0
2019-06-16 18:20:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

شى جىنپىڭ ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، پۇرسەتنى تەڭ كۈتۈۋېلىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە ئېچىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى

ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى تۈنۈگۈن تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان، بىخەتەر، مۇقىم، تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان ئاسىيانى قۇرۇپ چىقىش كېرەك، جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ، ئېچىۋېتىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىدۇ دەپ تەكىتلىدى.

شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ نورۇز سارىيىنىڭ مەرھابا زالىغا بېرىپ، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخماننىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

يىغىنغا راخمان رىياسەتچىلىك قىلدى. ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، بېنگال، كامبودژا، ئىران، قازاقىستان، قىرغىزىستان، قاتار، رۇسىيە، سرىلانكا، تۈركىيە، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئاسىيا ھەمكارلىق، ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ رەھبەرلىرى ياكى ۋەكىللىرى، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ھەم ئالاقىدار خەلقئارا، رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر «كەلگۈسىگە ئورتاق نەزەر: بىخەتەر، تېخىمۇ گۈللەنگەن ئاسىيا ھەمكارلىق، ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى رايونى ئۈچۈن» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەر ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، ئاسىيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىش ئۇلۇغ پىلانىنى بىرلىكتە كېڭىشىپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

شى جىنپىڭ يىغىندا «ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە ئاچايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاسىيا ھەمكارلىق، ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى قۇرۇلغان 27 يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىشى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئاسىيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. ئاسىيا ھەمكارلىق، ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى شاڭخەي باشلىقلار يىغىنىدا، مەن ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقتىن ئىبارەت يېڭى بىخەتەرلىك قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاسىيانىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىخەتەرلىك، تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تەشەببۇس قىلدىم، بۇ-ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا ھەمكارلىق، ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى مۇساپىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسىيا-بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە رايونلارنىڭ بىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىش يېتەرلىك بولماسلىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، بىخەتەرلىك ۋە تەرتىپكە سېلىش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇش قاتارلىق ئورتاق خىرىسلارغىمۇ دۇچ كەلمەكتە. 2015-يىلى، مەن ئاسىيا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز بەلگىلەنگەن نىشاندا چىڭ تۇرۇپ، پۇرسەتنى تەڭ كۈتۈۋېلىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە ئېچىشىمىز كېرەك.

ئۆز ئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان ئاسىيا قۇرۇش-بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خارتىيەسىدە بېكىتىلگەن باش مەقسەت ۋە پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان سىياسىي تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىنى ھۆرمەتلىشىمىز؛ نۆل يىغىندىلىق قورشاۋ شاھمات، قورۇقچىلىقنى چۆرۈپ تاشلاپ، سىياسەت جەھەتتىن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيە ئورتاق تونۇشىنى تەدرىجىي كېڭەيتىشىمىز كېرەك.

بىخەتەر، مۇقىم ئاسىيا قۇرۇش-بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز. بىز قارشىلاشماستىن سۆزلىشىش، ئىتتىپاق تۈزمەستىن شېرىكلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشىمىز، بولۇپمۇ بارلىق شەكىللەردىكى تېررورلۇققا قەتئىي زەربە بېرىپ، تۈرلۈك ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەسەبىي پىكىر ئېقىمىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىشىمىز؛ ئاسىيانىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان رايون بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىك ۋە ئورتاق بىخەتەرلىككە ئىنتىلىشىمىز لازىم.

تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن ئاسىيا قۇرۇش-بىزنىڭ ئورتاق ئۈمىدىمىز. بىز سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىل 4-ئايدىكى 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىكى ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان ئاسىيا قۇرۇش-بىزنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشىمىز. بىز بۇ يىل 5-ئايدىكى ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باراۋەر، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆزلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشىمىز؛ كۆپ خىللىق بىللە مەۋجۇت بولۇش ئارقىلىق مەدەنىيەتلەر ئۈستۈنلۈكىدىن، ئىناق بىللە تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىدىن، يۇغۇرۇلۇپ تەڭ بەھىرلىنىش ئارقىلىق مەدەنىيەتلەر ئارازلىقىدىن، گۈللىنىپ تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق مەدەنىيەتلەر قاتماللىقىدىن ھالقىشىمىز لازىم.

ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان ئاسىيا بەرپا قىلىش بىزنىڭ ئورتاق ئېھتىياجىمىز. بىز نەزەرىيە، تۈزۈم، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ كونا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى جاۋابىنى، يېڭى مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ياخشى جاۋابىنى تېپىپ چىقىپ، ئاسىيا دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىرى ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو ئاسىيا چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق دۇنيا تىنچلىقىنى بەرپا قىلغۇچى، يەر شارى تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچى بولۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

بىرىنچى، بىز تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي ماڭىمىز، ھەرگىز ئۆز مەنپەئەتىمىزنى دەپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەيمىز، قوشنىلارغا ئورا كولىمايمىز. جۇڭگو تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇقى ماجرالىرىنى تىنچ ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىپ، رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىنى سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قوللايدۇ.

ئىككىنچى، بىز ئېچىۋېتىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىمىز. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول» نى تەڭ قۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئورتاق تەرەققىياتقا داۋاملىق كۈچلۈك قۇۋۋەت ئاتا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بۇ يىل 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ، تىرىشىپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق شارائىت ھازىرلايدۇ.

ئۈچىنچى، بىز كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىمىز، خەلقئارا قانۇن ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپنى قوغدايمىز. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھىرلىنىشتەك دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سېستىمىنى قەتئىي قوغداش، دۇنيا سودا تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداشنى خالايدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىدا كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى ھە دېسىلا قورۇقچىلىققا، بىر تەرەپچىلىككە مۇراجىئەت قىلماستىن ئۆزئارا ھۆرمەتلەش روھى بويىچە باراۋەر سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق، خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسى بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ بۇ مەيدانى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي تەرەققىيات ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى خەلقئارانىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنىمۇ قوغدىغانلىق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تىنچلىق، مۇقىملىق، گۈللىنىشكە قەتئىي بوشاشماي ئىنتىلىپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

يىغىنغا قاتناشقان ئەزالار جۇڭگونىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى رامكىسىدىكى سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى. ھەر قايسى تەرەپلەر: بىز مەۋقەنى ئاسىيانىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتىپ، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى مۇساپىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال بولۇش، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بىخەتەرلىك ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاسىيانى ئۇزاق مۇددەت تىنچ، گۈللەنگەن، ئىناق رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسى ۋە ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا قانۇن-مىزانغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەركەز قىلىنغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىنى تامامەن قوللاپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، بارلىق شەكىلدىكى قورۇقچلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا تېررورىزم، ئەسەبىيىزمگە، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچىلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى قايتا تەكىتلىدى.

باشلىقلار يىغىنىدا «ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى. شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن راخمان باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ھەمدە خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى شەرىپىگە ئۆتكۈزگەن كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

 

1124620176_1560433286789_title0h.jpg
1124619533_15604333468691n.jpg