جۇڭگو ئىقتىسادى بوران-چاپقۇندىمۇ مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ
0
2019-06-11 11:03:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «جۇڭگو ئىقتىسادى بوران-چاپقۇندىمۇ مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيادا سودا سۈركىلىشى ئەۋجىگە چىققان، خەلقئارا ئىمپورت-ئېكسپورت ئاستىلىغان چوڭ مۇھىتتا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى يەنىلا مۇقىم ئاشتى، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىستېمال داۋاملىق كۆپەيدى، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ دېڭىزنىڭ چوڭلۇقى، چوڭقۇرلىقى، ئايلىنىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى، سىرتتا قانچىلىك بوران-چاپقۇننىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ پەقەتلا بىر تامچە سۇ ئىكەنلىكى، ئاخىرىدا دېڭىزنىڭ يۇتۇۋېتىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىگە ئايلانماقتا.

ئامېرىكا قوزغىغان سودا سۈركىلىشى جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ دېڭىزدا دولقۇن قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ ئىپادىسى خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ساغلام، مۇقىم ئاساسىي ئامىلىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى شارائىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى، ئۇزاق مۇددەت مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرسەتتى. بۇنداق ۋەزىيەت ئالدىدا، قانچىلىك بوران-چاپقۇننىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا زەربە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ قوزغىغىنى پەقەتلا بۇژغۇن خالاس. جۇڭگو يەنىلا ئۆزىنىڭ رېتىمى بويىچە ئىسلاھاتنى تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىدۇ. بوران-چاپقۇندىن كېيىن، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ دېڭىز تېخىمۇ مەۋج ئۇرىدۇ.

1124596108_1559945940068_title0h.jpg