شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېفنى تەبرىكلىدى
0
2019-06-11 11:01:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنى توقايېفقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان سەمىمىي، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، دوست قوشنا دۆلەتلەر ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەر. ھازىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە. مەن جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

1124596108_1559945940068_title0h.jpg