جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېڭى ئۇقتۇرۇش چىقاردى
0
2019-06-10 16:23:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى» دېگەن كىتابنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى» دېگەن كىتابنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلدى ھەمدە پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى؛ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى؛ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى؛ شۇڭا بۇنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش زۆرۈر.

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى»نى تۈزۈشكە تەشكىللىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق دەپ قارىدى: «پروگرامما»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق شەرھىلەندى، بۇ مەزكۇر ئىدىيەنىڭ ئاساسىي روھى، ئاساسىي مەزمۇنى، ئاساسىي تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «پىروگرامما»نى بېسىپ تارقىتىپ، بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم قوشۇمچە ئوقۇشلۇقى قىلىشقا قوشۇلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، پارتگۇرۇپپالار قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى ئەسلىي ئەسەرنى ئەستايىدىل ئوقۇشقا، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىشكە، قائىدىنى چۈشىنىشكە تەشكىللەش ھەمدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «پروگرامما»نى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. كۆپ خىل شەكىل ۋە قاتلاملارغا بۆلۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش لازىم. كۆپ تەپەككۇر قىلىش، چوڭقۇر ئۆگىنىش، چوڭقۇر چۈشىنىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇ ئىدىيەنىڭ دەۋر ئەھمىيىتى، نەزەرىيە ئەھمىيىتى، ئەمەلىيەت ئەھمىيىتى، دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ؛ ئۇنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىش؛ سىستېمىلىق، ئەتراپلىق، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇ ئىدىيە سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇلنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. بىلىش بىلەن ھەرىكەتلىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۇ ئىدىيە ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ ئاڭلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، شەرھىلەش خىزمىتى ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن يەنىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا، يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ؛ كادىرلار ۋە ئاممىنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ؛ ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا مۇتلەق غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

1124596108_1559945940068_title0h.jpg
123123.jpg
U020190608467473167205.jpg
未标题-1.jpg