شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
0
2019-06-04 11:09:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. مۇتەخەسسىس، ئالىملار بەس-بەستە مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، باش تېمىلىق تەربىيە ھەققىدە ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئېتىقاد ئاساسىنى پۇختىلاپ، روھىي قۇۋۋەتنى تولۇقلاپ، ئىدىيە يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق، باش تېمىلىق تەربىيەدە پۇختا، ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش، بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىش، پەرقنى تېپىپ چىقىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ئومۇمىي تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شىن مىڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئومۇمىي تەلەپ-بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ باش تېمىسى ۋە ئومۇمىي تەدبىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. بۇ ئومۇمىي تەلەپنىڭ ئالدىدىكى «ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش، بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىش»-بىزنىڭ بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق تەربىيەمىزنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ھەم تەلىپى. قانداق قىلغاندا، ئەسلىي مەقسەتتە ھەقىقىي چىڭ تۇرۇپ، بۇرچنى ھەقىقىي ئۈستىمىزگە ئالغىلى بولىدۇ؟ بىز پەرقنى تېپىپ چىقىش ئارقىلىق، بىزنىڭ قايسى تەرەپلەردە يېتەرسىزلىكلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى بايقىشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلىشىمىز لازىم. ئارقىدىن، بىز ئەسلىي مەقسەت بىلەن بۇرچنى باشتىن-ئاخىر ھەقىقىي بىردەك قىلىپ، ئۇنىڭدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. شۇڭا بىز ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش، بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىش-باش تېما دەيمىز، پەرقنى تېپىپ چىقىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى مېتودولوگىيە دەپ قارىساق بولىدۇ.

پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش-پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىش، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى خىرىسنى كۈتۈۋېلىشتىكى ئىستراتېگىيە سەپەرۋەرلىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۇنتۇماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈپ تەدبىرى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش-يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش روھىي قىياپىتى ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئەمەلىي، ھەقىقىي ئىشلەشتىكى ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

جياڭشى رۈيجىن كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور پەن جيۇگېن مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش-ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىكتە، ئەمەلىي، ياراملىق تەدبىرلەرنىڭ بار-يوقلۇقىغا، يەنى ئىنچىكە، تەپسىلىي، كونكرېت ئەمەلىيەشتۈرگەن-ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. بۇنىڭدا، مۇنداق ئىككى نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر: 1-، پارتىيەمىزنىڭ شانلىق تارىخى ۋە ئېسىل ئەنئەنىسىدىن قۇۋۋەت ئېلىپ، ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىگە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش. 2-، نۆۋەتتە قىلىۋاتقان ئىشلاردا تەلەپكە، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىپ، قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئەھمىيەت بېرىش.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نەزەرىيە ئۆگىنىشىدە ھاسىلاتقا ئېرىشىشتىكى مۇھىم نۇقتا-كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى ئەسلىدىكى ئۆگىنىش ئاساسىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرىگە بولغان چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇشتا قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىن تەربىيەلەش ھەم ئۇنىڭغا يېتەكلەشتىن ئىبارەت.

پۇدۇڭ كادىرلار شۆيۈەنى بۇ يىل 11 قارارلىق پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇشنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ شۆيۈەننىڭ پىروفېسسورى ليۇ جېشىن مۇنداق دېدى: شاڭخەي-ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى بازىسى، باش تېمىلىق تەربىيە ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى نامايان قىلىش لازىم. جۇڭگو پۇدۇڭ كادىرلار شۆيۈەنى چاڭجياڭ دېلتىسىغا، شاڭخەيدىن ئىبارەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى بازىسىغا جايلاشقان. بىز دەل كاپىتال بازىرىدا، سىياسىينىڭ كاپىتالنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز؛ بىز دەل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا، بىزنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق روھىمىزنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساش جەھەتتىن تەربىيەلەش ھەم ئۇنىڭغا يېتەكلەش لازىم، باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ ئۆزىدە، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى دەي يەنجۈن مۇنداق دېدى: كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق، باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ نەتىجىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونكرېت ھەر بىر تۈرلۈك خىزمەتكىچە گەۋدىلەندۈرۈش لازىم. مەيلى ئۆگىنىش، مەيلى خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتىن بولسۇن، قەدەممۇ-قەدەم پۇختا، ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزنىڭ تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەقىقىي ئۆگىنىش ئارقىلىق، ھەر بىر پارتىيەلىك كادىر، بولۇپمۇ رەھبىرى كادىرلارنىڭ بۇرچ ئېڭى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈپ، بىزنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئاڭلىقلىقىمىزنى كۈچەيتىشىمىز شۇنداقلا بۇ خىل ئاڭلىقلىقنى ئەمەلىي خىزمەتلىرىمىزدە گەۋدىلەندۈرۈشىمىز لازىم.

111111111111.jpg
123123.jpg
U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg