شى جىنپىڭ ئاۋمېندىكى بالىلارنى سەمىمىي رىغبەتلەندۈردى
0
2019-06-02 11:15:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، يەنى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاۋمېن خاۋجياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىگە قاراشلىق يىڭسەي مەكتىپىنىڭ باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى سەمىمىي رىغبەتلەندۈردى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەر سىزغان رەڭلىك رەسىم بەك گۈزەل، قىلغان سۆزلىرىڭلار ناھايىتى سەمىمىي بولۇپ، بالىلارنىڭ گۈزەل روھىيىتىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن «يەتتە ئوغۇل ناخشىسى»نى دائىم ئەسكە ئالىمەن، ناخشىدا ئىپادىلەنگەن بالىنىڭ ئانىسىنىڭ قوينىغا قايتىش ئىستىكى كىشىنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرىدۇ. ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتقان 20 يىلدىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلدى، ئاۋمېندىكى قېرىنداشلارنىڭ خىزمەت تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشى بولدى. ۋەتەن ئاۋمېننىڭ كۈچلۈك تىرىكى، سىلەر بۇنى كىچىكىڭلاردىن باشلاپ ھېس قىلىپسىلەر، مەن بەك خۇرسەن بولدۇم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىلەر ۋەتەننىڭ گۈلى، ئاۋمېننىڭ كەلگۈسى. سىلەرنىڭ پېشقەدەم مەكتەپ مۇدىرى دۇ لەننىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش ياخشى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ساغلام يېتىلىپ، چوڭ بولغاندا ئاۋمېننى گۈللەندۈرۈش، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈشكە كۆپ تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

خاۋجياڭ ئوتتۇرا مەكتىپى 1932-يىلى قۇرۇلغان، ۋەتەننى، ئاۋمېننى سۆيۈش، جەمئىيەتكە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشۈرۈشنى مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ باش مەقسىتى قىلغان، ئاۋمېندىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ مەكتەپ. بۇ مەكتەپنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسى بار، 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى جۇڭگو ئەمدىلا قۇرۇلغاندا، شۇ ۋاقىتتىكى مەكتەپ مۇدىرى دۇ لەن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چىقارغان. يېقىندا، خاۋجياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىگە قاراشلىق يىڭسەي مەكتىپىنىڭ باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرى رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ۋەتەن ئانا» دېگەن سۆزگە بولغان چۈشەنچىسىنى بايان قىلدى، چوڭ بولغاندا ۋەتەننى ۋە ئاۋمېننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

 

111111111111.jpg
123123.jpg
U020190531615186055933.jpg
U020190531616170688575.jpg