«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدا نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى
0
2019-05-30 18:29:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئەسقەر تۇرسۇن

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومى موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن قاتارلىق بەش ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىغا تەرجىمە قىلىنىپ، يېقىندا مەملىكەت بويىچە نەشر قىلىپ تارقىتىلىدى.

ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئۆگىنىشى ۋە چۈشىنىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇشى، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى ۋە مىللەتلەر نەشرىياتىنى تەشكىللەپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومىنى بەش ئاز سانلىق مىللەت تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش خىزمىتىنى تاماملىدى.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومىنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل-يېزىق ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە تەھرىرلىگەن، شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە قىلغان سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەستىقى، تەبرىك تېلېگراممىسى قاتارلىق 99 پارچە ماتېرىيال كىرگۈزۈلگەن، يەنە شى جىنپىڭنىڭ بۇ مەزگىلدىكى 29 پارچە سۈرىتى كىرگۈزۈلگەن. پۈتۈن كىتاب جەمئىي 17 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرغانلىقى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيەت جانلىق خاتىرىلەنگەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومىنى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا نەشر قىلىپ تارقىتىش ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىشى، تەشۋىق قىلىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى، مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئېتراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق.

333333333333.jpg
2222222222.jpg
W020190524412404811176.jpg