ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى
0
2019-05-30 14:38:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 8-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكلەپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش تەكىتلىدى

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 8-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىيىتى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تاشقى ئېنىقسىزلىق، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكلەپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، زور زىددىيەت ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىي قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «سەنشىدە ئېنېرگىيە ئىنقىلابى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېلىمىز كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»، «داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى قىممەتلىك خورىما ماتېرىياللارنى تۈزەش توغرىسىدىكى ئىسلاھات لايىھەسى»، «تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاشلىق زاپىسى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»، «قۇرۇلۇش يەرلىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش، رەنىگە قويۇش ئىككىلەمچى بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «يېزا-ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «قالاق ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، مەدەنىي يېزا كەيپىياتى بەرپا قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» ۋە «جايلار، تارماقلارنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىدىغان، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشان سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، تەدبىر بەلگىلەشنى ماسلاشتۇرۇش سىستېمىسى، نازارەت قىلىش باھالاش سىستېمىسى، كاپالەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئۇنىۋېرسال تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ، قىسقا مۇددەت بىلەن ئۇزاق مۇددەتنىڭ، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مالىيە، پۇل، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسپ، رايون قاتارلىق ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى. سەنشى ئۆلكىسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئېنېرگىيە تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، پاكىزە، تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، ئېنېرگىيە پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە تاشقى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تىرىشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىجادىيەت، ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كىنو-تېلېۋىزىيە كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كىنو-تېلېۋىزىيە باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بازارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، كەسىپنى باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى چىڭىتىش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەم نۆۋەتتە ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان كونكرېت مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇش، ھەم كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپ ئۆلچىمى، كەسپكارلارنىڭ سەمىمىيەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق يانداشچانلىقى كۈچلۈك، تەسىرى ئۇزاق مۇھىم مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئەسقاتىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە، دۇنياۋى نەزەر بىلەن پىلانلاپ ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق رايونى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىشنى تۈزەشكە قاتنىشىپ ۋە يېتەكلەپ، ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق مۇلازىمىتى ۋە مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى، ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش تورىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىرىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى قىممەتلىك خورىما ماتېرىياللارنى تۈزەش خەلق ئاممىسىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈمنى ياخشىلاش، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى قىممەتلىك خورىما ماتېرىياللار باھا سىستېمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار مۇھىتى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى قىممەتلىك خورىما ماتېرىياللارنىڭ سۈپىتىنىڭ ئىشەنچلىك، ئوبوروتىنىڭ تېز، باھاسىنىڭ مۇۋاپىق، ئىشلىتىش قېلىپلاشقان ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپلەرنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاشلىق زاپىسى دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى. ماكرولۇق تەڭشەش تىزگىنلەشكە مۇلازىمەت قىلىش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش، ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، ئاشلىق زاپىسى ئىقتىدارى ۋە كۆلىمىنى ئىلمىي بېكىتىپ، ئاشلىق زاپىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇككەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق زاپىسى ھەرىكەت مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىچكى تىزگىنلەشنى باشقۇرۇش ۋە تاشقى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش لازىم.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى : قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش، رەنىگە قويۇش ئىككىلەمچى بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، شەھەر-يېزىلاردا بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش يېرى بازىرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى بىلەن ئالاقىدار كەسپلەر يىرىك پىلانىنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، سودا قائىدىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر ئامىلى ئوبوروتىنىڭ راۋان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساقلانما يەر بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يەرنى تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك ئىشلىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت خەۋپ-خەتىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلارنىڭ پايدىسىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھۆكۈمەت يېتەكلەش، بازار يۈرۈشتۈرۈش، ئۆز ئالدىغا ئىختىيارى بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ھەرىكەت مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، زور ئاپەت خەۋپ-خەتىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى : قالاق ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، مەدەنىي يېزا كەيپىياتىنى بەرپا قىلىش يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قالاق ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا قائىدە-تۈزۈملەرنى چەكلەپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈمنى توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، خەۋپ ـ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز تۈرلەرنى ئىنىقلاپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا بىر-بىرلەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئىسلاھات خىزمىتىدە ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەشتە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ھەم يەككە تۈرلۈك ئىسلاھاتنى ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قاراش، ھەم ئىستراتېگىيەلىك قاتلامدىن ئالاقىدار تۈزۈمنىڭ توپلاشتۇرۇلغان ئۈنۈمىنى بىر تۇتاش ئويلىشىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھات، زور تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا چېتىلىدىغان ئىسلاھات، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىسلاھاتنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالدىن چىڭ تۇتۇش كېرەك. بەزى چوڭ-چوڭ سىناق ۋەزىپىلىرىدە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالدۇر نەتىجە قازىنىش كېرەك.

مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

333333333333.jpg
2222222222.jpg
W020190524412404811176.jpg