گۇاڭدۇڭ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتى
0
2019-05-28 13:56:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

گۇاڭدۇڭ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتى 

گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور ھەل قىلغۇچ تەدبىر. 2018-يىلى 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە تەكىتلەپ: گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى گۇاڭدۇڭنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشىدىكى چوڭ پۇرسەت دەپ بىلىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، دېگەن. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى يۇقىرى ئۈنۈم ۋە تۆۋەن تەنەرخنى نىشان قىلىپ، سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا ياخشى كەيپىيات ياراتتى.

گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېننىڭ ئىقتىساد ئالاقىسى راۋان، ئەڭ مۇھىم ئىش شۇكى، بۇ ئۈچ جايدىكى كارخانىلارغا تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئامىللار ئالمىشىش مۇھىتى يارىتىلدى. مۇخبىر يېقىندا شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە زىيارەتتە بولغاندا، گۇڭبېي تاموژنىسى بىلەن شياڭگاڭ تاموژنىسىنىڭ «كۆپ خىل شەكىلدە بىرلەشمە توشۇشقا قولايلىق يارىتىش پىلانى»نىڭ شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە رەسمىي ئۇلاشتۇرۇلغانلىقى، گۇاڭدۇڭ بىلەن شياڭگاڭدىكى ئىككى تاموژنىنىڭ تېخىمۇ راۋانلاشقانلىقى، چوڭ قولتۇق رايونىدا چېگرا ئاتلىغان ماللارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈش سۈرئىتىنىڭ زور دەرىجىدە تېزلەشكەنلىكىنى بايقىدى. 

شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جىڭۋىي: گۇاڭدۇڭ بىلەن شياڭگاڭنىڭ تاموژنىلىرى چوڭ كۆۋرۈك چېگرا ئېغىزىدا ماللارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماللارنى تەكرار تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى ئازايتتى، كارخانىلار چېگرادىن ئۆتۈشكە قولايلىق يارىتىلغانلىقىنى ھېس قىلدى، دېدى.

ئامىللارنىڭ ئالمىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى چوڭ قولتۇق رايونىغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلدى. جۇخەينىڭ خېڭچىن يېڭى رايونىدا، مەملىكەت بويىچە تۇنجى چېگرا ئاتلاپ ئىش بېجىرىش سىناق نۇقتىسى بىناسىنىڭ يوپۇقى رەسمىي ئېچىلدى. بۇ جايدا، ئاۋمېن كارخانىلىرى سودا سانائەت-مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە باج ئورگانلىرىغا تىزىملاتماي تۇرۇپمۇ چېگرا ئاتلاپ ئىش بېجىرەلەيدۇ، ھەر ئايدا بىر كىۋادرات مېتىرغا بېرىلىدىغان 70 يۈەن ئىجارە تولۇقلىمىسىدىن بەھىرلىنىدۇ، بۇ تەدبىر ئاۋمېن كارخانىلىرىنىڭ ئىجارە تەننەرخىنى زور دەرىجىدە چۈشۈردى. شىڭزې ئاۋمېن مەدەنىيەت پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تۇنجى بولۇپ بۇ جايغا ئورۇنلاشقان ئاۋمېن كارخانىسى بولۇپ، يېرىم ئاي ئىچىدە پۈتۈنلەي كۆچۈپ بولدى. بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى جۇ خەيشىڭ مۇنداق دېدى: خېڭچىن يېڭى رايونى بىر قاتار چېگرا ئاتلاشقا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقاردى، مېنىڭچە بۇنىڭ ئاۋمېن كارخانىلىرىغا بولۇپمۇ ئاۋمېندىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا ياردىمى چوڭ. خېڭچىن يېڭى رايونىدا خىزمەت قىلساق ئادەم كۈچى بايلىقى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. خېڭچىن ۋە ئاۋمېندا ئىش بىجىرىش ناھايىتى قولاي. مەن خېڭچىندىكى ئىشخانامدىن ئاۋمېندىكى ئىشخانامغا 30 مىنۇتتىلا بارالايمەن، بۇ تېخى چېگرادىن ئۆتۈش ۋاقتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2018-يىلى 10-ئايدا گۇاڭدۇڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ھەققىدىكى سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسەت، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، سودا مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.

گۇاڭدۇڭ-شياڭگا-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى گۇاڭدۇڭنىڭ مۇھىم شەھىرى فوشەندە، يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىدار تارماقلار كۆپ يىللاردىن بۇيان تەڭ باشقۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى چۈشۈردى، بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. بىرىنچى ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ فوشەن شۆبىسى ئېلىكتىرنى بازارلاشتۇرۇش سودىسىغا قاتنىشىش، ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمىتى ۋە دۆلەتنىڭ توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىدىن بەھىرلىنىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن، توكتىن ئىبارەت بۇ بىر تۈردىلا ھەر يىلى 25 مىليون يۈەندىن كۆپرەك پۇل تېجىدى. شىركەت ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش بۆلۈمىدىكى لۈ دۇڭمېي فوشەننىڭ سودا مۇھىتىنى ياخشىلىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى: ئېلىكتىر پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا كاپالەت رولىنى ئوينايدۇ. بىزنىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجىمىز ناھايىتى زور، ھازىر توك باھاسى ئۇدا ئۈچ قېتىم چۈشتى، بىر كىلوۋات توكنىڭ باھاسى سەككىز پۇڭ چۈشتى، بۇ قارىماققا كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن كارخانىلارغا نىسبەتەن زور ئېتىبار ھېسابلىنىدۇ. توك بىلەن تەمىنلەش مۇھىتى ياخشىلانسا، بىز تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ جەلپ قىلالايمىز، بۇ ھەم ئۇل ئەسلىھەلىرىمىزگە مەبلەغ سېلىشنىمۇ ياخشىلايدۇ.

سودا مۇھىتى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ. بۇ يىل 2-ئايدا «گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى تەرەققىيات پىلانى پىروگراممىسى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گۇاڭدۇڭ خەلقئارادىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك سودا مۇھىتى بىلەن ئۇلىشىشنى تېزلىتىپ، بۇ ئۈچ جايدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئاشۇردى، كارخانىلارنىڭ تەنەرخىنى تىرىشىپ تۆۋەنلەتتى. يېقىندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ مۇلازىمەتچىلىكىگە ئېچىۋەتكەن تارماق 153كە يەتتى، بۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۇلازىمەت سودىسىدىكى 160 تۈرنىڭ %95.6نى ئىگەللەيدۇ. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گې چاڭۋىي مۇنداق دېدى: كېلەركى قەدەمدە بىز مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، پىلان پىروگراممىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، ئۈچ تاموژنا رايونى، ئۈچ خىل پۇل شارائىتىدىكى تۈزۈم قائىسىدىنى ئۇلاشتۇرۇشنى ئالدى بىلەن چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن بىلەن چوڭقۇر ئالاقە قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاۋار ۋە ئامىللار ئالمىشىش تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى قائىدە قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشقا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىمىز. 

W020190524412404811176.jpg
1124527502_15584940687661n.jpg