شى جىنپىڭ قىزىل زېمىندا كۆڭۈل سۆزلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىدى
0
2019-05-27 17:34:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جياڭشى-قىزىل ئەسلىمىلەرگە لىق تولغان قىزىل زېمىن، قىزىل قىزغىنلىق تولۇپ تاشقان قىزىل زېمىن، قىزىل ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان قىزىل زېمىن. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قىزىل زېمىندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، خىزمەت تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئەمەلىي زىيارەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلىدى.

يېڭى كۈرەش داۋامىدا، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، يېڭى تۇرمۇشتا، ئەلرايىنى قەلبكە پۈكۈش، يېڭى تەرەققىياتتا، يادرونى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى جياڭشى سەپىرى-بىر قېتىملىق كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىش جەريانى بولدى.

شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن پويىزغا ئالمىشىپ، جياڭشى ئۆلكىسى يۈدۇ ناھىيەسىگە باردى. يۈدۇ ناھىيەسى-قىزىل زېمىن ئىدى، چۈنكى بۇ يەر-مەركىزىي قىزىل ئارمىيە 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەر ئۈچۈن توپلانغان ھەم ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جاي، جەنۇبىي جياڭشىدىكى قىزىل تايانچ بازا، تۇنجى قىزىل ھاكىمىيەت بارلىققا كەلگەن جاي ئىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيەنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىنى، ئىنقىلاب غايىسى ۋە ئىنقىلابنىڭ باش مەقسىتىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ، ئىنقىلاب بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى بويلاپ باتۇرانە ئالغا بېسىشىمىز كېرەك.

بۇ يىل دەل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان قىزىل زېمىندا تۇرۇپ قىلغان سۆزى كىشى قەلبىگە ھەسسىلەپ ئىلھام بەردى.

ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا، يۈدۇدىكى يۇرتداشلار مەركىزىي قىزىل ئارمىيەگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەمدەمدە بولغان، بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت تەرەققىي قىلدى، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى قانداق؟ شى جىنپىڭ بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.

شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈدۇ ناھىيەسى زىشەن مول سېلېنلىق كۆكتات كەسپىي باغچىسىغا باردى، ئۇ كەسپىي باغچە خادىملىرىنىڭ شۇ جاينىڭ كۆكتات كەسپى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاچ، ئۈستەلگە قويۇلغان كۆكتاتلارنى ئېلىپ تەپسىلىي كۆردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەسلى مەقسىتى-خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئويلايدىغىنى-تۈرلۈك ئامال-چارىلەر بىلەن پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش. ئەھۋال بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇندىن كېيىنكى كۈنلىرىمىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

خەلقنى ئويلاش، خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش-شى جىنپىڭنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن ئىشى شۇنداقلا ئۇ دائىم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا تاپىلايدىغان خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تەلىپى.

شى جىنپىڭنىڭ جياڭشىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، خىزمەت تەكشۈرۈشىنىڭ بىرىنچى بېكىتى گەنجۇ شەھىرى بولدى. ئۇ شۇ جايدىكى كارخانىلارغا كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، يەنە شۇ جاينىڭ سىرەك يەر كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش-كارخانىلارنىڭ جان تومۇرى. مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە يادرولۇق تېخنىكىغا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغىلى، كەسكىن رىقابەتتە غالىپ ئورۇندا تۇرغىلى بولىدۇ. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيە نېگىزىنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يۈكسەكلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق تېخنىكىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى-ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە «ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشى»دىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشتا تېخىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە، جياڭشىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى كېزىپ چىقىپ، نۇرغۇن ساھەلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، مۇھىم يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، مۇھىم پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، يېڭى دەۋردىكى جياڭشىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كارتىنىسىغا ئەھمىيەت بەردى، شى جىنپىڭ پۇقرالارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇش-پارتىيەنىڭ ئەسلى مەقسىتى شۇنداقلا پارتىيەنىڭ قەتئىي ئىرادىسى دېدى.

 

W020190524412404811176.jpg
1124527502_15584940687661n.jpg