ئامېرىكىنىڭ قىلمىشى كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىنى دەپسەندە قىلغانلىق
0
2019-05-27 11:22:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى گاۋيەن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچى بىلەن بېسىم ئىشلىتىدىغان زومىگەرلىك قىلمىشى-كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق دېدى

جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى گاۋيەن تاراتقۇلارنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچى بىلەن بېسىم ئىشلىتىدىغان زومىگەرلىك قىلمىشى كىشى كۆڭلىگە ياقمايدۇ، بۇ قىلمىش-كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق بولۇپ، خەلقئارادىكى سودا جەمئىيەتلىرى ۋە سودا-سانائەت ساھەسىنىڭ كەڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى.

گاۋيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى بىلەن دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ سودا جەمئىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدا قويۇق ئالماشتۇرۇش ساقلانماقتا. مۇتلەق كۆپ قىسىم خەلقئارا سودا جەمئىيەتلىرى، سودا-سانائەت ساھەسى-سودا قورۇقچىلىقىغا قەتئىي قارشى تۇردى.

گاۋيەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا-جۇڭگو سودا كومىتېتى، ئامېرىكا مەملىكەتلىك پارچە سېتىش كارخانىلىرى بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورگانلارمۇ جۇڭگودىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشقا بەس-بەستە قارشى قاردى. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر دوكلاتىدا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: جۇڭگو-ئامېرىكا سودا تالاش-تارتىشىنىڭ كەسكىنلىشىشى-2021-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان يەر شارى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %0.7 زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن، ئەگەر بۇنى مىقدارلاشتۇرساق، 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ شۇنى تونۇپ يەتتىكى، ئەگەر يەر شارى دائىرىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاخىرىدا يەنىلا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر زىيان تارتىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل بىر تەرەپلىمە سودا قورۇقچىلىق قىلمىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ ھەم ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

ئامېرىكا جۇڭگو-ئامېرىكا سودىسى تەڭپۇڭسىز بولدى دېگەننى تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشتىكى بىر ئاساسلىق باھانە قىلىۋالدى، ھەتتا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا، ئامېرىكا ئىزچىل زىيان تارتىپ كەلدى دېدى. گاۋيەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئىستاتىستىكا ئۇسۇلى بىر تەرەپلىمە بولدى، ئۇنىڭدا، مۇلازىمەت سودىسى، چېگرا ھالقىپ مەبلەغ سېلىشنىڭ سودىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە سەل قارالدى، ئاتالمىش «جۇڭگو-ئامېرىكا سودىسى تەڭپۇڭسىز بولدى» دېگەنلىك ئەمەلىيەتتە يالغان ھۆكۈم. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي زومىگەرلىك قىلمىشى، ئۇچىغا چىققان بېسىم قىلىش قىلمىشى-جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىشىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى.

گاۋيەن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، جۇڭگو كارخانىلىرى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىدە چېنىقىپ، خىيىم-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، چەتئەل بازارلىرىنى ئېچىش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستى، كارخانىلار تاقابىل تۇرۇشتا يەنە تېخىمۇ ئىشەنچ ۋە سالماقلىققا ئىگە بولدى. تاشقى سودا ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، ئادەتتىكى سودا ئېكىسپورتى ئىككى تىرىليون 960 مىليارد يۈەن بولۇپ، %10.2 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى 2.4 پوئېنت ئۆرلەپ، %58.6 كە يەتكەن.

گاۋيەن مۇنداق دېدى: بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ ئېكىسپورتىدا، ئامېرىكا بازىرىلا بىردىنبىر بازار ئەمەس، ئامېرىكا بىر مۇھىم بازار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى بازارى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بازىرى، رۇسىيە بازىرى ھەم باشقا لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ بازىرىمۇ بار، مۇنداقچە ئېيتقاندا، جۇڭگو كارخانىلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا بازىرى بولمىسىمۇ، يەنە باشقا كەڭ بازارلار بار.

گاۋيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو قوللانغان بىر يۈرۈش ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەدبىرلىرىمۇ جۇڭگونى جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سۈركىلىشى كەسكىنلەشكەن ئارقا كۆرۈنۈشتە، يەنىلا چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىشنىڭ قىزغىن ماكانىغا ئايلاندۇردى. بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، جۇڭگو ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەتئەل مەبلىغى سىجىل، مۇقىم ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 كۆپەيدى.

گاۋيەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا-جۇڭگو سودا كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكا مەبلىغىدىكى %90 كارخانا جۇڭگو-ئەڭ مۇھىم بازار دەپ قارىغان، ئامېرىكا مەبلىغىدىكى %95 كارخانا جۇڭگوغا سالىدىغان مەبلىغىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى ياكى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياپونىيە سودىنى گۈللەندۈرۈش ئورگىنىنىڭ دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ياپونىيە كارخانىلىرى جۇڭگو بازىرىغا داۋاملىق ياخشى قارىغان، ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ تاشقى ئېكىسپورتى، مەبلەغ سېلىش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىستراتېگىيەسىدە، جۇڭگو بازىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

گاۋيەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ سودا قورۇقچىلىق توقمىقى-جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توسۇپ قالالمايدۇ، جۇڭگونىڭ زور، پۇختا قەدەم بىلەن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بېكىتىلگەن يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

گاۋيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش-پۈتۈن دۇنيانىڭ ئارزۇسى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا-سانائەت ساھەسى شۇنداق بولۇشىنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلماقتا. بىز ئامېرىكىنىڭ ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلماي، جۇڭگو بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛ ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى دۇنيادا بىر دەپ ھېسابلىماستىن، باشقىلارنىڭ گېپىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛ ئامېرىكىنىڭ قىلغان گېپىدىن يېنىۋالماي، سەمىمىي بولۇپ، لەۋزىدە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛ ئامېرىكىنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماي، توغرا يولغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

گاۋيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشى كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون ۋە كەسىپلەردە 200 ئاگاھلاندۇرۇش ئورگىنى قۇرۇدى، بۇندىن كېيىن يەنە يەر شارى ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنىڭ كۆرسەتكۈچلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، سۆزلىشىش يوللىرى ۋە كەسپىي كېڭىشىش ئورگانلىرىنى تېزدىن قۇرىدۇ.

 

W020190524412404811176.jpg
1124527502_15584940687661n.jpg