ئوتتۇرا جۇڭگودىكى رايونلار تەرەققىياتنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرمەكتە
0
2019-05-26 15:18:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

 

ئوتتۇرا جۇڭگودىكى رايونلار يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

ئوتتۇرا رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر. يېقىندا ئېچىلغان ئوتتۇرا رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ئوتتۇرا رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانماقتا.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى يېپىلغان 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئوتتۇرا رايونلار مەبلەغ سېلىش سودا كۆرگەزمىسىدە، ئوتتۇرا رايوندىكى ئالتە ئۆلكە جەمئىي 406 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، كېلىشىم سوممىسى 483 مىليارد 513 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوتتۇرا رايوندىكى ئۆلكىلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنىشىگە ئايلاندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، چېگرا رايون ۋە دېڭىز بويىدا بولمىغان ئوتتۇرا رايونلارمۇ يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى كېڭەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە جابدۇقلارنى سىرتقا چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. بۇ يىل 1-پەسىلدە خۇنەندە يېڭىدىن 21 چەتئەل كارخانىسى كۆپەيدى، توختامدىكى مەبلەغ سېلىش سوممىسى 415 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. پاكىستاندا خۇنەن كارخانىسى جۇڭليەن جوڭكى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرى شۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ توك تارقىتىش تۈرىگە ئىشلىتىلدى. بۇ شىركەتنىڭ چەت ئەلدىكى مۇلازىمەت ئىنژېنېرى يۈ كې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر شىركىتىمىز بۇ تۈردە 50 ئۈسكۈنە قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى. شىركىتىمىز ئۈسكۈنىلىرىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تۈرىنى قۇرۇشقا قاتنىشالىغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.

بۇ يىل 1-پەسىلدە ياسىمىچىلىقنىڭ كۆپەيمە قىممەت بېجىدا باجنى ئازايتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كارخانا تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش، ياسىمىچىلىقنىڭ ئەۋزەل كەسپ توپى بەرپا قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، سەنشى ئۆلكىسىدىكى ياسىمىچىلىقنىڭ ئاساسلىق كەسپلىرى تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. سەنشى ئۆلكىسى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ھەرىكەتنى كۆزىتىش مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى تەن گورۇڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە سەنشى يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىق كەسپى بىلەن ئىنتېرنېتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ياسىمىچىلىقنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، يۇغۇرۇلما تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە نۇقتىلىق مەدەت بېرىپ، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى زور، ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمى كۈچلۈك ئۆلكە دەرىجىلىك زور تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرلىرىنى پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەتتە ئىنتېرنېتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

يېقىندا ئەنخۇي ئەنكەي ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتى 600 ئاپتوبۇسىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئېكىسپورت قىلدى، جۇڭگودىكى يىللىق ئاپتوبۇس ئېكىسپورتىنىڭ بىرىنچى چوڭ تالونىغا ئۇدا ئۈچ يىل ئەنكەي ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتى ئېرىشتى. ئەنكەي ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتى تېخنىكا مەركىزى ئاپتوموبىل تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ زېپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئاساسلىقى شىركەتنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقانلىقىدىن بولدى. غەربىي ئاسىيانىڭ يىل بويى يۇقىرى تېمپېراتۇرلۇق ۋە قۇم-بورانلىق مۇھىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جايغا ماس كېلىدىغان 12 مېتىرلىق ئاپتوبۇسنى ياساپ چىقتۇق.

نۆۋەتتە ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي ئۇنىۋېرسال دۆلەتلىك ئىلىم-پەن مەركىزى، خېفېي بىڭخۇ ئىلىم-پەن شەھەرچىسى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي كۆلىمى 30 مىليارد يۈەنلىك كەسىپ فوندى تەسىس قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭىدىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىشىگە تۈرتكە بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆلكە مەركىزى بولغان خېفېي شەھىرى ياۋخەي رايونىنى يادرو قىلغان شەرقىي قىسىم يېڭى مەركىزى قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى جەلپ قىلماقتا. ياۋخەي رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: ياۋخەي رايونى ئۆلكە بويىچە ئالدى بىلەن 24 سائەت ئىشتىن چۈشمەيدىغان «ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تاللا بازىرى» قۇرۇپ، شەھەر بويىچە G60 پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارىدورى «توققۇز شەھەرنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش» مۇلازىمەت كۆزنىكىنى ئالدى بىلەن ئاچتى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش زۆرۈر. ئېكولوگىيە چوڭ ئۆلكىسى خۇبېي ئۆلكىسىدە جىنجۇ شەھىرىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى قىرغىقى لىنىيەسى 483 كىلومېتىر بولۇپ، ئۆلكە بويىچە چاڭجياڭ دەرياسى قىرغىقى لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن شەھەر ھېسابلىنىدۇ. جىنجۇ شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ بىڭ مۇنداق دېدى: مۇھىت ئاسراش، ئېكولوگىيەنى قوغداش جىنجۇدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بىردەك ھەرىكىتىگە ئايلاندى. بىز ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، مۇھىت ئىجازىتىنى چىڭىتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى ۋە ئاساسلىق تارماق ئېقىنلىرىنىڭ قىرغاق لىنىيەسىدە بىر كىلومېتىر دائىرىدە ئېغىر خىمىيە سانائىتى ۋە قەغەزچىلىكنى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى قاتتىق مەنئىي قىلىپ، سۈزۈك دەريا سۈيىنىڭ شەرققە ئېقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چوقۇم خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش زۆرۈر. بۇ يىل 1-پەسىلدە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %7.9 ئېشىپ، بۇلتۇر پۈتۈن بىر يىلدىكىدىن 3 پوئېنت يۇقىرىلىدى. ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىدىكى جانلىقلىق پۈتۈن يىللىق خىزمەت ئۈچۈن بىر قەدەر ياخشى ئاساس سالدى. خېنەن ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى يىڭۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل خېنەن ئۆلكىسى ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىچكى ئېھتىياج بازىرىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ.

لى يىڭۋېي مۇنداق دېدى: بىر تۈركۈم ئېكولوگىيەلىك ساياھەت، يېزا-كەنت ساياھىتى، ئائىلە مۇلازىمىتى، ساغلاملىق كۈتۈنۈش ۋە توردا پارچە سېتىش قاتارلىق ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرى يەنە يېتىلدۈرىلىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرۇلىدۇ؛ پۇقراۋى كارخانىلار خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھەپتىلىكى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ماھارەت بويىچە دەل تەربىيەلەش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ،نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

نۆۋەتتە، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش ۋەزىيىتى جىددىي بولماقتا، ئوتتۇرا رايونلار تەرەققىياتتا نى نى ئىشلارنى قىلالايدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرۈتكە بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ئوتتۇرا رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوتتۇرا رايونلار يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىلىرىنىڭ روھىنى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىپ كىرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

 

W020190524412404811176.jpg
1124527502_15584940687661n.jpg