شى جىنپىڭنىڭ جياڭشىدا خىزمەت تەكشۈرگەنلىكى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
0
2019-05-24 11:28:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلنۇرە ، ئابدۇللا

شى جىنپىڭنىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدە خىزمەت تەكشۈرگەنلىكى ھەم ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقى شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە جياڭشىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈرۈپ ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەمەلىي ئىگىلىدى، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئېنىق تەلەپ قويدى. جياڭشىدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە تېرىشىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى جياڭشىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياخشى يېزىپ چىقىمىز.

جياڭشى ئۆلكىسى گەنجۇ شەھىرى-دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ سىرەك يەر، ۋولفىرام مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى بولۇپ، «سىرەك يەر پادىشاھلىقى»، «دۇنيا ۋولفىرام شەھىرى» دېگەن ناملىرى بار. باش شۇجى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتە گەنجۇغا بېرىپلا، جياڭشى جىنلى مەڭگۈلۈك ماگېنت پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتى ھەم گەنجۇنىڭ سىرەك يەر كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆردى. جياڭشى جىنلى مەڭگۈلۈك ماگېنت پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئېرىتىپ ئۇلاش بەنىنىڭ باشلىقى لەي شىنبو باش شۇجى بىلەن يۈزمۇ-يۈز پىكىر ئالماشتۇرغان چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ، ھاياجىنىنى بېسىۋالالمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بەك ئىپتىخارلاندىم، مەن پەقەت ئۆز مەسئۇلىيىتىم دائىرىسىدىكى ئىشنىلا قىلىپ، تېخىمۇ داڭلىق، تېخىمۇ ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شىركەتنىڭ زورىيىشى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزۈمنىڭ بىر ئۈلۈش ھەسسەمنى قوشتۇم.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىرەك يەر-مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بايلىق شۇنداقلا تىرىلمەس بايلىق. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممەتنى كۆپەيتىپ، تۈرنىڭ مۇھىت ئاسرىشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىيات، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جياڭشى جىنلى مەڭگۈلۈك ماگېنت پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرى قوشۇمچە مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لۈفېڭ مۇنداق دېدى: بىز داۋاملىق كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ، يېڭىمىزنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز. بىز بەك روھلاندۇق، چوڭقۇر ئىلھام ئالدۇق. كارخانىمىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، يەڭنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، شىركىتىمىزنى دۇنيادىكى سىرەك يەر مەڭگۈلۈك ماگېنت كەسپىدىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلاندۇرىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر ئۈچۈن توپلانغان ھەم ئاتلانغان جاي يۈدۇ ناھىيەسىگە بېرىپ، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە مۇنارىغا گۈل سېۋىتى قويدى ھەم مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. يۈدۇ ناھىيەلىك مۇزېينىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇڭ مىن باش شۇجىغا نەق مەيداندا چۈشەندۈردى. جۇڭ مىن مۇنداق دېدى: ئېكىسكۇرسىيە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، باش شۇجى ماڭا، مەن سىزنىڭ داۋاملىق قىزىل ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى. قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ قىزىل ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جاي بولغان يۇرتىمىز يۈدۇنىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىم ھەم مەجبۇرىيىتىم بار.

مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى لەن خۇايىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى پارتىيەنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچى، ئىنقىلابىي غايىسى ۋە ئىنقىلابنىڭ باش مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى داۋاملىق نۇرلاندۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. بۇ ماڭا تېخىمۇ ئىلھام بەردى، مەن ئۇزۇن سەپەر روھىنى تارقاتقۇچى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى بولىمەن. يۈدۇ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جاي، مەيلى بۇرۇن، ھازىر ياكى كېيىن بولسۇن، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇزۇن سەپەر روھىنى ياخشى نۇرلاندۇرۇشىمىز لازىم. بىزمۇ «ئۇزۇن سەپەر بىرىنچى دەرسى» مەخسۇس لېكسىيەسىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بۇ خىل ساغلام، ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلدۇرۇشنى پىلانلىدۇق.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشى ئۆلكىسى يۈدۇ ناھىيەسى زىشەن مول سېلىنلىق كەسىپ باغچىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. كۆكتات پارنىكىدا باش شۇجى يۇرتداشلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. خۇەيدې يېزا-ئىگىلىكى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شى چاڭگو: باش شۇجىنىڭ ئىلھامى ئارقىسىدا بىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى، دېدى.

شى چاڭگو مۇنداق دېدى: باش شۇجى تۇرمۇشۇڭلار بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، دېدى. شىركەت+كوپىراتىپ+دېھقان ئائىلىسىدىن ئىبارەت بۇ خىل ئەنزىدە ياخشىكەن. ھازىر شىركىتىمىز مول سېلىنلىق مەھسۇلاتلارنى يارىتىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ. مەن يەنە كۆپرەك يەر ئېلىپ كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ ئالغا ئاتلىنىشقا تەييارلىنىۋاتىمەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇدۇ ناھىيەسى زىشەن بازىرى تەڭتۇ كەنتىدە، قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابى قۇربانىنىڭ ئەۋلادى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي سۈن گۇەنفانىڭ ئۆيىگە كىرىپ مېھمان بولدى، سۈن گۇەنفا ئائىلىسىدىكىلەر ۋە شۇ جايدىكى بازار ۋە كەنت كادىرلىرى بىللە ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايون خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى ۋە تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

سۈن گۇەنفانىڭ ئوغلى سۈن گوخۇا ئەسلەپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى بىزدىن ھازىر تۇرمۇشۇڭلار قانداق دەپ سورىدى، مەن ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدىن رازى، باش شۇجىغا ئەگىشىپ ماڭساق، تېخىمۇ ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا، دېدىم. باش شۇجى بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى، مەن بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدىم، ھەم ئىنتايىن روھلاندىم. بۇ يىل مەن بىر كىچىك نىشان بېكىتتىم، يەنى بۇ يىل ئالدى بىلەن 100 مىڭ يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتۈشنى پىلانلىدىم.

تەنتو كەنتى ئۈزۈم، كۆكتات قاتارلىق كەسىپلەرگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى. نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى ئۆزگىچە كەسىپلەر نامرات ئائىلىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىققانلارنى يۇرتقا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلدى، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق ساپ كىرىمى 11 مىڭ 210 يۇەنگە يەتتى. تەنتو كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ ليەنيۈن مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلاپ، كۆكتات كەسىپىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كۆكتاتلىرىمىزنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سېتىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ، ھاللىق سەۋىيەگە تېخىمۇ تېز يېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

1124527502_15584940687661n.jpg
1124520212_15583654665571n.jpg