شى جىنپىڭ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گەنجۇ شەھىرىدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈردى
0
2019-05-22 16:23:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەد

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى جياڭشى ئۆلكىسى گەنجۇ شەھىرىدىكى كارخانا، يېزا، ئىنقىلابىي خاتىرە سارايلىرىغا بېرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن گەنجۇ شەھىرىگە جايلاشقان جياڭشى جىنلى مەڭگۈلۈك ماگنىت پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە گەنجۇ شەھىرىنىڭ سىرەك يەر كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر يىغىلىشى باشلانغان جاي گەنجۇ شەھىرى يۈدۇ ناھىيەسىگە كېلىپ، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە مۇنارىغا گۈل سېۋىتى قويدى. مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە سارىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈدۇ ناھىيەسىدىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەۋلادلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە كەلگەن. ئەينى يىلى پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن

سەپەر جەريانىدا نۇرغۇن مەغلۇبىيەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرىدا يەنىلا ئىنقىلابىي غايىگە تايىنىپ غەلبە قىلىپ، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغىنىغا 70 يىل بولدى، ئۆتمۈشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. مەن بۇ يەردە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە شۇنى بىلدۈرمەكچىمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقى، پۈتۈن جۇڭگو خەلقى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقى، ئىنقىلابىي مەقسىتىمىز، ئىنقىلابىي غايىمىز، ئىنقىلابىي ئەجدادلىرىمىز، ئىنقىلابىي قۇربانلىرىمىز، يۇرتداشلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

ئارقىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈدۇ ناھىيەسى زىشەن فۇشى كۆكتات كەسىپلەر رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. كەسىپلەر رايونى «باشلامچى كارخانا+ كوپىراتىپ+دېھقان ئائىلىسى ۋە نامرات ئائىلە» تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، پارنىكتا ئەمگەك قىلىۋاتقان يۇرتداشلار ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، بىزنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى!

شى جىنپىڭ يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: كومپارتىيە خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھازىر دېھقانلار ۋە كەڭ پۇقرالارنى قانداق قىلىپ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈستىدە پۈتۈن زېھنى بىلەن ئويلىنىۋاتىدۇ، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى، كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىدۇ !

باش شۇجى شى جىنپىڭ كەسىپلەر رايونىدىن ئايرىلىپ، يۈدۇ ناھىيەسى زىشەن بازىرى تەنتۇ كەنتىگە بېرىپ كونا ئازاد رايوندىكى ئاممىنى يوقلىدى. تەنتۇ كەنتى 700نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، 2017-يىلى پۈتۈن كەنتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنت قىياپىتىنى تەكشۈرۈپ، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، كەنت مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلار ئەۋلادى سۈن گۇەنفا باش شۇجىنىڭ مېھمان بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنى باشلاپ چىقىپ قىزغىن قارشى ئالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاشخانا، ياتاق ئۆي، ئارقا ھويلا، ھاجەتخانىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ تۇرالغۇ ۋە تازىلىقىنى ياخشىلاش ئەھۋالىدىن مەمنۇن بولدى. ئارقىدىن باش شۇجى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە بازار، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. ئۇ سۈن گۇەنفا ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنىڭ بۇلتۇر 70 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىقى ئائىلىسىدىكىلەردىن سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلىرىمۇ، ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىرىمۇ بار ئىكەنلىكى، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ۋە مەكتەپتە ئوقۇشى كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى.

شۇ جايدىكى ئامما مۇنداق دېدى: ھازىر ناھايىتى ياخشى ئۆتىۋاتىمىز، تۇرمۇشىمىزدىن بەك رازى. باش شۇجىغا ئەگىشىپ ماڭىمىز، باش شۇجىغا ئەگىشىپ ئىشلەيمىز!

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كومپارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساق، ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا. شۇڭا مەن كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ دېدىم ! بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ياشىغان مەزگىل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مەزگىل بولۇشى كېرەك. شۇڭا مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەخت سائادىتى ئۈزلۈكسىز ئەمەلگە ئاشىدۇ. 


1124520212_15583654665571n.jpg
1124519911_1558350846626_title0h.jpg
1124518927_15583394678921n.jpg