مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى»نى پۈتۈن ئارمىيەدىكىلەرگە بېسىپ تارقاتتى
0
2019-05-21 20:15:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

پۈتۈن ئارمىيەنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى پۇختا تۇرغۇزۇش، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى»نى تۈزۈپ، يېقىندا پۈتۈن ئارمىيەدىكىلەرگە بېسىپ تارقاتتى.

شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ماركسىزملىق ھەربىي نەزەرىيەنىڭ جۇڭگوچىلىشىشى، دەۋرلىشىشىدىكى يېڭى سەكرەش بولۇپ، پارتىيەنىڭ ھەربىي يېتەكچى نەزەرىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «پىروگرامما» مۇقەددىمە، ئاساسىي قىسىم، خاتىمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جەمئىي 18 قىسىم، 85 تۈر، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ زور ئەھمىيىتى، ئىلمىي سىستېمىسى، مول مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپى ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق شەرھىلەنگەن، بۇ شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي دەرسلىك.

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: «پىروگرامما»نى ئۆگىنىش، ئىشلىتىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش؛ «پىروگرامما»نى ئۆگىنىشنى پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، كادىرلارنى نەزەرىيە بويىچە نۆۋەت بىلەن تەربىيەلىشى، قىسىملارنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەسى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشىغا، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»، «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىش» باش تېمىلىق تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

1124520212_15583654665571n.jpg
1124519911_1558350846626_title0h.jpg
1124518927_15583394678921n.jpg