جۇڭگو پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ داۋاملىق كۆپەيدى
0
2019-05-20 11:46:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتېكىن ئىمام

شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالما شىركىتى جۇڭخۇا رايونى باش ئورگىنى، خونىۋېل شىركىتى ئاپتوموبىل زاپچاسىلىرى دۇنيا تەتقىقات مەركىزى، نايكى شىركىتى سىفېرلىق ئىشخانىسى قاتارلىق 27 كارخانىغا رايون باش ئورگىنى ۋە تەتقىق قىلىپ ياساش مەركىزى گۇۋاھنامىسى بەردى. شۇ كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك سودا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بىرىنچى پەسىلدە، بېيجىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يۇمتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە 45 تاشقى مەبلەغ كارخانىسىنى جەلىپ قىلغان، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشقان؛ ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 1 مىليارد 290 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.1 ھەسسە ئاشقان.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشى ئۆزگەرمەيدۇ، ھەر قايسى ئەللەر كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپ گۈللەندۈرۈشىنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ.

ئىقتىساد يەرشارىلىشىۋاتقان دەۋردە، قەيەرنىڭ بازىرى ھاياتى كۈچكە تولغان بولسا شۇ يەرنىڭ دەرۋازىسى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلىدۇ، كارخانىلارمۇ شۇ جايغا بارىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى كۈچلۈك بولدى، ئېچىۋېتىش قەدىمى پۇختا تاشلاندى، چەتئەل سودىگەرلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتىدۇ.

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، ئېلىمىز ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغ سىجىل، مۇقىم ئاشقان. مەملىكەت بويىچە چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان 13 مىڭ 39 كارخانا يېڭىدىن كۆپەيگەن، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 45 مىليارد 140 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئاشقان. ئېلىمىزنىڭ تاشقى مەبلەغ ئىشلىتىش مىقدارى مۇقىم، سۈپىتى ئەلا بولدى.

قۇرۇلما تېخىمۇ مۇۋاپىق بولدى. ئالدىنقى تۆت ئايدا، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش مىقدارى ئاشتى. يۇقىرى تېخنىلىكىق ياسىمىچىلىق ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغ 33 مىليارد 410 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.3 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېلىكترونلۇق ۋە خەۋەرلىشىش جاپدۇقلىرى ياسىمىچىلىقى، كومپىيۇتېر ۋە ئىشخانا جاپدۇقلىرى ياسىمىچىلىقى ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ئايرىم ھالدا %38.7 ۋە %45.8 ئاشقان. يۇقىرى تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكى ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغ 52 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يېتىپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %73.4 ئاشقان.

سۇبيېكت تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشتى. ئالدىنقى تۆت ئايدا، ئاساسلىق مەبلەغ مەنبىيىنىڭ مەبلەغ سېلىش سۈرئىتى ئاستىلىمىدى، كورىيە، گېرمانىيەنىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلىغى ئايرىم ئايرىم ھالدا %114.1 ۋە %101.1 ئاشتى؛ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەمەلىي سالغان تاشقى مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.7 ئاشتى، بىر بەلباغ بىر يولغا قاتناشقۇچى ئەللەر، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەبلەغ سېلىشى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. بىرىنچى پەسىلدە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن تەسىس قىلغان كارخانا 437گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.6 ئاشتى؛ بىر بەلباغ بىر يولغا قاتناشقۇچى ئەللەر جۇڭگو مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن تەسىس قىلغان كارخانا 1050كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.5 ئاشتى.

ئورۇنلاشتۇرۇش تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولدى. ئالدىنقى تۆت ئايدا، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونى، ئەركىن سودا سىناق رايونى جەلپ قىلغان تاشقى مەبلەغ مۇقىم ئاشتى. غەربىي رايون ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغ 21 مىليارد 160 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.6 ئاشتى. ئەركىن سودا سىناق رايونى ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.8 ئاشتى، ئىگىلىگەن نىسبىتى %11.9كە يەتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا تەرەققىيات كېڭىشى ئېلان قىلغان «يەرشارى مەبلەغ سېلىش يۈزلىنىشىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»دا ئايان بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى دۇنيادا چەتئەللەرنىڭ بىۋاستە مەبلەغ سېلىشى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن ئەھۋالدا، جۇڭگو بازىرى جەلپ قىلغان تاشقى مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىمىغان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا داۋاملىق بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. جۇڭگو-ئامېرىكا سودا جەمئىيىتى 2-ئايدا ئېلان قىلغان 2019-يىللىق «جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»دا: پارلاق بازار ئىستىقبالى ۋە تەدرىجىي ياخشىلىنىۋاتقان سودا مۇھىتى جۇڭگونى يەرشارى بويىچە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئالدىنقى نىشانىغا ئايلاندۇردى، دېيىلدى.

دۇنيانىڭ جۇڭگو بازىرىغا بولغان مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسى ناھايىتى ئېنىق، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ مەبلەغ سېلىشىنى جەلپ قىلىش كۈچى تېخىمۇ كۈچەيدى.

بۇ جەلپ قىلىش كۈچى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ھەققىدىكى ئەمەلىي تەدبىرلىرىدىن كەلدى. جۇڭگو تېخىمۇ كەڭ ساھەدە تاشقى مەبلەغنىڭ بازارغا كىرىش ئىجازىتىنى بوشاتتى، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، تاۋارلار ۋە مۇلازىمەت ئىمپورت قىلىشنى تېخىمۇ كەڭ ساھەدە كۈچەيتتى، خەلقئارا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يولغا قويدى، سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى، جۇڭگونىڭ بىر قاتار ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەدبىرلىرى دۇنيانىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

جەلپ قىلىش كۈچى جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كەڭ بازار بوشلۇقىدىن كەلدى. جۇڭگو 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە، ھەر يىلى 8 مىليوندىن كۆپرەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ تولۇق كەسىپكە يانداش بولغان مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھەگە ئىگە. غايەت زور بازار ئېھتىياجى، ياخشى تەرەققىيات ئىستىقبالى چەتئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سالغان كارخانىلارنى تېخىمۇ ياخشى سەھنە، تېخىمۇ ياخشى پۇرسەتكە ئىگە قىلدى.

جەلپ قىلىش كۈچى يەنە جۇڭگونىڭ سىجىل ياخشىلىنىۋاتقان سودا مۇھىتىدىن كەلدى. جۇڭگو ئۇدا تەدبىر قوللىنىپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلىدى: چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش پاسسىپ تىزىملىكىنى يەنىمۇ قىسقارتتى، بازارغا كىرىش ئىجازىتىنى بوشاتتى؛ مەمۇرىي تەستىق ۋە ئىجازەت تۈرلىرىنى داۋاملىق قىسقارتتى؛ «چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى»نى ئېلان قىلىپ، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشنى كۈچەيتتى.... جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئىقتىسادى، سودىسىنىڭ ئېشىشى ئاستا بولىۋاتىدۇ، خەلقئارا مەبلەغ جەلپ قىلىش رىقابىتى كۈچەيدى، بىز خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، تاشقى مەبلەغ مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ بازار بوشلۇقى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى تېخىمۇ پائال، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە پايدىلىق شارائىت يارىتىشىمىز كېرەك.

1124499078_1557923532943_title0h.jpg