تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا مەدەنىيەت كۈچى قوشۇلدى
0
2019-05-19 10:44:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتېكىن ئىمام

 

ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىشقا مەدەنىيەت كۈچى قوشتى

5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلەپ، ئاسىيا مەدەنىيىتى ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش چوڭقۇر تەپەككۇرىنى شەرھىلەپ، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، تىنچ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىدا ئېچىلىش مۇراسىمىدىن باشقا يەنە پاراللېل شۆبە مۇنبەر، ئاسىيا مەدەنىيەت كارنىۋالى ۋە ئاسىيا مەدەنىيەت ھەپتىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاسىيا ھەتتا دۇنيا مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشى، دوست بولۇشىغا سەھنە ھازىرلاندى، كىشىلەر سەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ گۈزەللىكىدىن زوق ئالدى، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ قۇرۇشقا مەدەنىيەت كۈچى قوشۇلدى.

5-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى بېيجىڭ دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە ئېچىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلەپ، تارىخنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، كۆپ مەنبەلىك، سىغدۇرۇشچان ئاسىيا ئۈچۈن مەدەنىيەتلەر ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش، يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىش پىلانىنى تۈزدى، ھەمدە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسانلارنىڭ ئىرقى، تىلىلا پەرقلىنىدۇ، مەدەنىيەتلەرنىڭ پەقەت رەڭدارلىقى ئوخشىمايدۇ، لېكىن يۇقىرى-تۆۋەن، ياخشى-ناچار دەپ ئايرىلمايدۇ. ئۆز ئىرقى ۋە مەدەنىيىتىنى باشقىلاردىن يۇقىرى دەپ قاراپ، باشقا مەدەنىيەتلەرنى ئۆزگەرتىش ھەتتا باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىشنى ئويلاش ئۇقۇم جەھەتتىكى ئەخمىقانىلىق، ئۇسۇل جەھەتتىكى پاجىئە.

رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەشتە چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش؛ گۈزەل كىشىنىڭ گۈزەللىكىدە چىڭ تۇرۇپ، گۈزەللىكتىن تەڭ بەھرىلىنىش؛ ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش؛ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۆت تەشەببۇس ھەر قايسى ئەللەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ئۆز-ئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كەڭ تۈردە ماختىشىغا ئېرىشتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتى ھەققىدىكى بايانلار دۇنيا خەلقىگە بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئىشەنچى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۆرسەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش، ھەممە دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈش جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلگەن يول، خەلقكە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش، خەلقنى بېيىتىش جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ روشەن قىممەت يېتەكچىسى، كونىنى تۈگىتىپ، يېڭىنى قوبۇل قىلىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك روھى ھالىتى، قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش، تەبىئەت بىلەن ئادەمنىڭ بىرلىكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى مەۋجۇتلۇق ئىدىيەسى. كەلگۈسىدىكى جۇڭگو تېخىمۇ ئوچۇق ھالەتتە دۇنياغا قۇچاق ئېچىپ، تېخىمۇ جانلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تۆھپە قوشىدۇ.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئالتە پاراللېل مۇنبەر ئايرىم ئايرىم ئۆتكۈزۈلدى، بۇ مۇنبەرلەر مەدەنىيەت ساياھىتى، ياشلار مەسئۇلىيىتى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قاتارلىق نۇرغۇن تېمىلارغا چېتىلدى.

5-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان، «ياشلىق كارنىۋالى، ئاسىيا ئارزۇسىنى تەڭ ئىشقا ئاشۇرايلى» باش تېما قىلىنغان ئاسىيا مەدەنىيەت كارنىۋالى دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانى «چاڭگا»دا داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. كارنىۋال «بىزنىڭ ئاسىيا» ناملىق خور بىلەن باشلاندى. ئاسىيادىكى نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئۆزگىچە ناخشا-ئۇسسۇللىرى، جۇڭگونىڭ جىڭجۈ تىياتىرى، چامباشچىلىق، تىياتىر «تۇراندو»نىڭ «ئۇيقۇسىز كېچە» ناملىق بۆلۈكى قاتارلىق نورمۇلار جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مېھمانلار، پۈتۈن دۇنيادىكى تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان كەسپىي، خەلقئارالاشقان، يۇقىرى سەۋىيەلىك مەدەنىيەت-سەنئەت مەرىكىسى ئاتا قىلدى.

ئاسىيا مەدەنىيەت كارنىۋالىنىڭ باش رېژىسسورى ياڭ دۇڭشىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارنىۋالنىڭ 8000دىن ئارتۇق ئارتىسى 50كە يېقىن دۆلەت ياكى رايوندىن كەلگەن، كۆپ قىسىم نومۇرنى ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئارتىسلىرى بىرلىكتە تاماملىغان. بىرلەشمە ئويۇن ئاددىي بىرىكمە ئويۇن بولماستىن بەلكى ئورگانىك بىرىكتۈرۈش جەريانىدا ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنىڭ نامايەندىسى. ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن سەنئەتكارلار بىر نومۇرنى بىرلىكتە تاماملىدى، بۇ يەردە بىر قوشۇلغان بىر ئىككى بولماستىن بەلكى بىر قوشۇلغان بىر چەكسىز بولدى. بۇ يەردىكى چەكسىزلىك ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى بولۇپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى دېگەن ئۇقۇمنى كۆرسىتىپ بەردى.

كارنىۋالنىڭ ئىجادىيىتى ھۈنەرۋەن روھى بىلەن لايىھەلەنگەن، ئاۋاز، نۇر قاتارلىق ئۈنۈملەر سەرخىل، سەھنە ئويۇنى ناھايىتى جانلىق بولدى. ئاسىيا مەدەنىيەت كارنىۋالىنىڭ باش ئىشلىگۈچىسى شا شاۋلەن مۇنداق دېدى: كارنىۋالدىكى ئويۇنلاردا سەنئەت بىلەن پەن تېخنىكىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى تولۇق ئىپادىلەندى. بىز ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى ئادەم كۈچى تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتتۇق، ئىجادىيەتنىڭ كۆپ قىسمىدا ئويۇن قويۇش تېخنىكىسىغا تاياندۇق، بىز سەنئەتچكارلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى سەنئەت بىلەن پەن تېخنىكىنى يۇغۇرۇپ، تولۇق ئىپادىلىدۇق.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاسىيا مەدەنىيەت ھەپتىلىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى باشلاندى. ئاسىيا مەدەنىيەتلەر سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت پائالىيىتى بولغان «گۈزەل ئاسىيا - ئاسىيا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى» جۇڭگو دۆلەتلىك مۇزېيىدا باشلاندى. كۆرگەزمىدە جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيادىكى بارلىق 47 دۆلەت شۇنداقلا گىرىتسىيە ۋە مىسىردىن ئىبارەت ئىككى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ 400دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى كۆرگەزمە قىلىندى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۆلەتلەر سانى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سانى ۋە نەپىسلىك دەرىجىسى مىسلىسىز بولدى، بۇنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساھەسىدىكى ئولىمپىك دېيىشكە بولىدۇ. دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈەن چاڭ مۇنداق دېدى: ئاسىيا ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك رايوندۇر، دۇنيادىكى نۇرغۇن قەدىمىي مەدەنىيەتلەر بۇ جايدا بارلىققا كەلگەن. بۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق ئاسىيا مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى نامايەن قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز، ئىشىنىمەنكى، كۆرگەزمىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئاسىيادىكى ھەر قايسى مەدەنىيەتلەرنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى چۈشىنىشىگە ياردىمى بولىدۇ.

گۇاڭجۇ، چېڭدۇ، بېيجىڭ، خاڭجۇدىن ئىبارەت تۆت جايدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئاسىيا ئېسىل تائاملار بايرىمىدا ئېسىل تائاملار ئارقىلىق جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە باشقىچە تۇيغۇ ئاتا قىلىندى، بۇ ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئەللەر ۋە رايونلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت سۆزلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

5-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا ئاسىيا كىنو-تېلېۋىزىيە تىيارىتى ھەپتىلىكى باشلاندى، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق بەش شەھەردە 30 نەچچە دۆلەتنىڭ 60دىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر كىنوسى قويۇلىدۇ، جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ يۈزگە يېقىن مۇنەۋۋەر تېلېۋىزىيە تىياتىرى، ھۆججەتلىك فىلىمى ۋە كارتون فىلىمى قويۇلىدۇ. دۆلەتلىك رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى خەلقئارا ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ جىخۇڭ مۇنداق دېدى: بىز 100 مۇنەۋۋەر ئەسەرنى تاللىدۇق. جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئاتا-ئانا مۇھەببىتى»، «ۋېنجۇلۇق بىر ئائىلە كىشىلىرى»، ۋېيتنامنىڭ «كۇلى بېھىسىنىڭ تەمى» ناملىق فىلىمى، قازاقىستاننىڭ «بالىلىقتىكى ئاسمان» ناملىق فىلىمى، سېرىلانكىنىڭ «سەيلون چېيىنىڭ تەمى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى قاتارلىق ئەسەرلەر بار. بۇ ئەسەلەر ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ مول رەڭدارلىقىنى مەركەزلىك نامايەن قىلىپ، ئاسىيا خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

 

1124499078_1557923532943_title0h.jpg