ئېلىمىز مۇلازىمەتچىلىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى
0
2019-05-12 16:29:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئېلنۇرە رەھىمبەگ

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: تاشقى سودىنى كېڭەيتىپ، سودىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى يېتىشتۈرۈپ، سودا جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. سودىغا مۇلازىمەت قىلىش ھازىرقى خەلقئارا سودىدىكى رىقابەتنىڭ مۇھىم نامايەندىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى، ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلۈمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۇدا بەش يىل دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە بىلىم كۆپ تەلەپ قىلىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەت ئېكسپورتى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، گوۋۇيۈەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىناق نۇقتىسى لايىھەسىنى تەستىقلاپ، بېيجىڭدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۇلازىمەتچىلىكنى كېڭەيتىش ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتىسىنى يولغا قويدى. سىياسەت ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بۇ تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تېزلەتتى. لۇڭجىچۈەنچى خەلقئارا سەنئەت چەكلىك شىركىتى بېيجىڭدىكى تاشقى مەبلەغ سودىگەرلىرى ئويۇن قويۇش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن تۇنجى چەتئەل سودىگەرلىرى مۇستەقىل مەبلەغ سالغان ئويۇن قويۇش ۋاستىچىلىك ئاپپاراتىغا ئايلاندى، يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان بولدى. بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى چېن مىڭ مۇنداق دېدى: بۇ سىياسەت بەك قالتىس ئىكەن. بېجىڭدا كىشىنىكا ئالغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتە كەسىپ ئاچقىلى بولىدۇ، شۇڭا بىز پۈتۈن مەملىكەتتە تەدرىجى كەسىپ ئېچىۋاتىمىز. تۇنجى باسقۇچتا شىمالىي جۇڭگودا ئارقىدىن غەربىي جەنۇب، شەرقىي جەنۇب، شەرقىي قىسىمدا كەسىپ ئاچماقچى، ئەگەر بۇ بىر قانچە رايوننى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا قاپلىساق، تىجارەت سوممىمىز ئاز بولغاندىمۇ 5 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش سۈرئىتى تېزلەشتى، شاڭخەي قاتارلىق ئەركىن سىناق رايونلىرى ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلدى، بېيجىڭ مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتىسى، دۆلەت مۇلازىمەتچىلىك ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى قاتارلىق تەدبىرلەر مۇلازىمەتچىلىكنى كۆپ تەرەپتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشقا تەجرىبە توپلاپ بەردى. سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات يۇرتى ئىلىم كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەتچىلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىشنى زور كۈچ بىلەن قوللاش، جۈملىدىن ئەركىن سىناق سودا رايونىدا مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىشنى ئالدىن سىناق قىلىش ئارقىلىق مۇلازىمەتچىلىكنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردۇق. كەلگۈسىدە سودا جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن مال سودىسىدا كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن يەنە مۇلازىمەت سودىسىدىمۇ كۈچلۈك بولۇشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 19-قېتىملىق كوللىكتىپ ئۆگىنىشىدە تەكىتلەپ: سودا جەھەتتە چوڭ دۆلەت بولۇشتىن سودا جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنى تېزلىتىپ، تاشقى سودىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكىنى پۇختىلاپ، رىقابەتتىكى يېڭى ئەۋزەللىكلەرنى يېتىشتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن.

مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىش بىلەن بىرگە، مۇلازىمەت ئېكسپورتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىمۇ تەدرىجىي كۆرۈلىۋاتىدۇ. بۇ يىلقى بىرىنچى پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئېكسپورتىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى، ئېشىش سۈرئىتى ئىككى خانىلىق ساندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.3 ئاشتى، بۇ مۇلازىمەت سودىسىنىڭ پاسسىپ بالانىسىنى %14.3 تارايتتى. جاڭ جيەنپىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى مۇلازىمەت سودىسىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە توختىلىپ: مۇلازىمەت ئېكسپورتنىڭ ئېشىشى بىزنىڭ مۇلازىمەت ساھەسىدىكى خەلقئارا رىقابەت كۈچىمىزنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇلازىمەت ئېكسپورتى ئاشقاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى بىر قەدەر مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ بالانىسى تارايدى، بۇ ناھايىتى ياخشى ۋەزىيەت، دېدى.

مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورتى مۇقىم ئېشىپ، تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى %15.6كە يېتىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 1 پوئىنت ئاشتى، بۇ ئېلىمىز مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ داۋاملىق مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سودا مىنىستىرلىقى مۇلازىمەت سودىسى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى لى يۈەن ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى: مۇلازىمەت سودىسىنىڭ قۇرۇلمسىىدا، بىلىم كۆپ تەلەپ قىلىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەت ئېكسپورتى يارقىن نۇقتا بولدى، ئېلىمىز مۇلازىمەت سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش ئالاھىدىلىكى كۆرۈلىۋاتىدۇ. بىرىنچى پەسىلدە، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ھەققى، تېلېگراف ھېسابلىغۇچ ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى، باشقا سودا مۇلازىمىتى، سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قاتارلىق بىلىم كۆپ تەلەپ قىلىدىغان مۇلازىمەتلەرنىڭ ئېكسپورتى ئايرىم ئايرىم ھالدا %52.4، %15.1، %14.1 ۋە %11.7 ئاشتى، بىلىم كۆپ تەلەپ قىلىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەت ئېكسپورتى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت ساھەسىدىكى رىقابەت كۈچىنىڭ تەدرىجىي ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش ئالاھىدىلىكى كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ.

جۇڭگو مۇلازىمەت تاشقى ھۆددىگەرلىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شىڭ خۇيۇەن مۇنداق دەپ قارىدى: مۇلازىمەت سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىسىدا جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىلغار تېخنىكا ساھەسىدىكى ئورنى ئۆسمەكتە، جۇڭگو مال سودىسىنىڭ قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشىمۇ مۇلازىمەت ئېكىسپورتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، مۇلازىمەت، پاتېنت، تېخنىكا ئۆلچىمى خەلقئارا بازارغا يۈزلەندى.

شىڭ خۇيۇەن مۇنداق دېدى: مۇلازىمەتچىلىكنىڭ پۈتكۈل خەلق ئىگىلىگىدىكى سالمىقى يېرىمدىن ئاشتى، ئۆتكەن يىلى ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %52 بولدى. بۇنداق ئاساس ۋە پۈتكۈل كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى جۇڭگو ۋە خەلقئارا سودىدىكى مۇلازىمەتنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى زورايتىدۇ. مەيلى مۇلازىمەت ئىمپورتى ياكى ئېكىسپورتى بولسۇن، پۈتكۈل خەلق ئىگىلىگىنىڭ زور قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ چوقۇم تەدرىجىي ئۆزگىرىش بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كىرگۈزۈش بىلەن سىرتقا چىقىرىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تاشقى مەبلەغ تۈزۈلمىسى ۋە سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ سىرتقا مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يەر شارى دائىرىسىدە بايلىق تەقسىملەش، بازار ئېچىشقا دادىللىق بىلەن ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. ئۆتكەن يىلى ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت ئېكىسپورت كۆلىمى يەنە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، ئۇدا بەش يىل دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇردى. مۇخبىرنىڭ سودا مىنىستىرلىقىدىن ئۇقىشىچە، بۇ يىل يەنە كۆپ خىل تەدبىرلەر تەڭ قوللىنىلىپ، مۇلازىمەت ئىستىمالى كېڭەيتىلىپ، مۇلازىمەت سودا سىياسىتى سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرۈش تېزلىتىلىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ چەتئەللەردە مۇلازىمەت بازىرى زور كۈچ بىلەن ئېچىلىدىكەن.

 

未标题-1.jpg