شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
0
2019-05-10 16:43:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەد

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنى 5-ئاينىڭ 7-ۋە 8-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي شارائىتتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى سىياسىي جەھەتتە ساقچى قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ساقچىلارنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ساقچىلارنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ساقچىلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ سۆزى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە كەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بى يەنجۈن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى چوڭقۇر. بۇ يېڭى دەۋردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز پايتەخت جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئۆگىنىشىمىز، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

جياڭشى نەنچاڭ جىنشيەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چىشى ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى خۇ يۇڭفېڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدا ھەر ۋاقىت، ھۆرمەتلەش، بىلىش، ئەيمىنىش، ئېھتىيات قىلىش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش يۈكسەك ئاڭلىقلىقىنى ساقلاپ، ئادەتتە قاتتىق، قىيىن، يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر دېلونى بېجىرىش، ھەر بىر ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

نەنجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى 2-چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لياۋ چاۋ مۇنداق دېدى: مەن«تۆت پولاتتەك»تەلەپنى قەلبىمگە چوڭقۇر ئورنىتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئايال ساقچىلارنىڭ يېڭى ئوبرازى، يېڭى قىياپىتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىمەن.

جىلىن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن نازىرى ليۇ پېيجۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ساقچىلارنى ئىدارە قىلىش فاڭجېنىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تۆت ئىستىلنى تۈزەپ، قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، مۇشتۇمزورلارنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پولاتتەك جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

شىجياجۇاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى لۈ جيەنجياڭ ساقچى پونكىتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: گەرچە بىزنىڭ خىزمىتىمىز ھەر خىل خەتەر ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن، ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن بىز تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرەلەيمىز، ھەر قانچە جاپا تارتساقمۇ ئەرزىيدۇ.

未标题-1.jpg
F201905081556338096702488.jpg