شى جىنپىڭ ئايروپىلان ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن پۇتىندىن ھال سورىدى
0
2019-05-07 18:00:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ جىددىي قونغاندا ئوت كېتىپ ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

لى كېچياڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋقا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ موسكۋا شېرېمېتيېۋو ئايرودۇرۇمىغا جىددىي قونغاندا ئوت كېتىپ ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى. شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: دۆلىتىڭىزلارنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ شېرېمېتيېۋو ئايرودۇرۇمىغا جىددىي قونغاندا ئوت كېتىپ ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن قازا قىلغۇچىلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىدارلار ۋە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋقا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللاپ، قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى، يارىدارلار ۋە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورىدى.