«شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى
0
2019-05-06 19:27:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان ئىسمائىل

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تارقىتىلدى.

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مىليونلىغان دېھقاننىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ماسلىشىپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى، يېڭى دەۋردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش تۇتقىسى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە. يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇش-بولماسلىقى، يېزىلارنىڭ گۈزەل بولۇش-بولماسلىقى، دېھقانلارنىڭ باي بولۇش-بولماسلىقى مىليونلىغان دېھقاننىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى، ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيىتىنىڭ ساپاسى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئېنىق نىشان، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياخشى يېزىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«بايانلاردىن ئۈزۈندىلەر» جەمئىي مۇنداق 11 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش؛ شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگولۇقلارغا تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتقۇرۇش؛ يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكلەش؛ تېرىقچىلىق مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش؛ دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىپ ۋە ئىلھام بېرىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش؛ يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش؛ پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش. كىتابقا 286 بۆلەك بايان كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلى 12-ئايدىن 2019-يىلى 3-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سۆزى، دوكلاتى، يوليورۇقى، تەبرىك خېتى قاتارلىق 70 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەت كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

a04.jpg