شى جىنپىڭنىڭ 4-ماي ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
0
2019-05-03 16:57:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە زوقلىنىش ھەم ئاپىرىن ئوقۇش نەزىرىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى پائال قوللاپ، ياشلار قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەت ۋە نەتىجىلەرنى ماختاپ ھەم ئالقىشلاپ، ياشلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن باتۇرانە ئالغا بېسىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنزىرىسىگە، ياش قەھرىمانلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ قەدەم تاشلىشىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنداق دېدى: ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قوللاش-پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ياشلارغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بېرىپ، ياشلارنىڭ قابىلىيىتىنى دادىل ئىشقا سېلىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ، ياشلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ياشلار خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەك ھاياجانلاندى، كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنداق دېدى: ياشلارنىڭ خاراكتېرىنى ھۆرمەتلەپ، ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبار بېرىپ، دائىم ياشلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ياشلار بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىپ، يۈزمۇ-يۈز پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيە ئەھۋالى، قىممەت يۈزلىنىشى، ھەرىكەت ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ياشلارنىڭ راست گەپ قىلىدىغان، ھەقىقىي يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتىدىغان، ھەقىقىي ئەھۋالنى بايان قىلىدىغان سىرداش دوستىغا ئايلانغىلى بولىدۇ.

داليەن دېڭىزچىلىق داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، «دەۋر ئۈلگىسى» چۈ جيەنۋۇ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بىلەن 30 نەچچە يىل شۇغۇللانغان ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىدە، ياش ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇزۇن يىل بىللە ئۆتكەن. ئۇ خاتىرىلەش يىغىنىنى كۆرگەندىن كېيىن چوڭقۇر ھېسسىياتقا كېلىپ مۇنداق دېدى: ياش ئەۋلادلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش-بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، ياش ئوقۇغۇچىلار ھاياتىي كۈچكە، قىزغىن ھېسسىياتقا، تەسەۋۋۇر كۈچىگە، ئىجادچانلىققا ئىگە، چوقۇم ياشلارنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا تولۇق ئىشىنىپ، ئۇلارنى تولۇق چۈشىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇنىيەتنى ھۆرمەتلەپ، ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، قائىدە ئارقىلىق ئادەم قايىل قىلىش، ھېسسىيات ئارقىلىق ئادەم تەسىرلەندۈرۈش لازىم، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ياشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دەۋرنىڭ يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خېنەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، كەلگۈسى خىزمەتلەردە ياشلارنىڭ سىردىشىغا ئايلىنىش ئىرادىسىگە كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىتتىپاق كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئاساسىي قاتلامغا بىر نەچچە قېتىم بېرىش، بىر نەچچە قېتىم زىيارەت قىلىش، سۆھبەتلىشىش بىلەنلا بولدى قىلماستىن، بەلكى ئوخشىمىغان ياشلار توپىغا قارىتا، ياشلارنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق تەرەپلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، تەرەققىي قىلىشىدىكى ياخشى ھەمراھلارغا تېرىشىپ ئايلىنىشىمىز كېرەك.

ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قوللاش-پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر بەس-بەستە مۇنداق دېدى: ياشلارنىڭ ئويلىغانلىرى، غەم-ئەندىشىلىرى، ئارزۇ-ئۈمىدلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ياشلارنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى غەم يېگەن ئىشلىرى، ئەندىشىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ياشلارغا تېرىشىپ ياخشى تەرەققىيات شارائىتى يارىتىپ، ئۇلارغا مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ئۆز قېشىدا، غەمخورلۇقنىڭ كۆز ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم.

باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى يىغىن نەق مەيدانىدا ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ شېڭبونىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولدى. ۋاڭ شېڭبو بېيجىڭ داشۆسى ئىقتىساد شۆيۈەنىدە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىنىپ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان كۈندىلىك خىزمەت جەريانىدا مۇنداق چوڭقۇر ھېسسىياتقا كەلدى: كۆپ مەنبەلىك تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكتىن، بەزى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بەزىدە گاڭگىراپ قېلىپ، زۆرۈر يېتەكلەش ۋە ياردەمگە موھتاج بولىدۇ، مەن جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەھنە ھازىرلىشى شۇنداقلا بارلىق ياشلارنىڭمۇ چوقۇم تېرىشىپ كۈرەش قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۈمىدى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، مىللەتنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، ئۇلۇغ دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى ياڭ زىچياڭ ھەم مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ھەم ئىدىيە-سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇزۇنغىچە پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېدى: ياشلار خىزمىتى-مەكتەپنىڭ ئەلرايى قۇرۇلۇشى، مەيلى ئىتتىپاق خىزمىتى بولسۇن، مەيلى ئىدىيە-سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشى بولسۇن، ھەممىسىدە ساۋاقداشلارنىڭ ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىللىقلىققا، چوڭقۇر ھېسسىياتقا ئىگە قىلىش كېرەك. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى خۇشاللىق ۋە قايغۇلىرىنى چۈشىنىپ، ھېسسىياتىنى ئىگىلەشنى ياشلار خىزمىتىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، سىردىشىش، مېھرى-مۇھەببەت يەتكۈزۈش بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىش لازىم.

ياشلار خىزمىتىنى قىزغىنلىق ۋە ھېسسىيات، پاراسەت ۋە چارە بىلەن ئىشلەش كېرەك. جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر بەس-بەستە: كۆيىنىش بىلەن قاتتىق تەلەپ قويۇشنى بىرىكتۈرۈش، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش بىلەن پائال يېتەكلەشنى بىرىكتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياشلارنى دۇنيانى توغرا تونۇشقا، دۆلەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەشكە، دەۋىر ۋەزىيىتىنى توغرا پەملەشكە يېتەكلەپ تەربىيەلەش كېرەك، دېيىشتى.

تېلېۋىزوردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغان خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھىرى ۋۇجياديەن بازىرى خۇتاڭ كەنتىنىڭ كادىرى دەي جىنگې ناھايىتى ھاياجان بىلەن: باش شۇجى ياشلارنى جاپالىق بىرىنچى سەپكە بېرىپ چېنىقىشقا، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى، بۇ بىزدەك يېزىلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ياش كادىلارغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. يېزىلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، شۇنداقلا ياشلارنىڭ ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان چوڭ سەھنىسى. بىز تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ياشلىق گۈلىنى ئۈمىد ئېتىزىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچىڭ رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ زاۋ مۇنداق دېدى: ھازىر ياشلار ئوقۇتقۇچىلار دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مائارىپ ئسىلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق قوشۇنغا ئايلاندى، دەۋىرنىڭ يېڭى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئېغىر يۈكى ياش ئوقۇتقۇچىلار زىممىسىگە چۈشتى. ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، شەخسىي قىممەتنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن خەلقنىڭ ئۈمىدى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى يۇغۇرۇپ، مائارىپنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى يولغا قويۇشقا ياشلىق باھارىنى قوشۇش كېرەك.

كۆرەش قىلىش ياشلىقنىڭ ماھايىتى، قول سېلىپ ئىشلەش ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ئۇسۇلى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى چۇڭچىڭ شەھەرلىك كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ جىجۈن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، ھەمدە پىلان تۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى پارتىيە بايرىقىنىڭ كۆرسەتكەن يولى ئىتتىپاق بايرىقىنىڭ يۆنىلىشى دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ياشلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشقا، جاسارەت بىلەن كۆرەش قىلىشقا پائال يېتەكلىشى كېرەك.

بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى فوتوئېلىكتىر شۆيۈەنى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جياڭ مەن مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە چاقىرىق چىقارسا ئىتتىپاق كومىتېتى دەرھال ھەرىكەتلىنىشنى ھەر ۋاقىت ئىشقا ئاشۇرىشىمىز كېرەك. ياشلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقە قىلىپ، ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ياشلارنى قوللاپ، دەۋىرنىڭ ياش ئوقۇغۇچىلىرىنى 4-ماي روھىنى نۇرلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، ماركسىزىم ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋىرگە كەڭ قۇچاق ئېچىپ، يېڭى دەۋىردە جاسارەت بىلەن كۆرەش قىلىشىمىز كېرەك.

 

a04.jpg
c02.jpg
c03.jpg
d01.jpg
a08.jpg