ماي بايرىمىدا نۇرغۇن ئەمگەكچىلەر ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى
0
2019-05-03 12:11:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىدا سانسىزلىغان ئەمگەكچىلەر يەنىلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قان-تەرىنى سەرپ قىلىپ، ئەمگەك ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، قەلبىدىكى ئارزۇ ئۈستىدە ئىزدەندى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ يۈكسەك، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل دەپ كۆرسەتتى. ئۇ ئەمگەك-بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ مۇقەررەر يولى، بىز بېكىتكەن كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا تېرىشىپ ئەمگەك قىلىش، ھەقىقىي ئەمگەك قىلىش، ئىلمىي ئەمگەك قىلىشقا تايىنىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىدا سانسىزلىغان ئەمگەكچىلەر يەنىلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قان-تەرىنى سەرپ قىلىپ، ئەمگەك ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، قەلبىدىكى ئارزۇ ئۈستىدە ئىزدەندى.

سەھەردىلا، شەندۇڭ يۈەنشەن دۆلەت ئورمان باغچىسى ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئىش ئورنىغا چىقىپ، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى. ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قالپاق، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمىنى كىيىپ، شامال كۈچى ئوت ئۆچۈرگۈچى قاتارلىق ئېغىر جابدۇقلار بىلەن خىزمەتكە ئاتلاندى، ئۇلار ھەر كۈنى مەنزىرىگاھ، ئورمان رايونى ئىچىدە ئوتتۇرىچە 20 كىلومېتىر يول يۈرىدۇ. ماي بايرىمى مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، ئوت ئاپىتىنىڭ يوشۇرۇن خەتىرى زورايدى، ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بايراملىق دەم ئېلىشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ، 24 سائەت نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئورمانلىقنىڭ تىنچ-ئامان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. شەندۇڭ يۈەنشەن ئورمانچىلىق مەيدانى ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ سېن ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەترىتىمىزنىڭ ئەزالىرى ۋە ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى ھەر كۈنى چارلىغاندىن سىرت، يەنە بىزنىڭ ئوتتىن ئاگاھلاندۇرۇش، نازارەت قىلىش مەركىزىمىزمۇ تاغ ئۈستىدىكى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سىنكۆز ئارقىلىق پۈتكۈل ئورمان رايونىغا دىققەت قىلىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ يوشۇرۇن خەتىرىنى تەكشۈرۈپ تۇردى دېدى.

شەنشى خەنجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى ۋېيخې دەرياسىغا باشلاشتىكى خۇاڭجىن بوغۇزى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار چوڭ ماشىنىلارنى ئىشقا سېلىپ، كەلكۈن سۈيىنى ئايرىيدىغان بېتون توسمىنى سېلىۋاتاتتى. بۇ قۇرۇلۇشتا، خەنجياڭ دەرياسىنىڭ بىر مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر سۈيى ۋېيخې دەرياسىغا باشلىنىپ، گۈەنجۇڭ رايونىنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ. نۆۋەتتە، شەنشى تاشقىن مەزگىلىگە كىردى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى كەسكىن بولماقتا. سۇ ئامبىرى توسمىسىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خۇاڭجىن بوغۇزى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلۇشچىلىرى ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى. جۇڭگو سۇ ئېلېكتىر گۇرۇھى 12-قۇرۇلۇش ئىدارىسى خۇاڭجىن بوغۇزى تۈگۈنى تۈر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى رېن خەيپىڭ خەنجياڭ دەرياسىنىڭ ئاساسلىق تاشقىن مەزگىلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنقى تۆت يېرىم ئايدا، 140 مىڭ كۇب مېتىر بېتون قۇيۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولۇشىمىز كېرەك، ئىش مەزگىلى قىسقا، ۋەزىپە ئېغىر، شۇڭا بىز 24 سائەت نۆۋەت ئالمىشىپ ئىشلەش تۈزۈمىنى قوللىنىپ، توسمىنىڭ تاشقىن مەزگىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردۇق دېدى.

ماي بايرىمى مەزگىلىدە، جايلاردىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىن ھەق ئېلىنمىدى، ماشىنىلار كۆپەيدى، قاتناش ساقچىلىرى تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى. تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرىدىكى شاڭخەي-كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى چاڭجاڭ بۆلىكىدە، بىر سائەت ئىچىدە كۆپ قېتىم ۋەقە يۈز بېرىپ، قاتناش قىستاڭچىلىقى كېلىپ چىقتى. جياڭشى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى 1-تارماق ئەترىتى 3-چوڭ ئەترىتى 3-ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى چېن جىگۇاڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن نەق مەيداندا قوماندانلىق قىلىپ، يولنىڭ راۋانلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ماشىنىلار ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن ئىككى ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەچكە، بىز خەلق ساقچىلىرىنى ھەر قايسى ئاساسلىق شەھەر دەرىجىلىك يول ئېغىزلىرىغا ئەۋەتىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتتۇق، بىزنىڭ ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىشىمىز، ئالدىراشلىقىمىز ئارقىلىق، ئاممىنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشى كاپالەتكە ئىگە بولدى، مانا بۇ بىزنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىمىز.

ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار ماشىنا يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ۋوگزال، ئايرودۇرۇملارمۇ يولۇچىلار يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى. چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ ۋوگزالىدا، 60 بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خادىمى ئىش ئورنىدا تولۇق ئىشلىدى. نۆۋەتچىلەر ئېكرانغا تىكىلىپ قاراپ، X نۇرى ئارقىلىق يولۇچىلارنىڭ چامدان، سومكىلىرىدا چەكلەنگەن بۇيۇملارنىڭ بار-يوقلۇقىغا ئەستايىدىل سەپسېلىپ، گۇمانلىق بۇيۇملار بايقالسا، چامدان، سومكىلارنى ئېچىپ تەكشۈردى. قولدا تەكشۈرگۈچىلەر تەكشۈرگۈچنى تۇتۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا نەچچە مىڭ قېتىم قولىنى كۆتۈرۈپ ۋە بېلىنى ئېگىپ، ۋوگزالغا كىرگەن يولۇچىلارنىڭ بەدىنىنى تولۇق تەكشۈردى. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش 1-بەنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شيا مۇنداق دېدى: يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش-بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، بىزنىڭ خىزمەت خاراكتېرىمىز مۇشۇنداق، بىز 24 سائەت ئىشلەيمىز، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىمىز بىر قەدەر ئېغىر، بىز ھەر قانداق خەتەرلىك بۇيۇمنىڭ پويىزغا چىقىشىنى توسىمىز.

ماي بايرىمىلىق ئارام ئېلىشتا تىببىي خادىملار ئاۋالقىدەكلا ئالدىراش بولدى. مەيلى كېسەلخانا ياكى ئوپراتسىيەخانىدا بولسۇن، ئۇلار مەسئۇلىيەت ۋە مۇھەببەت بىلەن ھەربىر بىرمانىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىدى. خېنەن ئۆلكىسى شۈچاڭ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىكى سېستىرا لى يامىڭ بىمارغا ئاسما ئۇكۇل ئۇرىۋاتاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: جىددىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتا بولغان بىمالار كۆپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى ئېغىر، مەن ھەر كۈنى يۈزگە يېقىن بىمار بىلەن ئۇچرىشىمەن، جىددىي قۇتقۇزۇپ داۋالاشقا قاتنىشىمەن، جىددىي قۇتقۇزۇشقا باشلىغاندا بەكلا كىرىشىپ كېتىمىز، ئالدىراشچىلىقتىن بىكار بولغاندا سائەت 3-4 بولۇپ كېتىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا قورساقمۇ ئېچىپ كېتىدۇ، ھېرىپ-چارچاپ كېتىمىز.

خەلق تارىخنى يارىتىدۇ، ئەمگەك ئارقىلىق كەلگۈسى يارىتىلىدۇ. بىز ئەمگەك روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئۆز ئىش ئورنىمىزدا تىرىشىپ خىزمەت قىلساق، پۇختا ئىشلىسەك، جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتالايمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، ئەمگەكچى ئامما ئۆز ئىش ئورنىدا ئەستايىدىل ئەمگەك قىلىشى كېرەك. مەيلى قايسى ئىش بىلەن شۇغۇللىنايلى، بىر كەسىپنى قىلغان ئىكەنمىز، شۇ كەسىپنى سۆيۈپ، شۇ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن: سېختا ھۈنەرۋەن روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ھەربىر زاپچاسنى كۆڭۈل قويۇپ ياساپ، سۈپەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش لازىم. ئېتىزلىقتا ئەستايىدىل تېرىقچىلىق قىلىپ، مول ھۇسۇل ئېلىشقا تىرىشىش كېرەك. دۇكانلاردا خېرىدارلارنى كۈلۈمسىرەپ كۈتۈپ، ھېچكىمنى ئالدىماي، سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. پۇختا، ئىجتىھات بىلەن ئەمگەك قىلغاندا ئادەتتىكى ئىش ئورنىدىمۇ ئاجايىپ نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ.

 

a04.jpg
c02.jpg
c03.jpg
d01.jpg
a08.jpg