ئىزدىنىش ژۇرنىلىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى
0
2019-05-02 18:38:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەت

 

ئىزدىنىش ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئەينەك قىلىش ئىنسانلار مەدەنىيىتى تەرەققىياتى ۋە دۇنيا تىنچلىقى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى

5-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشر قىلىنغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 9-سانىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىش ــ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتى ۋە دۇنيا تىنچلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىش قارىشى ۋە تەشەببۇسى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر شەرھلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتتىكىلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئىناق بىللە ئۆتۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىشنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈك، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان ۋاسىتە قىلىش تەكىتلەندى.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق رەڭدار بولىدۇ، مەدەنىيەت ئۆزئارا ئەينەك قىلىش ئارقىلىق بېيىيدۇ. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىش ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە توغرا پوزىتسىيە ۋە پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، مەدەنىيەت رەڭگارەڭ بولىدۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى كۆپ خىل بولغاندىلا ئاندىن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىش قىممىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئىنسانلار ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە رەڭگارەڭ مەدەنىيەتنى ياراتقان ۋە راۋاجلاندۇرغان. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەندە، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ رەڭدارلىقىنى بېيىتىپ، ھەرقايسى ئەل خەلقىنى تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق مەنىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلىپ، تېخىمۇ تاللىغىلى بولىدىغان كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. ئىككىنچى، مەدەنىيلىك باراۋەر بولىدۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى باراۋەر بولغاندىلا ئاندىن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولىدۇ. ھەر خىل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ، يۇقىرى تۆۋەن، ياخشى-يامان دەپ ئايرىلمايدۇ. ھەر خىل مەدەنىيەتنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، باراۋەر، كەمتەر پوزىتسىيەدە بولۇش كېرەك. تەكەببۇرلۇق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ. ئۈچىنچى، مەدەنىيەت سىغدۇرۇشچان بولىدۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى سىغدۇرۇشچان بولغاندىلا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچگە ئىگە بولىدۇ. ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىش بولغاندىلا ئاندىن بىر خىل مەدەنىيەت ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. سىغدۇرۇشچان بولۇش روھىغا ئەمەل قىلغاندىلا، «مەدەنىيەت توقۇنۇشى» مەۋجۇت بولمايدۇ، مەدەنىيەت ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ لېكىن باشتىن ـ ئاخىر تومۇرداش بولۇپ، ئۇنىڭغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق مەنىۋى ئىنتىلىشى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە مەنىۋى بەلگىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى مول ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى جۇڭگو زېمىنىدا پەيدا بولغان مەدەنىيەت، شۇنداقلا باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئەينەك قىلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن مەدەنىيەت.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسانلار ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت، ئىرق، تېرە رەڭگى، دىن ۋە ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمدىن تەركىب تاپقان دۇنيادا ياشايدۇ، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتكە مۇئامىلە قىلىشتا، بىز ئىنتايىن كەڭ قۇرساق بولۇشىمىز كېرەك. بىز ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتتىن ئەقىل-پاراسەت ئىزدەپ، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىپ، كىشىلەرنى مەنىۋى تىرەك ۋە روھىي تەسەللىي بىلەن تەمىنلەپ، ئىنسانلار ئورتاق دۇچ كەلگەن تۈرلۈك خىرىسلارنى قول تۇتۇشۇپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ قوش قانات قېقىشىنىڭ تەرەققىيات جەريانى. جۇڭگو خەلقى دەۋرنىڭ يېڭى تەرەققىياتى بويىچە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى ۋە ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى ياراتقان مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانلارنى توغرا مەنىۋى كۆرسەتكۈچ ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ.

 

a04.jpg
c02.jpg
c03.jpg
d01.jpg
a08.jpg