شى جىنپىڭ دومىنىكا زۇڭتۇڭى مېدىنا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى
0
2019-05-01 18:22:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەت

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 1-كۈنى دومىنىكا زۇڭتۇڭى مېدىنا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇلتۇر 5-ئايدا جۇڭگو دومىنىكا بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. بۇلتۇر 11 – ئايدا، سىز جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو بىلەن دومىنىكانىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى. ئەمەلىيەت جۇڭگو بىلەن دومىنىكانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئىككى تەرەپنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن چىقارغان توغرا سىياسىي قارارى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىردەك ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. مەن جۇڭگو بىلەن دومىنىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مېدىنا تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دومىنىكا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بىر يىلدىن بۇيان ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتا مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز موللاشتى، دومىنىكا«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپ قالدى. بىز باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورنىتىلغان دومىنىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالىغا زور ئۈمىد باغلىدۇق، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمىز.

 

a04.jpg
c02.jpg
c03.jpg
d01.jpg
a08.jpg