بىر بەلباغ، بىر يول باشلىقلار مۇنبىرى مول نەتىجىلىك بولدى
0
2019-04-30 12:01:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :گۈزەلنۇر روزى

2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇش ھەققىدە كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش- مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى بولدى. مۇنبەر مەزگىلىدە باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، رەھبەرلەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى، 12 مەيدان شۆبە مۇنبەر ۋە بىر مەيدان كارخانىچىلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 38 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتارلىق رەھبەرلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدېرى بولۇپ جەمئىي 40 رەھبەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشتى. 150 دۆلەت، 92 خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 6000دىن ئارتۇق چەت ئەللىك مېھمان مۇنبەرگە قاتناشتى.

مۇنبەر مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلىدى، رەھبەرلەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا تولۇق رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك كۆرۈشتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكى ۋە يېتەكچىلىكىدە، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا «بىر بەلباغ، بىر يول» پۇرسەت يولى، دەپ قارىدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇش توغرىسىدا كەڭ كۆلەمدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، مول نەتىجىگە ئېرىشتى. بىرىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇش نىشانى بېكىتىلىپ، ھەمكارلىق يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى. ئىككىنچى، دۇنياۋى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىنىپ، ھەمتۈرتكە تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۈچىنچى، مول ئەمەلىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ ئۇتۇق قازىنىش گەۋدىلەندۈرۈلدى. تۆتىنچى، يەرلىكلەر ۋە سودا-سانائەت ساھەسىنى تۇتاشتۇرۇش يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، ھەمكارلىق پۇرسىتى كېڭەيتىلدى. بەشىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق رامكىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تىرەك بولۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. ئالتىنچى، باشلىقلار دىپلوماتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. بۇ ئەمەلىي نەتىجىلەر شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، «بىر بەلباغ، بىر يول »نى تەڭ قۇرىدىغان دوستلار بارغانسېرى كېڭىيىپ، شېرىكلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەمكارلىق بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا.

2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئەھمىيىتى زور ۋە چوڭقۇر. بىرىنچى، بايرىقى روشەن ھالدا ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى ياڭرىتىلدى. يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرلەشمە ئاخباراتىدا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، قائىدە ئاساسىدىكى كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر مۇنبەر مەزگىلىدە ئورناتقان «بىر بەلباغ، بىر يول» كۆپ تەرەپلىك سۆزلىشىش ھەمكارلىق سۇپىسى- ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسى. بۇ يەنە بىر قېتىم شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى بوشلۇق يارىتىپ، خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن يېڭى سۇپا ھازىرلاپ بەردى، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىنى كۆپەيتتى، ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشتى. ئىككىنچى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك نەزەرگە ئېلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ يېڭى باسقۇچى باشلاندى. بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش مەركىزىنىڭ يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، مۇھىم نۇقتىسىنىڭ يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پىلانىنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ جايىدا بولغانلىقىدىن، چوڭقۇر، پۇختا، مۇقىم يېڭى مۇساپىغا قەدەم تاشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈچىنچى، ئىچكى-تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتا قايتىدىن ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ئالتە يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ مۇكەممەل ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى پۈتتۈرۈلدى، نۆۋەتتە،«بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش 2-نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنى بەلگە قىلغان ئاساستا يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى ئارزۇ سۈرەتلەپ بېرىلدى.

c02.jpg
c03.jpg
d01.jpg
a08.jpg
1111111.jpg