شى جىنپىڭ كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇنسىن بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-04-29 17:48:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خەلق سارىيىدا كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇنسىن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا جانجىگەر دوستلار. جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، كامبودژانىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئۆزىنىڭ ھەققانىي مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللايدۇ، كامبودژا بىلەن بىرلىكتە، ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى ۋە مول مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون، ئايرودۇرۇم، تاشيول قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى ياخشى قۇرۇشى كېرەك. بىز كامبودژانىڭ «قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى» قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

خۇنسىن جۇڭگونىڭ 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ناھايىتى ئېسىل بولدى دەپ ماختىدى. خۇنسىن مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى-خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى، ئۇ-جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى بولسىمۇ، لېكىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ئىشىغا ئايلاندى. دۇنيا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا موھتاج. كامبودژا بۇنىڭدىن نۇرغۇن مەنپەئەتكە ئېرىشتى. كامبودژا جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان قىممەتلىك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن داۋاملىق ئۆز ئارا قوللىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت پىلانىنى بىرلىكتە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدا ئىككى تەرەپنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلىرىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

 

c02.jpg
c03.jpg
d01.jpg
a08.jpg
1111111.jpg