شى جىنپىڭ جىبۇتى زۇڭتۇڭى گۇئېللىخ بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-04-28 16:11:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان ئىسمايىل

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 28-كۈنى خەلق سارىيىدا جىبۇتى زۇڭتۇڭى گۇئېللىخ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن جىبۇتى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت سەمىمىي، دوستانە، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى دوست، ياخشى شېرىك، ياخشى قېرىنداش بولۇپ قالدى. جۇڭگو جىبۇتى بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر-بىرىنى قوللاپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو جىبۇتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللايدۇ، تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرىدۇ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ جىبۇتىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپىنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

گۇئېللىخ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىردىنبىر تەشەببۇس بولۇپ، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان دۇنيا، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشىدۇ. جىبۇتى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جىبۇتى جۇڭگونىڭ سەمىمىي، دوستانە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جىبۇتى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۆپەيتىپ، كەلگۈسىگە تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن يۈزلىنىدۇ. تاشقى دۇنيانىڭ يولسىزلارچە ئەيىنلىشى بىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»غا بولغان ئىشەنچىمىز، جۇڭگوغا بولغان ئىشەنچىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول » نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 

a08.jpg
1111111.jpg
111111111111111.jpg
123123.jpg
1124411822_1556116413456_title0h.jpg