شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن مۇنبەرنىڭ مېھمانلىرىنى قارشى ئالدى
0
2019-04-27 12:05:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى، مېھمانلارنى قارشى ئالدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 4-ئاينىڭ 26-كۈنى خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرى، ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى، مېھمانلارنى قارشى ئالدى، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەنلەر قاتناشتى.

4-ئايدىكى بېيجىڭ باھار تۈسىگە كىرگەن، كېچىدىكى خەلق سارىيى تېخىمۇ كۆركەم ئىدى، مېھمانلارنىڭ قىزغىن پاراڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، كەچ سائەت 7دىن 35 مىنۇت ئۆتكەنلەردە شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ئىككىنچى قەۋەتتىكى مېھمان كۈتۈش زالىغا كىرىپ چەتئەللىك رەھبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۆزئارا ھال ئەھۋال سوراشتى، «گۈزەل تاغ دەريالار» دېگەن چوڭ تام سۈرىتى ئالدىدا شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

زىياپەت زالى ئىچىدە مۇزىكا سادالىرى ياڭراپ، مېھمانلار لىق ئورۇن ئالغان ئىدى، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى قەدىمىي قۇرۇلۇش سىزىلغان يۆگىمە پەردە خۇددى يىپەك لېنتىدەك زالنىڭ ئىككى تەرىپىدە يېيىلىپ تۇراتتى. شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرگە زىياپەت زالىغا كىرىپ كەلدى.

شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۈمىدكە تولغا بۇ پەسىلدە ئىككىنچى نۆۋەتلىك بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى كېلىشكەن ۋاقىتتدا ئېچىلدى، بىز يىراق يىراقلاردىن كېلىپ، بېيجىڭدا جەم بولدۇق، بۇ قېتىم تەستە قولغا كەلگەن بۇ يىغىلىشنى تېخىمۇ قەدىرلىشىمىز كېرەك.

بۈگۈنكى يىغىلىش بىزگە يەنە نۇرغۇن گۈزەل خاتىرىلەرنى قالدۇرىدۇ. گەرچە ئارىلىقىمىز يىراق بولسىمۇ ئەمما تىنچلىق، تەرەققىياتقا بولغان ئورتاق ئىنتىلىشىمىز، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا بولغان ئورتاق ئارزۇسى قەلبىمىزنىڭ يېقىنلاشتۇرۇپ، شېرىكلەرگە ئايلاندۇردى، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ سەمىمىي دوستلۇقىمىز مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ھەمكارلىشىپ، تەڭ پايدا ئېلىش ــ قەلبىمىزدىكى مەڭگۈلۈك مېلودىيە.

بۈگۈنكى يىغىلىش بىزنى ئىدىيە توقۇنۇشىدىن نۇرغۇن ئىلھاملارغا ئىگە قىلىدۇ. دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ سېھرى كۈچى رەڭگارەڭ، ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئەينەك قىلىشتا، مىڭ يىلدىن بۇيان، قەدىمىي يىپەك يولى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقە جەريانىدا تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش، ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، كەمتۈكلىرىنى تولۇقلاش داۋامىدا شانلىق مەدەنىيىتىنى نۇرلاندۇرۇشىغا گۇۋاھ بولدى. بۈگۈنكى دۇنيادىكى تۈرلۈك خىرىسلار ئالدىدا بىز يىپەك يولى تارىخىدىن ئەقىل پاراسەتنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى دەۋردىكى ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن كۈچلەرنى قېزىپ چىقىپ، يەر شارى شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى يارىتىشمىز كېرەك.

بۈگۈنكى يىغىلىش زىممىمىزگە تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى يۈكلىدى، يېڭى سانائەت ئىنقىلاب شامىلىي باشلىنىپ، پۇرسەت ۋە خىرىس ئېلىپ كەلدى. ھەرقايسى دۆلەت رەھبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ئارقىغا چېكىنىش باھانىمىز يوق، پەقەت ئالغا مېڭىش تاللىشىمىزلا بار، بوران چاپقۇنلارنى يەڭسەكلا ئاندىن خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلالايمىز. دۇنيادا يۈز يىلدا كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە مەجبۇرىيىتىمىزنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايلى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2013-يىلى مەن «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش پىلانى دەسلەپكى قەدەمدە تۈزۈلۈپ، نەتىجىلەر تەدرىجىي نامايان قىلىندى. بۇ جەرياندا ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن دوستلار بىلەن تونۇشۇپ، يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. مەيلى ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز بولسۇن، مەيلى يولىمىز تۈز ياكى ئەگرى توقاي بولسۇن، بىز شېرىكلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەمكارلىقتىكى دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى كۈتۈۋالىدۇ.

زىياپەت خۇشال كەيپىياتىدا ئۆتكۈزۈلدى، زىياپەت ئارىلىقىدا يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ مۇزىكىلىرى تەڭكەش قىلىندى. زىياپەتتە شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىنى، باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

زىياپەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن «يىپەك يولى» تېمىسىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، خۇ چۈنخۇا، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

1111111.jpg
111111111111111.jpg
123123.jpg
1124411822_1556116413456_title0h.jpg