شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ،بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە نۇتۇق سۆزلىدى
0
2019-04-26 17:52:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

شى جىنپىڭ 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى، جۇڭگو بىر يۈرۈش زور ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ دەپ جاكارلىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «بىر بەلباغ، بىر يولنى تەڭ قۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىر نىيەتتە يارىتايلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش-دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىز تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئېچىۋېتىش، يېشىل، پاكلىق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل نىشاننى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو بىر يۈرۈش زور ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز تېخىمۇ كەڭ ساھەلەردە چەتئەل مەبلىغى بازىرىغا بولغان ئىجازەتنى كېڭەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن كۈچەيتىپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئىمپورتىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە كۆپەيتىپ، خەلقئارا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى تەڭشەشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز.

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدىن 35 مىنۇت ئۆتكەنلەردە، شى جىنپىڭ ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرى يىغىن مەيدانىغا بىرلىكتە كىرىپ كەلدى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن قارشى ئالدى. خەن جېڭ 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە رەئىس مۇنبىرىگە چىقىپ، باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى يىل بۇرۇن، بىز بۇ يەردە تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈپ، سىياسەت جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى يۈرۈشتۈرۈش، ئەلرايىنى تۇتاشتۇرۇش ھەققىدىكى ھەمكارلىق پىلانىنى پىلانلىغان ئىدۇق. بۈگۈن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن دوستلار يەنە بىر قېتىم جەم بولدى. مەن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى كۈتمەكتىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى-ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن تۈرلۈك خېيىم-خەتەر، خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ ئۇتۇق قازىنىش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تېرىشىشى ئارقىسىدا، تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تۈرلۈك نەتىجىلىرى ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلەشتى، 150 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەسى، ئوكيانىيەگىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش-دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى ئېچىپ، خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشقا يېڭى سەھنە ھازىرلاپ، دۇنياۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىنى كېڭەيتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ئورتاق پۇرسەت يولى، گۈللىنىش يولىغا ئايلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش-ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي ئېقىمىغا، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنىڭ دەۋر تەلىپىگە، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۈن كەچۈرۈشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىز دىققەتنى مۇھىم نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل، پۇختا ئىشلەپ، ئىنچىكە، تەپسىلىي پىلاننى بىرلىكتە تۈزۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بىز تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق، ئۈچ تەرەپلىك ھەمكارلىق، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، قۇمنى يىغىپ تاغ، سۇنى يىغىپ دېڭىز ھاسىل قىلىشىمىز لازىم. بىز ئېچىۋېتىش، يېشىل، پاكلىق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بېكىنمىچىلىك قىلىدىغان، باشقىلارنى يەكلەيدىغان گۇرۇھۋازلىق بىلەن شۇغۇللانماي، يېشىل ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېشىل مەبلەغ سېلىش، يېشىل پۇل مۇئامىلىگە تۈرتكە بولۇپ، بارلىق ھەمكارلىقنىڭ ئاشكارا، ئېنىق يۈرۈشۈشىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن دۇرۇس، پاك يىپەك يولىنى تەڭ قۇرۇشنى خالايمىز. بىز يۇقىرى ئۆلچەملىك، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل نىشاننى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك قوللايدىغان قائىدە ئۆلچىمىنى كىرگۈزۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى ھۆرمەتلەپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلققە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشىمىز شۇنداقلا سودا ۋە مالىيە جەھەتتىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشتا. بىز يەر شارى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭى ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى قاتارلىق ئىقتىسادى كارىدورلار يېتەكچى قىلىنغان، جۇڭگو ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، قۇرۇقلۇق دېڭىز يېڭى يولى قاتارلىق چوڭ يول ۋە ئۇچۇر تېز سۈرئەتلىك يولى رامكا قىلىنغان، تۆمۈر-يول، پورت، تۇربا تورى قاتارلىقلار تايانچ قىلىنغان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تورىنى بەرپا قىلىدۇ. بىز كۆپ تەرەپ ۋە ھەر قايسى دۆلەت پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇشقا مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە قاتنىشىپ، كۆپ تەرەپلەرنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق تەڭ نەپ ئالىدىغان نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز. بىز سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايرىقى رۇشەن ھالدا قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، تەڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. جۇڭگو بۇ يىل 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ سەھنە ھازىرلايدۇ. بىز 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، يېڭى ئېشىش قۇۋۋىتى ۋە تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سىپىرلىق يىپەك يولى، يېڭىلىق يارىتىشچان يىپەك يولىنى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇشنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويىمىز. بىز خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە بوشلۇقى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىمىز. بىز ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئۆز ئارا ئەينەك قىلىش كۆۋرۈكىنى پائال بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىشمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، جۇڭگو خەلقى 70 يىل جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، مەۋقەنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە سوتىسيالىزىم يولىنى ئاچتى، بىز يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ داۋاملىق چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو بىر يۈرۈش مۇھىم ئىسلاھات ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تۈزۈم خاراكتىرىلىك، قۇرۇلما خاراكتىرىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بىرىنچى، چەتئەل مەبلىغىنىڭ بازار ئىجازىتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە قوشۇلغان پاسسىپ تىزىملىكنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، پاسسىپ تىزىملىكنى داۋاملىق زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك، ياسىمىچىلىق، يېزا-ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىشقا تۈرتكە بولىدۇ ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە چەتئەل مەبلىغىنىڭ پاي كونترول قىلىشى ياكى مۇستەقىل مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشقا يول قويىدۇ. بىز بىر تۈركۈم ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەركىن سودا پورتىنى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تېزلىتىمىز. بىز يانداش قانۇن بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىشنى تېزلىتىپ، «چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى» نى قاتتىق يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. بىز ئادىل رىقابەتلىشىش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، قالاق ۋە ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك شاللاپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز.

ئىككىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە كۈچەيتىمىز. جۇڭگو بىلىم قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغان سودا مۇھىتىنى كۈچەپ يارىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجراسىنى كۈچەپ زورايتىپ، چەتئەل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقدارلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكىنى مەجبۇرىي ئۆتۈنۈپ بېرىشنى توسۇپ، سودا مەخپىيەتلىكىنى قوغداشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە جازالايدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ياخشى يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە مۇھىتىنى يارىتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئۈچىنچى، تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئېكسپورتىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىمىز. بىز تامۇژنا بېجى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، غەيرى تاموژنا بېجى قورغىنىنى بىكار قىلىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى قارشى ئالىمىز. بىز چەتئەللەرنىڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، تەييار مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتنى ئىمپورت قىلىپ، سودىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

تۆتىنچى، خەلقئارا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يولغا قويىمىز. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاساسلىق ئىقتىسادى گەۋدىلەر بىلەن بولغان ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سېغدۇرۇشچان ئىشىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو قوشنىلارغا زىيان يەتكۈزۈش مەقستىدە پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ كۇرسىنى چۈشەرمەيدۇ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنى بايلىق تەقسىماتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسى جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلايدۇ. جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنى پائال قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسىنى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ.

بەشىنچى، سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز. بىز ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ھاسىل قىلغان كۆپ تەرەپلىك ۋە قوش تەرەپلىك ئىقتىساد-سودا كېلىشىملىرىنى ئىجرا قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، سەمىمىي ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چەكلىمىلىككە ئىگە خەلقئارا كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىش، ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئېھتىياجى بويىچە قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرى ئىجازەت، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنى قېلپلاشتۇرۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان، بازارنى بۇرمىلايدىغان نامۇۋاپىق بەلگىلىمە، تولۇقلىما بېرىش ۋە ئۇسۇللارنى ئېنىقلاپ بىكار قىلىپ، بارلىق كارخانا ۋە تىجارەتچىلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، قولايلاشقان سودا مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەدبىرى-جۇڭگونىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجىغا ئاساسەن چىقىرىلغان مۇستەقىل تاللاش، بۇ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇشقا، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق. بىزمۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئالىملىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش پائالىيىتىنى نورمال قانات يايدۇرۇشقا ئادىل، دوستانە مۇھىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو دۇنيا بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان ۋە گۈللەنگەن جۇڭگو ۋە دۇنيا بەرپا قىلىدۇ. بىز بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، ھەمكارلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ، تەرەققىيات مېۋىسىدىن بىرلىكتە ھوسۇل ئېلىپ، ھەرقايسى ئەل خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىپ، دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلايلى!

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، قازاقىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى نەزەربايېف، مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى، چىلى زۇڭتۇڭى پىنېرا، مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىسلارمۇ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىنى ماختىدى، جۇڭگونىڭ يەنە بىر قېتىم «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان شېرىكلىك، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، رايون ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە ياردەم بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى يول بويىدىكى رايونلارنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ دۇنيادا نامراتلىقنى تۈگىتىش، تەرەققىياتتىكى تەكشىسىزلىكىنى ئوڭشاشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇقىملىق، تەرەققىيات، گۈللىنىش يولىغا ئايلاندى.

ئۇلار رەئىس شى جىنپىڭ ئەمدىلا جاكارلىغان جۇڭگونىڭ يەنىمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: دۇنيا قورۇقچىلىق خىرىسىغا دۇچ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىسى ۋە دۇنياغا مەسئۇل بولىدىغان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

ھەرقايسى تەرەپلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى داۋاملىق پائال قوللاش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى خالايدۇ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

«بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى-«بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسى. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باش تېمىسى «‹بىر بەلباغ، بىر يول›نى تەڭ قۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش» بولدى، ئېچىلىش مۇراسىمى، رەھبەرلەر يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنى، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى، مەخسۇس شۆبە مۇنبەر، كارخانىچىلار يىغىنى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەردىن تەركىب تاپقان. 150 نەچچە دۆلەت ۋە 90 نەچچە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 5000 غا يېقىن چەتئەللىك مېھمان بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشتى.

111111111111111.jpg
123123.jpg
1124411822_1556116413456_title0h.jpg