شى جىنپىڭ چەتئەل رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-04-26 14:50:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

شى جىنپىڭ سىپرۇس زۇڭتۇڭى، بىلۇروسىيە زۇڭتۇڭى، مىسىر زۇڭتۇڭى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە زۇڭلىسى، دۇبەي خەلىپىسى، ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان، مالايسىيە زۇڭلىسى، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىنىڭ زۇڭلىسى، ھىندونېزىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا سىپرۇس زۇڭتۇڭى ئاناستاسىيادىس، بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە زۇڭلىسى، دۇبەي خەلىپىسى مۇھەممەد، ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان، مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىنىڭ زۇڭلىسى ئونېل، ھىندونېزىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى يۈسۈپ كاللا بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ سىپرۇس زۇڭتۇڭى ئاناستاسىيادىس بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سىپرۇسنىڭ گەرچە جۇغراپىيەلىك ئورنى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەتلەر بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە چوڭ-كىچىك دۆلەتلەر ئۆز ئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىدە داۋاملىق ئۆز ئارا قوللىشپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقىشى كېرەك. سىپرۇس ياۋروپا-ئاسىيا-ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، بىر بەلباغ، بىر يولنى تەڭ قۇرۇشنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى، جۇڭگو سىپرۇس بىلەن پورت، دېڭىز قاتنىشى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەم ئوتتۇرا يەر دېڭىزى رايونىدا 3-تەرەپ ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلىشنى خالايدۇ. مەن سىپرۇسنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ياخشى دوستلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى يىپيېڭى سەۋىيەگە يەتتى. 2013-يىلى، لىنىيە بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەن بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئالتە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە بىر بەلباغ، بىر يولنى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو-بېلارۇسىيە سانائەت باغچىسىنى بىر بەلباغ، بىر يولنى تەڭ قۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىك قۇرۇلۇشى دېيىشكە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، ساياھەت، مائارىپ، يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىسىر-ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى. سىزنىڭ بۇ قېتىم باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشىڭىز مىسىرنىڭ بىر بەلباغ، بىر يولنى تەڭ قۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىشتەك سەمىمىي ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ ئۇتۇق قازىنىش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى ئورتاق ساداسىغىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ، مەن بۇنىڭغا چوڭقۇر ئاپىرىن ئوقۇيمەن. جۇڭگو مىسىر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ سىياسىيدىكى ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىدە داۋاملىق ئۆز ئارا قوللىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك. جۇڭگو مىسىرنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى باشتىن-ئاخىر قوللايدۇ، سۇۋەيىش قانىلى كارىدورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، سۈۋەيىش ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو يەنە مىسىردا «لۇبەن كارخانىسى» تەسىس قىلىپ، مىسىرلىق ياشلارنى كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەپ بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇشى لازىم. جۇڭگو ئافرىقا خەلقىنىڭ جۇڭگوغا ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، بىز ئافرىقىنىڭ تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تەشەببۇسى ھەم ئافرىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى قوللايمىز، مىسىر بىلەن ئافرىقىغا بولغان ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافرىقىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە زۇڭلىسى، دۇبەي خەلپىسى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلپىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى، مەن مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئالىيلىرى، پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن. جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلپىكىنى بىر بەلباغ بىر يولنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى دەپ بىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئاساسىي لىنىيە بولغان، مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئىككى قانات بولغان، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا ئېشىش نۇقتىسى بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرىشى كېرەك. كېلەركى باسقۇچتا يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىشى؛ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىي كۈچكە زەربە بېرىش قاتارلىق خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭگوغا قۇچاق ئېچىش» پىلانى ئەرەب بىرلەشمە خەلپىكى ئاممىسىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كېلەر يىلى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2017-يىلى مەن زۇڭلى ئەپەندى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلىغان، جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ مۇناسىۋىتى «خوت ئالماشتۇرۇپ سۈرئەت ئاشۇرۇش»دەك تارىخىي يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. جۇڭگو ۋېنگىرىيە بىلەن تەڭ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى كۈتمەكتە. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقە قىلىش قىزغىنلىقىنى ساقلاپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى ياخشى قىلىشى؛ بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش، بىر-بىرىگە ئىشىنىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشى؛ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. كېلەركى باسقۇچتا بىز ۋېنگىرىيە-سىپرۇس تۆمۈريولى قاتارلىق بىر بەلباغ بىر يول رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم. جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ھەمكارلىقى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ۋېنگىرىيەنىڭ بۇ جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شى جىنپىڭ مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىغا 45 يىل بولدى، بۇ 45 يىلنىڭ يېرىمىدا سىز زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدىڭىز، سىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتىڭىز. ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ باش تېمىسىغا ئوخشاش، بىر بەلباغ بىر يولنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ بىر بەلباغ بىر يولنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئاساسى پۇختا، ئىستىقبالى پارلاق، ئىككى تەرەپ پىلاننى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىش سۇپىسىنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى دۆلەت قوش باغچە» پىلانىنى زورايتىپ، بۇنى «قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز يېڭى يولى»نىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. سىز «ئاسىيا قىممەت قارىشى»غا ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنى تەشەببۇس قىلدىڭىز، ھازىرقى ۋەزىيەتتە بۇ ناھىيىتى رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ۋە دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو مالايسىيانىڭ كېلەر يىلى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ساھىبخانلىقىنى ياخشى ئۆتۈشىنى قوللايدۇ، رايون ئىقتىسادىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىنىڭ زۇڭلىسى ئونېل بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا، مەن پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم ھەمدە تىنچ ئوكياندىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان سەككىز ئارال دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. مەن ئىككى تەرەپنىڭ زىيارەتنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىدىن، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشالمەن. نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىنىڭ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا. جۇڭگو پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى قىلغانلىقى، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونى قەتئىي قوللىغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرېن ئېيتىدۇ. جۇڭگو پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى مۇستەقىل تاللىشىنى قوللايدۇ، پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسى بىلەن بىر-بىرىگە ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇق مۇھەببىتىنى چىڭىتىپ، كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى قوللايدۇ. پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسى بىر بەلباغ بىر يولنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش جەھەتتە تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇ، بىز ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئارال دۆلەتلەر رايونىدا بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇش ئۈلگىسى ۋە باشلامچىسى بولىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى يۈسۈپ كاللا بىلەن كۆرۈشكەندە كاللا سۇنغان ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكونىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خېتىنى قۇبۇل قىلدى ھەمدە كاللا ئارقىلىق زۇڭتۇڭ جوكوغا سەمىمىي سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ھىندونېزىيەدە ئوتتۇرىغا قويغان. مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» نى بىرلىكتە قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتە يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي پايدا يەتكۈزگەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈم. ئىككى تەرەپ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى داۋاملىق نۇرلاندۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆز ئارا قوللاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلىشى كېرەك. «بىر بەلباغ بىر يول» نى بىرلىكتە قۇرۇش بىلەن «يەر شارى دېڭىز ئوكيان تايىنىش نۇقتىسى» نى تۇتاشتۇرۇش-يېڭى مەزگىلدىكى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ باش پىروگراممىسى. ئىككى تەرەپ نۇقتىلىق ھەمكارلىق ساھەلىرى ۋە يۆنىلىشىنى تېزدىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى قاتارلىق نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەن ئۆز ئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەقسەت-نۆۋەتتە دۇنيادا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۇڭگو لايىھەسىنى بېرىش. بۇ 64 يىل ئىلگىرى جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە بىرلىكتە تەشەببۇس قىلغان «باندۇڭ يىغىنىنىڭ 10 پىرىنسىپى» بىلەن تومۇرداش. ئىككى تەرەپ ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى بىرلىكتە قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشى كېرەك.

123123.jpg
1124411822_1556116413456_title0h.jpg