شى جىنپىڭ ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئالىيېف بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-04-25 18:37:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتېكىن ئىمام

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئالىيېف بىلەن كۆرۈشتى. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەزەربەيجان جۇڭگونىڭ ياۋروپا-ئاسىيا رايونىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى، شۇنداقلا بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇشقا ئەڭ بۇرۇن ئاۋاز قوشقان ھەم پائال قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ھەمكارلىقىدا بىر قاتار نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىشىنى، ئەزەربەيجاننىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇش ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو ئەزەربەيجان بىلەن تەڭ تىرىشىپ، بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىيات پىلانلىرىنى ئۇلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەڭ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، يەرلىكلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

ئالىيېف مۇنداق دېدى: ئەزەربەيجان جۇڭگونى يېقىن دوست ۋە شېرىك دەپ بىلىدۇ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە جۇڭگو كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە جۇڭگونى تولۇق قوللايدۇ. ئەزەربەيجان باشتىلا بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشقان ۋە قاتناشقان. ئەزەربەيجان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، مەبلەغ سېلىش، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش، يېزا ئىگىلىكى، ئۇچۇر، خەۋەرلىشىش، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور. ئەزەربەيجان ئۆزگىچە رايون ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، رايوننىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئەزەربەيجان جۇڭگو بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە بىرلىشىپ زەربە بېرىشنى خالايدۇ. ئەزەربەيجان جۇڭگونىڭ ئۆزى بېكىتكەن يول بويىچە مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ھەمدە زور نەتىجە ھاسىل قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

1124411822_1556116413456_title0h.jpg