شى جىنپىڭ چىلى زۇڭتۇڭى پىنېرا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
0
2019-04-24 18:01:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار تۇردى

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 24–كۈنى خەلق سارىيىدا چىلى زۇڭتۇڭى پىنېرا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چىلى يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تۇنجى جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تولۇق بازار ئىگىلىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان، جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان ھەمدە دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى، جۇڭگو-چىلى مۇناسىۋىتى ئۇزاق مۇددەتتىن بۇيان جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى. بىز باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى يېڭى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىپ ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوـچىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە تۈرلەرنى بېكىتىپ، چىلى بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ سودىسى ۋە سېلىنمىسىنىڭ سۈپىتىنى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كانچىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە، ئۇچۇر-ئالاقە، ئېلېكتىرونلۇق سودا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى يۈرۈشلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو چىلى تەرەپنىڭ ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ يىللىق بىرەسمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللاپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىكچىلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغدايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيىتى تەرەققىي قىلىۋاتقانلار دۆلەتلەر ھەمكارلىقى. ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

پىنېرا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چىلى بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى. چىلى ئۇلۇغ جۇڭگونىڭ ئۇزاق شانلىق تارىخىي مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ شانلىق تارىخىنى قايتا نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈردى. چىلى «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشنى قوللاپ، رايونلارنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. چىلى جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى، يېشىل تەرەققىياتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئالاقىدار ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ۋە كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. چىلى كۆپ تەرەپلىكچىلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو بىلەن رايون ۋە كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا ھەمكارلىشىپ، لاتىن ئامېرىكىسى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە ئۈلگىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ، چىلىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ئۈمىدى كامىل.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا پىنېرانى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پېڭ لىيۈەن، دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، بەي ماچىلىن، ۋاڭ يى، ليۇ چىباۋ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

 

1124404403_15560008792771n.jpg