شى جىنپىڭ دېڭىز ئۈستى ھەربىي پارات پائالىيىتىگە قاتناشتى
0
2019-04-24 14:30:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان ئىسمايىل

 

شى جىنپىڭ خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش دېڭىز ئۈستى ھەربىي پارات پائالىيىتىگە قاتناشتى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 23-كۈنى چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پارات پائالىيىتىگە قاتناشتى.

چىڭداۋدا باھار پۇرىقى قويۇق بولدى، خۇاڭخەي دېڭىزىدا باھار دولقۇنى مەۋج ئۇردى. چىڭداۋ ئولىمپىك يەلكەنلىك كېمە مەركىزى پىرىستانىدا، پارات ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان شىنىڭ ناملىق پاراخوت دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قائىدە-يوسۇنى بويىچە نۇرغۇن بايراق ئاسقان ئىدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، 1-ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىقى شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى. 61 دۆلەتتىن كەلگەن دېڭىز ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرى پاراخوتقا يىغىلىپ، خۇشاللىق پەيتىنىڭ كېلىشىنى ئورتاق كۈتتى.

سائەت 12 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ چىڭداۋ ئولىمپىك يەلكەنلىك كېمە مەركىزى پىرىستانىغا كەلدى. ھەيۋەتلىك مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئارقىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈش پاراخوتىغا چىقتى.

سائەت 13 لەردە پاراتتىن ئۆتىدىغان پاراخوتلار گۈدۈك چېلىپ، پاراتتىن ئۆتىدىغان دېڭىز رايونىغا قاراپ ماڭدى.

بۇ چاغدا، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 32 ئۇرۇش پاراخوتى ھەيۋەتلىك تىزىلدى، كۈرەشچى ئايروپىلانلار قانات يېيىپ ئۇچتى، يىراق ئوكيان ئارقىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقىلى كەلگەن 13 دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 18 پاراخوتى رەتلىك سەپ تۈزدى.
سائەت 14 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە پاراتتىن ئۆتىدىغان پاراخوتلار بەلگىلەنگەن دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ كەلدى. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى شېن جىنلۇڭ پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىم تەييارلىقىنىڭ پۈتكەنلىكىنى دوكلات قىلدى، شى جىنپىڭ پاراتنى باشلاش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. جۇشقۇن «سەپ تۈزۈش مارشى» دېڭىزدا ياڭرىدى.

پاراتتىن ئۆتىدىغان پاراخوتلار سۇ ئاستى كېمىسى توپى، قوغلىغۇچى پاراخوت توپى، قوغدىغۇچى پاراخوت توپى، قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى توپى، ياردەمچى پاراخوت توپى، ئاۋىياماتكا توپىغا ئايرىلىپ دولقۇن يېرىپ كەلدى. پاراتتىن ئۆتكەن ئايروپىلانلار كۆكتە پەرۋاز قىلدى.

دېڭىز دولقۇنلىماقتا، پاراخوت ئېقىمى ئۆركەشلەپ كەلمەكتە. 1949-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى جياڭسۇنىڭ تەيجۇ بەيما بۇتخانىسىدىن يولغا چىققان خەلق دېڭىز ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە يول بويى دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدىغان دېڭىز قوراللىق كۈچىگە ئايلاندى.

پاراتتىن ئۆتىدىغان ھەربىي پاراخوتلار پاراتتىن ئۆتكەندە، بىردەك گۈدەك چالدى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر رەتلىك تىزىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى. «يولداشلار ياخشىمۇسىلەر!»، «رەئىس ياخشىمۇ سىز!»، «يولداشلار جاپا چەكتىڭلار!»، « خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز! ھەيۋەتلىك دېڭىز شاۋقۇنى ھەربىي ئوركىستېر مۇزىكا ساداسىغا جۆر بولدى، شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمى بىلەن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ جاراڭلىق جاۋابى قوشۇلۇپ كەتتى، قوماندان بىلەن ئوفىتسىېر ئەسكەرلەرنىڭ قەلبى زىچ باغلاندى.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە. شى جىنپىڭ خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنى كۆپ قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ، «تىرىشىپ خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېڭىز ئارمىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» چاقىرىقىنى چىقاردى. خەلق دېڭىز ئارمىيىسى يېڭى قىياپەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

سائەت 15 لەردە پاراتتىن ئۆتىدىغان پاراخوتلار يۆنىلىشىنى تەڭشەپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان زىيارەتكە كەلگەن پاراخوت ئەترىتىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

خەلقئارا فىلوتلارنىڭ پاراتتىن ئۆتىشى-دېڭىز ئارمىيەسىدىن ئىبارەت بۇ خەلقئارالىق ئارمىيە تۈرىنىڭ ئۆزگىچە دېڭىز ئۈستى قائىدە-يوسۇن پائالىيىتى، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشىدىكى بىر خىل ئۆزگىچە ئۇسۇل.

رۇسىيە، تايلاند، ۋيېتنام، ھىندىستان، ياپونىيە، فىلىپپىن، بېنگال، برۇنېي، كورېيە، سىنگاپور، ئاۋسترالىيە، مالايسىيا، بىرما قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرى نۇرغۇن بايراق ئېسىۋالغان ئىدى، ئۇلار ئۇرۇش قىلغۇچى پاراخوت، ياردەمچى پاراخوتلارنىڭ رەت تەرتىپى، تونناژلىق چوڭ – كىچىكلىك بويىچە تىزىلىپ، تەرتىپ بويىچە پاراتتىن ئۆتتى.

شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرىگە قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ھەر قايسى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرى كۆزدىن كۆچۈرۈش پاراخوتىنىڭ ئارقا پالۇباسىدا ئولتۇرۇپ مۇراسىمنى كۆردى.

سائەت 15 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، «دوستلۇق مەڭگۈلۈك » ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش دېڭىز ھەربىي پاراتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

شۈ چىلياڭ، دىڭ شۆشياڭ، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

 

1124404403_15560008792771n.jpg